مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار
خىياباندا مېنى كۈتمە ، تىلىكىڭگە يېتەلمەيسەن ،
چىمەنزاردا قېلىپ تەنھا ، دىلىڭ خۇرسەن ئېتەلمەيسەن .
مېنىڭ قەلبىم سېنىڭچۈن ھېچ ئېچىلماس تىلسىمات غاردۇر ،
چېكەرسەن ئۆرتىنىپ ، ئەمما بىرەر مەررە كىرەلمەيسەن .
سېنىڭ سەۋدالىقىڭ ئەسلى ماڭا مەنسۇپ ئىدى بىر چاغ ،
لېكىن كۆچتى بۇ ئاشىقلىق ، كۈلۈپ لەھزە يۈرەلمەيسەن .
كۆڭۈلسىز ئاخشىمىڭ كۆپتۇر ، خۇشال كۈنلەر رىۋايەتتۇر ،
پىراقلارمۇ بەغايەتتۇر ، ۋىسال قايدا ؟ بىلەلمەيسەن .
خاراب بولدۇڭ ، نەزەر سالماي ئۆتەر بولسام ، كېلەرسەن تېز ،
ئەگەر قىلسام ئەلەملەر ھەم يېنىمدىن ھېچ كېتەلمەيسەن .
سېنىڭ تۈندەك نىگاھىڭدىن ئۈنەر شەبنەم باھار ، ياز ، كۈز ،
دىلىڭ ئاخىر زىمىستاندۇر ، قىزىلگۈللەر كۈتەلمەيسەن .
ئۈمىدۋارغا «بى شەپقەت» دەپ سۈپەت بەرمە ، پەرىشان قىز ،
مۇھەببەت ئەھلىگە مەڭگۈ ئېنىق تەبىر بېرەلمەيسەن .
2007-يىل 1-ئىيۇن جۈمە كېچە ، ئۈرۈمچى .