ئوغۇل-قىزلارنىڭ يۈزىنى دانىخورەك بېسىپ كەتسە ناھايىتى ئازابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، دانىخورەكنى قانداق يوقىتىش كېرەك؟
1. پۇتىمىزنىڭ يان تەرىپىنى بويلاپ يۇقىرى-تۆۋەن قىلىپ قايتا-قايتا بەش قېتىم ئۇۋىلايمىز.
2. ئۈچ بارمىقىمىز بىلەن قول بېغىشىمىزدىن بارمىقىمىزنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقنى توختاتماستىن بەش قېتىم ئۇۋىلايمىز.
3. بەل ئومۇرتقىلىرىنىڭ يۇقىرى تەرەپتىن باشلاپ، ئۇۋىلاش چوتكىسىدا يۇقىرى-تۆۋەن قىلىپ بەش قېتىم، ئوتتۇرىسىدىن سىرتىغا قارىتىپ ئون قېتىم ئۇۋىلايمىز.
4. بىلىكىمىزنى يۇقىرى-تۆۋەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئەگكەندىن كېيىن، بارمىقىمىز بىلەن ھەر بەش مىنۇتتا بەش قېتىم باسىمىز.
5. چىش پاستىسىنى ھەر كۈنى ئىككى-ئۈچ قېتىمغىچە سۈرتۈپ، يەتتە كۈندىن كېيىن قارايدىغان بولساق، يۈزىمىزدىكى دانىخورەكنىڭ بىردىنلا يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز.
6. يۈزىمىزدىكى دانىخورەك يامراپ كەتكەندە، مەدەستاننى ئېزىپ ئانا سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال سۈرتۈپ، ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۇيۇۋەتسەك، بىر ئاي ئىچىدە ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرساق، دانىخورەكنى يىلتىزىدىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتالايمىز.