دىلبەرنى ماختاش
ئىزانى غىزا دەيمەن ھەركىمگە سېنى ماختاپ،
پۇركەتسە نادان داڭقىم قالماس تەرىپىڭ توختاپ.
كۆكلەمدە يېشىل كۆينەك،بەخشەندە سېرىقتاللىق،
ئاچ كىرسە كۆرۈپ مەڭزىڭ،ئەيلەيدۇ ھەسەت بىتاپ.
ياز گۈلنى پەۋەس قىلسا،تاۋۇسنى ئەلەس قىلسا،
كۈلسەڭ ھەپىرەڭ سۇلغاي ئەتلەسنى قۇياش چاغلاپ.
كۈز چاچسا نېمەت ـــ ئالتۇن،ھاتەم ئۇ پېقىر ئاخىر،
زەررەڭ كوكۇلۇڭ ئۇچسا جۇدۇندا ،تىلەر ئاپتاپ.
قىش قىلسا كۈمۈش چاچقۇ،باغلاردا كېپەن تۇيغۇ،
جۈپ ئاھۇ كۆزۈڭ گۈلخان جان بەھرى ئالار قاقلاپ.
كۈن ئايغا،سېنى ئېيتماي،توي تارتسا دىلى خامۇش،
بارساڭ، ئەگىشىپ كەتكەي...ئاي كۆكنى بىراق تاشلاپ.
تەڭلەپ سۇ پەرى دۇر، دەر: ئىككىنچى يېقىن كەلمە!
ساھىلغا كېلىپ قالساڭ شور دەريا سۈيى قايناپ.
دىلبەر يۈرىكى تاغ دەپ مەيدىنى كېرەر مەغرۇر،
يىلتىزى تىرەن ئەرتىل تاغ باغرىدا يانپاشلاپ.