مۇقەددىمە
روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ،نامراتلىق ئاسارىتىدىن قۇتۇلايلى.
نامراتلىق ھەرقانداق بىرئادەم ۋە زىمىنغا ياراتقۇچى تەرىپىدىن بۇيرۇلغان مەڭگۈلۈك قىسمەت ئەمەس. بىز ھەممىمىز ھەرقاچان بېيىش، روناق تېپىش، غەلبەقىلىش پۇرسىتىگەئىگىمىز.بىزياشىيالىغان ئىكەنمىزچوقۇم تېخىمۇ ياخشى ھايات كەچۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىمىزدىن قىلچە شۈبھىلەنمەسلىكىمىز كېرەك.
شۇندىلا ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى بىلدۇرۈش ۋە ئۆز–ئۆزىمىزنى كۈلدۈرۈش مەقسىتىگە يېتىشنڭ كۈچلۈك ئاساسىنى تىكلىيەلەيمىز. نامراتلىق جىنايەت ئەمەس، ئەمما ئۇ جىنايەتتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئازاپ. نامراتلىق ھاياتنى خورىتىدۇ، ئادىمىيلىك ئوبرازىمزنى سۇسلاشتۇرىدۇ. تۇرمۇشىمىزنى مۇھتاجلىق،خورلۇق،بىچارىلىك ۋە غەم -ئەندىشىدىن خالىي ئۆتكۈزىشىمىزگە توسالغۇ بۇلىدۇ.روھىيەت ئالىمىمىزنى پەرىشانلىق، ھورۇنلۇق، چۈشكۈنلۈك ئىسكەنجىسىگە ئەسىر قىلىدۇ.مىللەت ۋە دۆلەت ئۈچۈن ئېغىر باش قېتىمچىلىكى ھەم يۈك پەيدا قىلىدۇ.ماددى نامراتلىق بار يەردە مەنىۋى نامراتلىقمۇ بۇلىدۇ.مەنىۋى نامراتلىق ھۆكۈم سۈرگەن جايدا ئىنسان قىممىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئنساننىڭ قىممىتى بولمايدىكەن، ھاياتنىڭمۇ ئېتىبارى بولمايدۇ.
ئەگەر بىز ھاياتىمىزنى كاپالەتكە ئىگەقىلىش،تۇرمۇشىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۇش، ئادەملىك سۈپىتىمىزنى ھەقىقىي نامايەن ئەيلەپ،قەددىمىزنى كۆتۈرۈش ئارزۇسىدا بولىدىكەنمىز، مۇقەررەركى، ئالدى بىلەن روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي رىقابەت جەڭگاھىغا ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلىشىمىز، سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىكلىكى، ياشاش مۇھىتىمىزنىڭ ناچارلىقى ياكى ئىقتىسادى ئاساسىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى بارلىق بەخىتسىزلىكىنىڭ مەنبەسى دەپ بىلىدىغان خاتا قاراشلاردىن ۋاز كېچىپ، نامراتلىقنىڭ مەنىۋى بويۇنتۇرقىنى پاچاقلاپ تاشلىشىمىز كېرەك.
ئۆز–ئۆزىگەئىشىنىش، ئۆز–ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشىنى تەرك ئېتىش، ئۆزىنىڭ چەكسىزيوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلىش ،ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ،ياشاشقا ،يارىتىشقا قابىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ،ئۆزىنى ئۆزىگەۋە باشقىلارغا تونۇتۇش ئارقىلىق روھى ئاجىزلىقلىرىغا خاتىمە بېرىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زور مەنىۋى غەلىبىدۇر .
بۇدۇنيانىڭ چەكسىز مول نېمەتلىرى ئىنسانغاتالىق .تەڭرى بىزنى بىزقانائەت ھاسىل قىلغۇدەك رىسقىمىزبىلەن قوشۇپ ياراتقان .ئۆزنىسىۋىلىرىمىزگەنائىل بولۇش –بولالماسلىق بىزنىڭ ئەجىرقىلىش –قىلماسلىقىمىزغا ۋەقانچىلىك بەدەل تۆلىشىمىزگەباغلىق .
