مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
سەن قەلبىڭنى ئاچمىدىڭ ، ئەي قىز ،
مېھرىم بىلەن چەكسەممۇ ئاستا .
ئۇچتۇڭ ، بولۇپ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ،
مەن قۇشلارغا دەۋەتتىم : ئەستا......
مانا ئەمدى دېڭىز بويىدا ،
جىمىرلايسەن ، بەختىڭنى كۈتۈپ .
يالغۇز پېتى ، ھاياتىڭ گۈلى –
ئون سەككىز ياش كەتمەكتە ئۆتۈپ .
پىچىرلايسەن يېرىم ئارالدا ،
دەرد تۆكمەيسەن بىراق ھېچكىمگە .
مەن سىردىشىڭ بولاي دىسەممۇ ،
غېرىبلىقىم كىرمەس چۈشۈڭگە .
ئاشىقلىقىم قىينىغاچ دەھشەت ،
قالدىم تونۇش شەھرىمدە تېنەپ .
مەن يۈرىمەن لېكىن رەببىمدىن ،
ساقلىقىڭنى، ۋەسلىڭنى تىلەپ .
خىيالىڭدىن ئۈنەلمەيمەن ھېچ ،
سەن باھاردەك كۈلمىگەچ ، ئەپسۇس .
ئارزۇيۇم شۇ : بىرلەشسە جۈپ دىل ،
تەنھالىققا ئېيتساق :خەير – خوش !
2004 – يىل 31-مارت چارشەنبە، باي .