Article Center - ماقالە مەركىزى - تۇنۇش ئاۋاز ناتۇنۇش شاھەر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


تۇنۇش ئاۋاز ناتۇنۇش شاھەر

   ئۇنىڭ ئاۋازى مېنى سۆيۈندۈرگەن، خۇشال قىلغان، ئاشۇ ئاۋازنىڭ بەرىكىتىدىن كەيپىياتىم كۆتۈرۈلگەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ئاۋاز ۋە ئۇ ئاۋازنىڭ ئىگىسىگە قەلبىمدىن ئالاھىدە ئورۇن بېرىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىغاندا  مەن خىيال قىلىۋاتقان شېرىن مەنزىلنىڭ لەززىتى تامامەن يوقىلىپ كېتەتتى.
     مەن پەقەت ئاشۇ ئاۋازنىلا تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىمەن. ئەمما ئېرىشكىنىم ئاۋازدىنمۇ ئېنىق ئاڭلىنىدىغان نەرسىلەر بولدى. ئاۋازنىڭ ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكنى، ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، نەچچە ياش ئىكەنلىكىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ۋە چىراي شەكلىنى پەقەتلا بىلمەيمەن. ئەمما ئۇ ئاۋاز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ماڭا ئوخشاشلا تىرىك ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ماڭا ئوخشاشلا قان بىلەن گۆشتىن تۆرەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمەن. شۇنداق بولغان ئىكەن مەن دائىم ئاڭلايدىغان مەنىلىك سۆزلەرنىڭ ساداسى مېنى بىر پۈتۈن ئىنسانغا تۇتاشتۇرغان بولىدۇ.
     مەن ئۇنىڭ قايسى شەھەردە ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنى تەۋە قىلغان گۇرۇھنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇنى مۇشۇ شەھەردە دەپ پەرەز قىلدىم. بۇ بىر ناتونۇش شەھەر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىمۇ ھەم شۇنداق. گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ ھېلىقى ئاۋازنىڭ مەنبەسىنى مۇشۇ شەھەردە ياشايدۇ دەپ پەرەز قىلغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ شەھەرگە كېلىپ ئىش بېجىرىش ۋەزىپىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. كوچا-رەستىلىرى ۋە ئادەملىرى پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان شەھەردىن بىر بەكمۇ تونۇش ئاۋازنىڭ ئىگىسىنى تېپىۋېلىش_ھەقىقەتەنمۇ ئاسانلىقچە مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ جاينىڭ كوچا-رەستىلىرىنى كۆپ ئايلاندىم. ئۇنى ئۇچۇرتالايمەن ياكى ئۇنى ئاللىقاچان ئۇچۇرتۇپ بولدۇم دېگەن خاتا تۇيغۇنىڭ يېتەكلىشىدە ئۆز-ئۆزۈمنى ئالدىدىم. ئوڭلاشقىمۇ بۇ شەھەر ۋە ئادەملىرى ماڭا باشقىچە ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلىدى.. مەن كۆرۈشنى ئىستىگەن كىشىنىڭ مۇشۇ شەھەردە بار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ھەربىر بىنا ۋە ھەربىر چىراي ماڭا چىرايلىق تۇيۇلدى. ئۇ بەلكىم ئاۋۇ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىدۇ ياكى قېشىمدىن ياندىشىپ ئۆتكەنلەر ئىچىدىكى بىرسىدۇ. گەرچە ئاۋازلىرىمىز بەكمۇ تونۇش، بەكمۇ يېقىن بولسىمۇ، بەدەنلىرىمىز بەكمۇ ناتونۇش ۋە بەكمۇ يىراقتا. ئۇچرىشىپ قالساقمۇ بىر-بىرىمىزدىن گۇمان قىلغان ھالەتتە  مۇئامىلە قىلىشىمىز مۇمكىن.
