|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
بىر جۇپ ئەر-خۇتۇنلارنىڭ خاتىرىسىدىن
|
|
|
بىرجۆپ ئەر-خۇتۇنلارنىڭ خاتىرىسىدىن پارچە ئايال: ئەجەپ تويدۇم بۇ تۇرمۇشتىن ، ئۇ ھە دىسىلا كەچ كىلىۋاتقان ، تىخى بىر نىمە دىسەم ھۆرپىيىدۇ ، مۇنداق تۇرمۇشنىڭ نىمە لەززىتى بولسۇن ؟ ئەر: ئايال خەق دىگەن نىمىنى بىلەتتى . ئۇنىڭ ئۇستىبىشىغا ئەڭ مودا كىيىملەرنى ئىلىپ بىرىۋاتسام ، تىخى قولىدىكى ئالتۇن ئۈزۈكلەرمۇ ھىچكىمنىڭ قولىدا يوق ، يەنە زارلاپلا ئۆتكەن . ئايال: مەن ئۇنىڭدىن ھەقىقەتەن بىزارلىق ھېس قىلىۋاتىمەن ، بىراق ھەممىنى تەل قىلىپ بىرىۋاتقان ئەردىن يەنە ۋايساپ يۇرۇش نەھاجەت . ئەر: خوتۇن مەندىن رەنجىمىگىن ، ئىدارىنىڭ ئىشلىرى ماڭىلا قاراشلىق بولۇپ قالدى . شۇڭا بەزىدە كەچ قالىمەن ، تىخى ئىدارىدىمۇ تۈنەپ قالىمەن . ئايال: ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان . بەلكىم راسىت جايلىرى بولىشىمۇ مۇمكىن . نىمىلا دىگەن بىلەن ، شۇ بىچارە ئېرىمنىڭمۇ قىلىۋاتقانلىرى مۇشۇ ئۆي ئۇچۇن ئەمەسمۇ . ئەر: خوتۇن ئاخىر رايىمغا باقتى . ئەمدى ئۇ مىنىڭلا ئاغزىمغا قارايدىغان بولدى . مەن ئۇچۇن بۇنىڭدىنمۇ زور ئەركىنلىك بولامدۇ ؟ ئايال: بۇگۈن ئۇ مىنى باشلىقلار سورىنىغا ئىلىپ بارماقچى ، ئېھتىمال سورۇن تانسا ، ئۇسسۇلسىز بولمايدۇ . سورۇندا ئېرىمنىڭ باشلىقىنى بىر قانچە قول تانسىغا تارتىپ قويمىسام بولمايدۇ . بۇنىڭغا مىنىڭ تىنىم ئۇپراپ كىتەمتى . ئەر: خوتۇن خەقنىڭ كارامىتىنى ئەمدى بىلگەندەك بولۇۋاتىمەن . ئاشۇ بىر قانچە قول تانسىدىن كىيىن باشقارما باشلىقى بولۇپ قالدىم ، تىخى مالىيە ھوقوقىمۇ مىنىڭ قولۇمدا ....... ئايال: ئاجايىپ ئىش ، ئېرىم باشقارما باشلىقى بولىۋىدى ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىن ئەگىپ كىتەلمەيدىغان بولۇشتى . سوۋغا-سالاملارنىڭ كۆپلىكىنى دىمەيلا قوياي ، ھەممىدىن چاتاق بولغىنى نەگىلا بارسام < چۇجاڭ> نىڭ ئايالى دەپ سالام-سەھەتنىڭ كۆپلىكى ، يا ئادەم يولدا ئەركىن ماڭالمىغان . ئەر: ئەمدى < چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە > دىگەندەك ، ھوقوقۇم بار چىغىدا ئاز-تولا < چاۋا ياغ > يىغىۋالمىسام بولماس ، ھە راست ، ھازىر يۇقۇردىن ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈرگەن مەبلەغ مىنىڭ تەستىقىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . تىخى ئالدىنقى كۈنىلا بەش - ئالتە يىزىنىڭ باشلىقلىرى ئۆيۈمگە قاتراپ بولدى . ئايال: ئولتۇرىۋاتقان ئۆيۈم 200 كۋادرات مىتىر كىلىدۇ . خىزمەتداشلىرىم ئۆتكەندە پەتىگە كىلىپ ئاغزىنى ئىچىپلا قالدى . ..... ئەر: < قارا يورغا مىنمىگۇچە چۆللەرنى كىزەلمەس > دىگەن گەپ بار . ئەمدى يۇقۇرىغا يامىشىدىغان ۋاقتىم كەلدى . ئايال: ئەمدى ئوبدانلا پىتلىنىپ قالدىم . چەتئەلگە بىر بىرىپ كەلسەم بولاتتى . ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدەك لەڭمەن ، پولۇ يەمدىغاندۇ ؟ ئەر: ھەي خوتۇن ، قەيەرگە مۆكۈۋالدىڭ ؟ تىز چىق ، يۇقىردىن تەكشۈرۈش خادىملىرى كەپتۇ ، مېنى تەكشۇرگۈدەك |
كۆرۈلۈشى:764 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/4/1 13:46:48 | يوللىغۇچى ئەزا:RIWAYAT2002 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|