رائىلەم
قاچانلاردا ئۇتۇۋالدىڭ كۆڭلۈمنى،
ئوينىتىپ شوخ كۆزلىرىڭنى رائىلەم.
سالدىڭ باشقا تۈمەنلىەگەن سەۋدانى ،
كۆزلىرىمگە رەڭسىز بولدى بۇ ئالەم .
سۈزلىرىمگە ئەسلا پەرۋا قىلمىدىڭ،
بىلەلمىدىم ھالىتىڭگە نە سەۋەپ.
ئېلىپ قاچساڭ كۆزلىرىڭنى كۆزۈمدىن ،
قانداق باراي يېنىڭغا سۆيگۈ تىلەپ
تېڭىرقىدىم ھاياتىمدا تۇنجى رەت،
سۆزلىرىڭدىن يۈرىكىم يېدى خەنجەر
ئاشىقىڭنىڭ يولى تار ھەم تىللىرى،
كەھرىۋا ئەتتىڭ يۈزۇمنى ھەر سەھەر.
بىلىپ قويغىن بۇ كۆڭلۈمنى رائىلەم ،
سەزمەي سېنى سۈيۈپ قالغان ئوىشايمەن
ئوت چاچىسەن تەبەسسۇمۇڭ،كۈلكەڭدە،
نىمە قىلسام سۆيۈشىمنى بىلەرسەن.
ئەسلى ئالەم مۇھەببەتنىڭ كىتابى،
سۈيۈلۈشتىن سۈيۈش كۆپتۇر ھەر زامان.
گاھ ئەۋەتەر ئۆلتۈرگۈچى قاتىلنى،
گاھ سۆيگۈنى تەبرىكلىسە بۇ ئاسمان.