مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
يۈرىكىمگە شولا تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتىڭىز،
سىزنى ئىزلەپ يۈرگىنىمدە يۈتۈپ كەتتىڭىز.
سىزگە مېھىر بېرىشىمگە كەتمەيدۇ سەۋەب،
دىل سۆزۈمنى ئېيىتسام، ئەجەب چۆچۈپ كەتتىڭىز؟!
بۇ دەۋرنىڭ سىزدەك گۈزەل رەنالىرى بار،
قەلبى كۆيگەن بىزدەك چىۋەر بەرنالىرى بار،
ئاشىقلارنىڭ ئارىسىدا يېگانىدۇرمەن،
پاك دىلىمدا چىن سۆيگۈنىڭ دەريالىرى بار.
تۇرنا بولۇپ يىراقلارغا قىلارسىز پەرۋاز،
بىزگە كۈلۈپ باقمىغايسىز، قىلمىغايسىز ناز.
زىمىستاندا قويماڭ مېنى، يېنىمغا قايتىڭ،
ئۆمۈر بېغى گۈللىنىدۇ كەلسە باھار، ياز.
2008-يىل27-ئۆكتەبىر دۈشەنبە، ئۈرۈمچى.