مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
مەن ۋەتەندە سايرىغان بىر قۇش ،
گاھى كۈندۈز ، گاھى تۈنلەردە.
بوپ قالىمەن چوقۇم شېرىن چۈش ،
مەن جاھاندىن كەتكەن كۈنلەردە.
شېئىرلىرىم كەتكۈزسە ئەلەم ،
غېرىب ئۈچۈن جان بەرسە سەنەم؛
كۈلسە دەيمەن پەرىشانلار ھەم ،
مەن جاھاندىن كەتكەن كۈنلەردە.
ئۆمۈر بېغىم خازان بەرىبىر ،
ئەجەل مەڭگۈ ئۆزگەرمەس تەبىر،
يارەنلەرگە كېرەكتۇر سەۋر،
مەن جاھاندىن كەتكەن كۈنلەردە .
«ساددا ، خۇشخۇي يىگىت ئىدى » دەپ ،
توي – تۆكۈندە قويۇڭلار ئەسلەپ،
تۇپرىقىمنى بېرىڭلار ئىزلەپ ،
مەن جاھاندىن كەتكەن كۈنلەردە.
2008 -يىل 28-ئاۋغۇست پەيشەنبە كېچە، ئۈرۈمچى .