
تەنھالىق ئىچىدە ئازاپلىق خىيال سۈرىۋاتقان بىچارە ، مىسكىن ھالىتىمنى
كۆزئالدىمغا كەلتۈرگەندە ئۆز - ئۆزۈمگە ئىچ _ ئىچىمدىن ئېچىنساممۇ ،
ئەمما سىزنىڭ ماڭا پەرۋاسىز ھالىتىڭىزنى ئويلىغىنىمدا سىزدىن ئۈمۈدىمنى
ئۈزمەكچى ، ئۇنتۇپ كەتمەكچى ، بىز تونۇشقان ، شىرىن خىياللار بۆشۈكىدە
تەۋرىنىپ غەمسىز ئۆتكەن ئاشۇ قىسقا ، ئەمما ئىنتايىن كۆڭۈللۈك يىللارنى
ئېسىمدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدۇم .
بىراق ، مەن .......
نىمىشقا ئۇنداق قىلالمايدىغاندىمەن .......
قانچە قىلساممۇ سىزنى ئۇنتىيالمىدىم .
ئۇزۇن ھەم دولقۇنلۇق خىياللىرىم روھىمنى تىنىمدىن يىپنى سۇغارغانغاندەك
سۇغىرىۋېلىپ ، سىزنى ئەسەبىيلەرچە سۆيگەن ، ئاشۇ ھېچنىمىگە تەڭ قىلغۇسىز
قىسقا ، ئەمما تەسۋىرلىگۈسىز شىرىن چاغلارلاردىكى يۈرەك سوقۇشلىرىمنى
ئۈنتىنسىز تىڭشاشقا ، ئايدىڭ كېچىلەردە يانمۇيان مېڭىپ گۈزەل ئارزۇلار ھەققىدە
سىرداشقان ئاشۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە يۈزلەندۈرىدۇ .
قوياش شىرىن ئۇيقۇسىنى باشلىغان چاغدا بېشىمنى ياستۇققا قويغان ھامان
چۈشلىرىمدە سۇس پىچىرلاپ ئۇيقۇمنى بۇزىسىز . تىپتىنىچ كېچە خۇددى
ئايىغى چىقماس خىيالىمدەكلا ئۇزۇن بىلىنىدۇ ...... ياستۇقلار يامغۇردا قالغاندەك
ھۆل بولىدۇ
..............................
.......................................
......................................
