مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
چىن ئاشىقنى چۆلدە مەجنۇن قىلماڭ گۈزەل قىز،
ھۆسنىڭىزگە بۇنچە مەپتۇن قىلماڭ گۈزەل قىز.
سۆيگۈ ئۈچۈن دەرۋىش بولغان شاھزادىڭىزنى
ئازابلىماڭ، قەلبىنى خۇن قىلماڭ گۈزەل قىز.
جۈپ كۆزىدىن باشلىنىدۇ دەريالار ھامان،
كۈلكە بەرمەي ئۇزاپ كېتەر نۇر كەبى زامان،
ئاشىق ھەيران، يول-يوللاردا قالار پەرىشان،
ھەمدەم بولۇڭ، بۇنچە ئازغۇن قىلماڭ گۈزەل قىز.
كۈز سۈپەتتۇر چېھرى، ئەمما ئۆزى بىلەلمەس،
سەييارىدەك سىزنى ئەگىپ، يىراق كېتەلمەس،
ۋەسلىڭىزگە يېتەلمەس يا سىزدىن كېچەلمەس،
سۆيگۈ بېرىڭ، غېرىب تۇتقۇن قىلماڭ گۈزەل قىز.
سىز بىپەرۋا، ھۆرلەر بىلەن قۇرارسىز سۆھبەت،
كۆيگەن دىلنىڭ گۈلباغلىرى خازان، ئاقىۋەت،
نەھات بېرىپ ئۆزگىلەرگە شېرىن مۇھەببەت،
ئاشىقنى خار،ياتنى مەمنۇن قىلماڭ گۈزەل قىز.
2008يىل17-سېنتەبىر چارشەنبە سەھەر، ئۈرۈمچى.