     يۇرتقا ئاپتوبۇس بىلەن قايتتىم. ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغاچ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم. ئۈزلۈكسىز ئۆتۈۋاتقان مەنزىرىلەردىن زامان ۋە ۋاقىتنىڭ سېھىرلىك ھۆكۈملىرى ھاسىل بولماقتا ئىدى. گەرچە رەستىلەرنى بىھۇدە ئايلانغان بولساممۇ، كەيپىياتىم چاغ ئىدى. قۇلىقىمغا سىڭىپ سىڭىپ كەتكەن ئاۋازنىڭ مەنبەسى مۇشۇ شەھەر بولغانلىقى ھەمدە ئاۋاز ئىگىسىنىڭ مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغانلىقى، مۇشۇ شەھەردىكى ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەھەرنىڭ ھەممە نەرسىسى مەن ئۈچۈن ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك. مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئۇ شەھەرنى ۋە ئادەملىرىنى كۆرىۋالغانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن. ھەربىر كۆرۈنۈش ۋە سىملارنىڭ جەۋھەرلىرىنى جەملىگەندە ئۇنىڭ ئوبرازى نامايان بولىدۇ.
     ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باشقىچە خەۋەر ئاڭلىدىم. ئۇ ئاۋازنىڭ ئىگىسى ئەمەلىيەتتە باشقا شەھەردە ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭ ئۆز ئېغزىدىن ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئىشەنمەي ئامالىم يوق ئىدى. بۇ چاغدا ئۇنى بار دەپ ئويلىغان شەھەردىكى ھاياجانلىرىم ۋە ئىزتىراپلىرىم نېمىگە ھېساب؟ ئۇنىڭ مەن بار جايدىن قانچىكى يىراق شەھەردە ياشايدىغانلىقى_مەن ئۈچۈن ياخشى ئىشتىن دېرەك بەرسىمۇ، يەنىلا ئۈمىدسىزلەنگەندەك بولدۇم. ئەگەر يېقىنلا شەھەردە بولسا ئىزتىراپلىرىم تەكرارلىنىۋەرگەن بولاتتى.
     ماڭا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ھېلىقى خاتا تۇيغۇدا بولۇپ قالغان شەھەرگە قايتا قەدەم باستىم. بىراق ئەھۋال باشقىچە ئىدى. كۆزۈمگە  ھەممە يەردىن بوران ئۇچۇۋاتقان مەنزىرىلەر، ئۈمىدسىزلىككە، بۇرۇقتۇرمىلىققا تولغان تۇرمۇش مەنزىللىرى كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئادەملىرى ۋە كوچا-رەستىلىرىدىن تالاي قۇسۇرلارنى تېپىپ بولدۇم. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ شەھەر ئالدىنقى قېتىمدا كەلگىنىمدىكىدەك تۇرغان بولسىمۇ، بۇ شەھەردىكى ئۈمىدىم، ئىنتىلىشىم يوقالغاچقا، ھەممە نەرسە كۆرۈمسىز كۆرۈنۈۋاتسا كېرەك. ئوخشاش بىر شەھەردە، ئوخشاش بىر ئادەمدىكى ئوخشىمىغان تۇيغۇ. بۇ يەردە ئۆزگىرىۋاتقىنى زادى نېمە؟ ھەممە نەرسىنى چىرايلىق كۆرسىتىدىغان تۇيغۇ قەيەردە قالدى؟
يەنە شۇ ئاپتوبۇس بىلەن قايتتىم. دېرىزىنىڭ سىرتىدىن مەنزىرىلەر ئەمەس، ئەندىكىش، جىلە بولۇشنىڭ سىمالىرى ئۆتۈۋاتىدۇ. ھەي! ھاياتلىقتىكى ئاشۇ تۇيغۇلارنى ۋە چۈشەنچىلەرنى كونترول قىلالىسام ياخشى بولاتتى

         كۆرۈلۈشى:753     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/4/3 12:36:03يوللىغۇچى ئەزا:RIWAYAT2002

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:مانابۇ - مىنىڭ دادام
كېيىنكى ماقالە:ئانا
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号