بىزئۆزنامراتلىقىمىزنى باشقىلىرنىڭ سەۋەنلىكى دەپ قاراشقا ھەقلىق ئەمەسمىز.بىز ئۆزىمىزنىڭ نېمىگەمۇھتاج ئىكەنلىكىنى ،قانداق ياشىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇقلۇق ئازاپلىق كۆڭۈلسىز تۇرمۇش بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى ئۈزۇ شكە بەل باغلىمايدىكەنمىز،نامراتلىق ئاسارىتىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز.
بىزپەن–تېخنىكائۇچقاندەك تەرەققىيقىلىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز .بېكىنمىچىلىك ،ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە قانائەتچانلىق بىزگەياخشى ئاقىۋەت ئاتا قىلمايدۇ .بىز ياشاش مۇھىتىمىزنى ،ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىمىزنى،روھىي ھالىتىمىزنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىشىمىزكېرەككى،پەقەت شۇنداق قىلغاندىلادەۋىرچاقىرىقىغائاۋاز قوشقىلى ،ئىلمىي ئۇسۇلدائشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ،بېيىش مەخسىتىگەيەتكىلى ھەم نامراتلىق تەھدىتىدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ .
پەن–تېخنىكا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى دەستۇرى .نادانلىق ،يوقسۇزلۇق ،مۇھتاجلىق قىسمىتىگە مەھكۇم بولغان ئاجىزلارنىڭ ئىنسانلىق قىممىتىنى يۈكسەلدۈرىدىغان قۇدرەتلىك قورال .ھاياتنى مەنىلىك ،بەختىيار ،مەردانە ئۆتكۈزۈشنىڭ كاپالىتى ئەگەرسىزشىركىتىمىزنى ھايات سەپىرىڭىزنىڭ يولباشچىسى قىلىشنى خالىسىڭىز ،شىركىتىمىزگەمۇراجىئەت قىلىڭ.شىركىتىمىز دەل ئارزۇغا باي ،غايىگەسادىق ،ئەمما رېئاللىق ئالدىدا بىچارە ،غايە ئالدىدا گۇناھكاربۇلۇپ چىقىش يۇلى تاپالمايۋاتقانلارنىڭ خالىس مەسلىھەتچىسى .سەمىمى دوستى ھەم ئىلمىي يېتەكچىسى .
دۇنيانىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى بىزنى ئۈن–تىنسىزلا ئۇچۇر دەۋرىگەباشلاپ كىردى .مادداۋە ئېنېرگىيەبىلەن بىر قاتاردا دۇنيانىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلىنىڭ بىرى بولغان ئۇچۇر ئامىلىنى ئىگىلەش جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شەرتىدۇر.ھەرقانداق ئادەم،ھەرقانداق ئورۇن،ھەرقانداق ئىشتائۇچۇردىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇچۇرتۈگۈمەس بايلىق .ئۇچۇرئۇتۇققا باشلايدىغان يول.ئۇچۇربىررايۇن ،بىرمىللەت شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدائاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر .ئۇچۇرقاتماللىقى شىنجاڭغا ئوخشاش ئىقتىساد ،پەن–تېخنىكا،مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئارقىدا قالغان رايوننىڭ،بولۇپمۇ چەت–ياقانامرات رايونلارتەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشتىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر .بۈگۈنكى بازارئىگىلىكىدە ئېلىم–سېتىم ئىشلىرىدا ئىقتىسادىي ئۇچۇرقانچىلىق مۇھىم بولغىنىدەك،ئىگىلىكىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە ،نامراتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشتا پەن–تېخنىكا ئۇچۇرلىرى شۇنچىلىك مۇھىمدۇر .پەن–تېىخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.پەقەت پەن –تېخنىكىغا تايىنىپ ئىش كۆرۈپ،ئۇچۇرغائەھمىيەت بەرگەندىلائۆزىمىزنى،مەھەللىمىزنى،يېزىمىزنى راۋاجلاندۇرۇپ،نامراتلىققاخاتىمەبېرىپ،بېيىش مەخسىتىگەيېتەلەيمىز.پەن–تېىنىكىغاتايىنىپ ئىش كۆرۈش دىگىنىمىز –ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشنى دەسسىتىپ ،يەر ئۈستى بايلىقلىرىمىزنى خام ئەشياسۈپىتىدە ئەمەس ،بەلكى يېرىم ياكى تولۇق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات سۈپىتىدە بازارغاسېلىش،ئۆزئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ،سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش ،ئۇمۇمىي خەلىقنىڭ پەن–تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ،تۈرلۈك باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر .شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنى پەن–تېخنىكىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا باشلاش ،شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسەقۇشۇش دەل بىزنىڭ نىشانمىزدۇر.
