بىر جۈپ ياش ئەر- خوتۇن كوچا ئاپتوبۇستىكى قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ، يۇمران ھەم سىلىق بىر قول ئەرنىڭ قولىنى تۇتۇپتۇ. ئەر جان-دىل بىلەن ھېلىقى قولنى چىڭ تۇتۇپتۇ، ئاپتوبۇس بېكەتكە كەپتۇ. ئېرى ھېلىقى قولنى قۇيۇپ بەرگۈسى كەلمەي يانچۇقىدىن ئىسىم كارتىسىنى چىقىرىپ ئىككىلەنمەيلا ھېلىقى قولغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئاپتوبۇستىن چۈشكەن چاغدا تۇيۇقسىز بىر يۈك ئاپتوموبىلى ئەر تەرەپكە ئۇچقانداق كەپتۇ، ئارقىسىدىكى ئايال دەرھال ئەرنى ئىتتىرىۋېتىپتۇ،نەتىجىدە ئايال يۈك ئاپتوموبىلىغا سۇقۇلۇپ جان ئۈزۈپتۇ. ئەر ئېسىنى يېغىپ، ئايالىنىڭ قان ئىچىدە ياتقانلىقى كۆرۈپ ئۇنى قۇچاقلاپتۇ.، دەل شۇ چاغدا ئۇ ئايالىنىڭ نمىنىدۇر چىڭ سىقىمدىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپتۇ. شۇ چاغدىلا ئۇ بايىقى يۇمران، سىلىق قولنىڭ دەل ئايالىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ، چۈنكى ئايالىنىڭ سىقىمدىۋالغىنى ئېرىنىڭ ئىسىم كارتىسى ئىكەن.
ئائىلىنى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاتساق، مۇھەببەت، ئىشەنچ دېگەنلەر ئۇنىڭ يىلتىزىدۇر. بۇلار ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقۇچى مەنىۋى بايلىق، يېنىڭىزدىكى ھەقىقىي مۇھەببەت، سىز ئۈچۈن بېرىلگەن قوربانلىقلارنى ھېس قىلالىسىڭىز ھەم ئۇنى قەدىرلىيەلىسىڭىز،ئاندىن ئىللىق ئائىلىڭىزنىڭ، مېھرىبان ،جاپاكەش ئايالىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتەلەيسىز.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
2849-سانى
2010-يىلى 1-ئىيۇن