مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
ئويلىنىپ قالىمەن ئۆزۈم ھەققىدە،
بىر چۈشتۇر چىن سۆيگۈ بەرگىگە قونۇش،
سەن بىلەن ئۆتكەن كۈن شېرىن ئەسلىمە،
كۆزلىرىڭ تونۇشتۇر، قەلبىڭ ناتونۇش.
ئالغانتىڭ بىر چاغلار كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ،
يۈرەتتىڭ خىلۋەتتە قولۇمنى تۇتۇپ،
ئاھ، ئەمدى يۈرەكلەر مۇزلىغان قۇتۇپ،
كۆزلىرىڭ تونۇشتۇر، قەلبىڭ ناتونۇش.
مۇڭدىشىپ يۈرمەيمىز باغلاردا ئەمدى،
سەن ماڭا مېھرىڭنى بەرمىگەن ئەسلى،
ياشلىقنىڭ ئەلەملىك پەيىتلىرى كەلدى،
كۆزلىرىڭ تونۇشتۇر، قەلبىڭ ناتونۇش.
يېنىڭدىن يىراقلاپ كېتىمەن مەڭگۈ،
پاك دىلىم ئىزلىگەچ ھەقىقىي سۆيگۈ،
ھەسرەتتە ياش تۆكۈش ۋاقىتلىق تۇيغۇ،
كۆزلىرىڭ تونۇشتۇر، قەلبىڭ ناتونۇش.
2009 -يىل23-مارت دۈشەنبە،ئۈرۈمچى.