شىركىتىمىز ئۆزىنىڭ جاپالىق خىزمەت نەتىجىللىرى ئاساسىدا ،ھەرمىللەت خەلق ئاممىسىغا ھەقىقى نەپ بېرىپ ،پەن تېخنىكىغا تايىنىپ باي بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلالىغىدەك بېيىشقا دائىر پەن– تېخنىكا تۈرلەر توپلىمىنى تەغدىم قىلىش ئارزۇسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،‹‹باي بولۇشنىڭ 99خىل يولى ››ناملىق پەن–تېخنىكا تۈرلەرتوپلىمىنى تۈزۈپ چىقتى .
‹‹باي بولۇشنىڭ 99 خىل يولى››غاتۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ياكى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ماشىنا ئۈسكۈنىلەر ،تۈرلۈك قورال–سايمانلار،ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان ئەمەلىي تېخنىكىلار ،ئەقىل–پاراسەت ۋە مۇلازىمەتكە تايىنىپ باي بولۇش يوللىرى قاتارلىق تۈرلەركىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ،تۈرلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ،چېتىلىدىغان ماشىنا– ئۈسكۈنىلەرنىڭ رەڭلىك سۈرىتى ۋە پايدىلىنىش باھاسى بېرىلدى.مەزكۇرتوپلام ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھازىرغا قەدەر مەيدانغا كەلگەن بىر قەدەر كۆپ مەزمۇن ۋە يېڭلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان ،پايدىلىنىش قىممىتى ناھايتى يۇقىرى بولغان تۇنجى بېيىشقا دائىر تۈرلەرتوپلىمىدۇر .ئۇنىڭ ھەقىقى پايدىلىنىش قىممىتىنى پۇل بىلەن ھېسابلىغىلى بولمايدۇ دەپ قارايمىز.بۇتوپلامنىڭ بارلىققاكېلىشى، بېيىشنىڭ يولىنى تاپالمايۋاتقان،قولىدا دەسمايىسى بولسىمۇ ،لېكىن قايسى ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ يۈرگەن تىل توسالغۇسى تۈپەيلىدىن مەخسىتىگەيېتەلمەي يۈرگەن كىشىلەرگە ئۇتۇقلۇقنىڭ ،باي بۇلۇشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سانائەتلىشىش يولىدا ۋە ئىگىلىك تەرەققىياتىدا بەلگىلىك رول ئوينىغۇسى .
