مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
مەندىن كېچەر بولساڭ ناۋادا،
دىلخانەمدە ئۆچىدۇ چىراغ.
مەنغۇ چىداپ ياشايمەن، ئەمما
سېنى قايتا باسماسمۇ پىراق؟!
سېنى ئىزلەپ بارمىسام، نىگار،
چوغ ئىچىدە ياشايسەن غەمكىن.
ھىجران ئوتى قەلبىڭدە يانار،
يۈرەلمەيسەن ھەرگىزمۇ تەمكىن.
ئىشقىڭ بولغاچ روھىمغا يېقىن،
سېنى كۈيلەپ ئېيتتىم غەزەللەر.
ئۆز بەختىنى تاپمىدى،بىلگىن،
سۆيگۈسىدىن تانغان گۈزەللەر.
بولۇپ قالما بىۋاپا سەنەم،
سۆيگۈ قۇشى ئۇچمىسۇن سامادا.
سېنى ئەسىر قىلىدۇ ئەلەم،
مەندىن كېچەر بولساڭ ناۋادا.
2004-يىل5-مارت جۈمە كېچە، باي.