|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
مۇھەببەتكەشكەن چاغلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ
|
|
|
مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ قارشى تەرەپكە ئەڭ ياخشى تەرىپىڭىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشىپ، ئەينەك ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇراتتىڭىز، ئەڭ يارىشىملىق كىيىملىرىڭىزنى كىيەتتىڭىز، ئۇ چېچىڭىزنىڭ قانداق پاسوندا بولۇشىنى ئارزۇ قىلسا، شۇ پاسوندا بولۇشنى ياسىتاتتىڭىز. ئۇ نىمىنى يىيىشنى ياخشى كۆرسە، شۇنى يەيتتىڭىز،« تاكىسىغا چىقايلى»دېسە،«ئاپتوبۇسقا ئولتۇرايلى»دەپ تۇرۇۋالاتتىڭىز، بەتخەجلىكنى خالمايتتىڭىز، ئاتا-ئانىسى،دوست-بۇرادەرلىرىنى ھۆرمەت قىلاتتىڭىز. توي بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئوخشىمايدۇ. ئۇمۇ، سىزمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىسىز، بۇرۇن بىر-بىرىڭلارغا رەڭلىك كۆزئەينەك بىلەن قارىغان بولساڭلار، تويدىن كېيىن لوپا ئەينەكتە قارايدىغان بولىسىلەر. بۇرۇن چىرايلىق تەرىپىنىلا كۆرسەتكەن بولسىڭىز، ئەمدى بۇ تەسكە توختايدىغان بولىدۇ، لېكىن ئۆزىڭىزنى يەنىلا ئېرىڭىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سۆيگىنى دەپ قاراپ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان چاچ پاسونىنى ياسىتىڭ، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىڭ. نىكاھ- بىر جۈپ ئاياغقا ئوخشايدۇ. كىيگەندىن كېيىن ئاندىن ماس كەلگەن- كەلمىگەنلىكىنى بىلىسى، شۇڭا ياخشىسى ئېرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان«پاسون»بويىچە بىر جۈپ «نىكاھ ئايىغى»تىكتۈرۈڭ، ئاياغ بۇغقۇچىنىڭ چىڭ ياكى بوشلۇقى پۈتۈنلەي سىنىڭ قولىڭىزدا. ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇتى«تەرلەيدۇ»،«نىكاھ ئايىغى»تىكتۈرگەن چېغىڭىزدا يۈزلۈكىگە چوقۇم بىر نەچچە تۆشۈكچە قالدۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ. شۇندىلا ئېرىڭىزنىڭ پۇتى تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ سالقىن تۇرىدۇ. چىن مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى شۇ يەردىكى، ئىنسان ئۆزىنى ئۇنتۇپ، باشقا بىر «مەن»گە سىڭىپ كېتىدۇ. ئۇنتۇلۇش ۋە سىڭىپ كېتىش جەريانىدا ئۇ تەبىئي ھالىتىنى بايقايدۇ ۋە ئۆز-ئۆزىنى تېپىۋالىدۇ.
__ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:1775 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/6/16 16:37:08 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|