بۇتوپلامغاكىرگۈزۈلگەن تۈرلەرئاساسەن شىركىتىمىزنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن ياكى شىركىتىمىز بىر قانچەيىل شۇغۇللانغان ،شىركىتىمىز ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان شىركىتىمىز ئىجات قىلغان تۈرلەر بۇلۇپ ،توپلامدىكى تۈرلەرگە ئېھتىياجلىق بولغۇچىلار شىركىتىمىزگەقەدەم تەشرىپ قىلسا ياكى ئالاقىلاشسابۇلىدۇ .مۇلازىمەت خارەكتىردىكى تۈرلەر ئاساسەن شىركىتىمىزئىجات قىلغان ياكى بىرقانچەيىللاردىن بېرى شۇغۇللىنىپ باققان ئىشەنچىلىك تۈرلەربولۇپ ،مەخپىي تۇتۇلۇپ كەلگەن مۇلازىمەت تاكتىكىلىرى پۈتۈنلەي ئاشكارا قىلىندى.بۇتۈرلەرشىركىتىمىز توپلامنىڭ ئۇقۇرمەنلەرگەقىلغان ئالىي سوۋغىتىدۇر.
پۇل تېپىشنىڭ ،باي بۇلۇشنىڭ تۈرلۈك–تۈمەن خىل يولى بار .بۇيوللارنى بىز بىرمۇ– بىركۆرسىتىپ بېرەلمەيمىز.باي بولۇشنىڭ بىرياكى بىرقانچە يولىنى بىلىۋېلىشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش .بىزھەرقېتم پۇل خەجلىگەندە، باشقىلارنىڭ مەلۇم يول بىلەن بىزنىڭ پۇلىمىزنى تېپىۋاتقانلىقىنى، بەلكىم بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز كېرەك .مۇشۇنداق ئۇششاق يىپ ئۇچلىرىغىمۇ دىققەت ئېتىبارىنى بەرگەن كىشى چۇقۇم بېيىش يولىنى تاپالايدۇ ھەمدە بېيىش مەخسىتىگەيېتەلەيدۇ .پۇل تېپىشنى مەخسەت قىلىپ بىرەر تۈرتاللىماقچى بولغاندا،ئەتراپلىق ئويلىشىش ئارقىلىق، قارار چىقىرىپ ئاتلىنىش كېرەك.ئەگەرئالدىراقسانلىق ۋە يېنىكلىك بىلەن كىرسەك، ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قېلىپ،ئورنىنى تولدورغۇسىز زىيان تارتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. يېڭى تۈرلەرنى تاللىغاندا،ئۆزىمىزنىڭ توك ،سۇ،مەيدان شارائىتىمىز ماس كېلەمدۇ –يوق ،ئۆزىمىزتۇرىۋاتقان جايداشۇخىل مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئېھتىياج بارمۇ –يوق،ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىمىز بازار تاپالامدۇ– يوق،خام ئەشيا مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق بارمۇ–يوق،تاللىغان تۈرىمىزنىڭ خەۋپ–خەتىرى زادى قانچىلىك ،ئىشلەپچىقىرىش ئشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشتامەبلەخ ئاساسىمىز يار بىرەمدۇ–يوق،مەھسۇلاتىمىزنىڭ سۈپىتى تەلەپكە ئۇيغۇنمۇ–يوق ،دېگەنگەئوخشاش مەسىللەرگەئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك .
‹‹باي بولۇشنىڭ99 خىل يولى››غاشىركىتىمىز نىڭ مۇلازىمەت دائىرىسىدىكى تۈرلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،بۇخىل توپلام بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مول مەز مۇنلۇق ئاساستا داۋاملىق چىقىرىلىدۇ .سەۋىيىمىز چەكلىك،تەجرىبىمىز كەمچىل بۇلۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى نوقسانلاردىن خالىي بولماسلىقىمىز مۇمكىن .ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ۋەتەكلىپ پىكىر بېرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمىز .ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە رەڭلىك سۈرەتلىرى ھەممە مەزمۇننى ئۆزئىچىگەئېلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن ،ئىنىقسىزمەزمۇنلار بولسا ،مەسلىھەت سورىشىڭىزلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.مەزكۇر توپلامدىن ئۆزىڭىز پايدىلانغاندىن سىرت ،ئەتراپتىكىلەرنىمۇ بەھرىمەن قىلسىڭىز ،ساۋاپلىق ئىش قىلغان بولىسىز .