|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
لايىق ئىزدەش ئېلانى
(فېليەتون) بەھرىنىسا ئادىل دىلەفكار (بىر يىگىتنىڭ تىلىدىن)
داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپ، «يولۇم» غا تايىنىپ كۆڭۈلدۈكىدەك خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا بىر قانچە يىل بولغان، قاملاشقان يىگىتمەن. خىزمىتىمنىڭ بېسىمى يوق، ئاتا-ئانامنىڭ «قوللاپ-قۇۋەتلىشى» بىلەن باياشات بولساممۇ، توي ئىشىغا كەلگەندە بېشىم قېتىپ ساراڭ بولايلا دەپ قالدىم. نېمىشقا دەمسىلەر؟ ئەلۋەتتە مۇۋاپىق لايىق تاللىيالمىدىم. ھەممىڭلار بىلىسىلەر، ئۆي-چاقىلىق بولۇش ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش. لايىق تاللىمىغاندا، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان گەپ. ھازىر ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولىدىغان جورىلارنى چۈشەنمەكمۇ تەسلىشىپ كەتتى. بىزگە ئوخشاش پۇلنى سۇدەك خەجلەپ ئوقۇغان «مەلۇماتلىقلار» لايىقنىڭ ياخشىسىنى تاپمىسا كۈلكىگە قالىدىغان گەپ. ماڭا ئۇچرىمىدى ئەمەس، نۇرغۇن قىزلار ئۇچرىدى، ھېچقايسىسى كۆڭلۈمگە ياقمىدى. قانداقسىگە دېسىڭىز، چىرايى بولىدىغان، گەپ سۆزى ئورۇنلۇق، دېگەن قىزلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىزمىتى يوق ياكى مۇقىم ئەمەس. خىزمىتى، شارائىتى بولىدىكەن، دەپ قارىغانلىرىم تومپاي، مىجەزى غەلىتە بولۇپ چىقتى. توۋا دەيمەن، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئىچىدە قايسى قىز ھەممە يېرىنى ياپىدىغان كىيىم كىيىپ يۈرىدۇ دەيسىز؟! بەزىلەرنىڭ مىجەزىنى سورىمايلا قويۇڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى سىقىپ، ئەدەپلىك بولدۇم دەپ ئون ئېغىز گەپ سورىسىڭىز بېشىنى كۆتۈرمەي تىرنىقىنى تاتىلاپ ئاران بىر ئېغىز جاۋاب بەرگەن. ئوقۇغان، جەمئىيەت كۆرگەن قىز بالا دېگەن ئوچۇق-يورۇق، چاقماقتەك سۆزلەپ تۇرسا ئادەمنىڭ پاراڭلاشقۇسى، ئارلاشقۇسى كەلمەمدۇ؟ چىرايى، ئەخلاقى بولىدىكەن دەپ، خىزمىتى مۇقىم ئەمەس قىزلارنى تاللىغۇم تېخى كەلمىدى، چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە قۇرۇق ئەدەپ-ئەخلاق، ھاياغا قورساق تويامدۇ؟ قىسقىسى، ھازىرغىچە مۇۋاپىق لايىق تاپالمىغىنىم ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئېلاننى چىقاردىم. لايىق ئىزدەش ئېلانى: شەرتى: يېشى 35 تىن تۆۋەن، توي قىلمىغان بولۇشى، قانداق ئوقۇغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ دىپلوم ئالغان بولۇشى، كىرىمى قايسى مەنبەدىن كەلسۇن، مۇقىم خىزمەت ۋە يۇقىرى مائاشقا ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ ئېلاننىڭ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەن توي قىلماقچى بولغان قىزنىڭ ئىلگىرى قانچە ئادەم بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى، ئەخلاقى سۈرۈشتى قىلىنمايدۇ. يۇقىرىقى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىزلارنىڭ ئىككىلىنىپ، نازلىنىپ تۇرماي، تېزدىن ئالاقىلىشىشىنى تەقەزارلىق بىلەن كۈتىمەن...
___ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:1122 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/1/7 16:54:41 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|