بىز يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ قىسىمىغا بېرىپ، جۇڭگو جەڭگاھ مۇخبىرلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈپ باقمىغان ئۇرۇشنى بىۋاسىتە كۆردۇق.
بىز 5 – سېنتەبىر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 101 – پاراشوتچىلار دىۋىزىيەسى 2 – بىرىگادىسى 320 – دالا زەمبىرەك پولكى 1 – باتالىيونى ‹‹A›› روتىسىنىڭ ئالتە ئوفىتسېر – ئەسكىرى، ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئالتە ئەسكىرى ۋە ئىككى بومبا ئىزدىگۈچى ئاپشاركىدىن تەركىب تاپقان چارلاش ئەترىتىگە ئەگىشىپ، قەندىھارنىڭ ئارغانداپ رايونىدىكى نولان بازىسىدىن يولغا چىقتۇق.
بومبا ئىزدىگۈچى ئاپشاركا بازا بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 مېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان بىر ئايلانمىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قورۇقتىن گۇمانلىق نەرسىنى تاپتى. ئەترەت يېتەكچىسى، مۇئاۋىن روتا كوماندىرى لېيتېنانت بابوكېك دەرھال روتا كوماندىرى ستارشىي لېيتىنانت جامېس توماسنى بومبا چۇۋۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ كېلىپ ياردەم بېرىشكە چاقىردى. 20 مىنۇتتىن كېيىن، ئۇ بومبا چۇۋۇش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ يېتىپ كەلدى. بۇ ئۆلچەملىك بومبا چۇۋۇش گۇرۇپپىسى ئايال مۇتەخەسسىس، ماشىنا ئادەم باشقۇرغۇچى، بومبا چۇۋۇش ياردەمچىسى ۋە ئىككى ھىمايىچى مەرگەندىن تەركىب تاپقانىدى. ماشىنا ئادەم باشقۇرغۇچى سومكىسىدىن كىچىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمنى ئېلىپ، نەچچە مىنۇت ئاخبارات ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ زەنجىر تاپانلىق ماشىنا ئادەمنى يىغىلىپ قالغان سۇدىن ئۆتكۈزۈپ، بومبىنى تېزلا بايقىدى. 30 مىنۇتتىن كېيىن، ماشىنا ئادەم بومبىنىڭ پارتلىتىش سىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈزۈۋەتتى.
بومبا چۇۋۇش گۇرۇپپىسى قايتقاندىن كېيىن، چارلاش ئەترىتىدىكىلەر ئالدىغا ئون مېتىر ماڭا – ماڭمايلا، بىللە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى 200 مېتىر يىراقلىقتىكى ئۆستەڭ بويىدىكى دەرەخنىڭ ئارقىسىدا ئادەم بارلىقىنى بايقىدى. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ بولغىچە، قارشى تەرەپ ئاپتومات بىلەن چارلاش ئەترىتىدىكىلەرگە ئوق چىقاردى. بىز دەرھال بۇ كۆرۈنۈشنى سىنئالغۇغا ئالغاچ، ئۆرۈلگەن تامنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدۇق. چارلاش ئەترىتىدىكىلەر مىلتىق، يېنىك پىلىموت ۋە گىرانات بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ستارشىي لېيتېنانت توماس بازىدىكى مىناميوتچى قىسىمنى ئوت كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشكە چاقىردى. 20 مىنۇتتىن كېيىن، بىز چارلاش ئەترىتى بىلەن ئوچۇقچىلىقتىن ئۆتۈپ، ئىككى جايدىكى قان دېغىنى ۋە ساپما ئاياغنى بايقىدۇق. تەرجىماننىڭ ‹‹دەرھال چىقىپ تەسلىم بولۇڭلار، ياراڭلارنى داۋالاپ قويىمىز›› دېگەندەك پىسخىكىلىق ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ تۆت ئەسكىرى ئىككى ئاپشاركىنى ئېلىپ، چەكسىز كەتكەن ئۈزۈمزارلىققا كىرىپ، يارىدارلارنى ئىزدىمەكچى بولدى. لېكىن، ستارشىي لېيتېنانت توماس ئۇلارنى توسۇپ قالدى. چۈنكى، ئۈزۈمزارلىقتا پىستىرما قوشۇن، كۆمۈلگەن بومبا بار – يوقلۇقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاغدا ئۈچ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ روتىسى تۇرۇشلۇق جايدىمۇ كەسكىن جەڭ بولۇۋاتاتتى.
بازىغا قايتىپ كەلگەندە، چۈشتىن كېيىن سائەت 6 بولغانىدى. بىز كەچلىك تاماق يېيىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، بازىغا يېقىن جايدا مىلتىق ئاۋازى ۋە مىناميوت پارتلىغان ئاۋاز يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى. تاماق يەۋاتقان ياكى ئارام ئېلىۋاتقان ئامېرىكا ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى دەرھال ياتاقلىرىغا بېرىپ قۇياق ۋە دۇبۇلغىلىرىنى كىيىشىپ، قوراللىرىنى ئېلىپ تەييار بولدى. مۇئاۋىن روتا كوماندىرى لېيتېنانت بابوكېك دەرھال قورۇنىڭ ئوتتۇرىغا بېرىپ، ئۈچ ئەسكەرنىڭ قارشى تەرەپكە زەمبىرەك بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىشىگە قوماندانلىق قىلدى، ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېغىر – يېنىك پىلىموت، مىلتىق بىلەن نولان بازىسىنىڭ ئەتراپىدىكى باغ ۋە ئۈزۈمزارلىق ئوققا تۇتۇلدى. بۇ ئۇرۇش ساق ئىككى سائەت داۋاملىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ئاپاچ›› ناملىق قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى، ‹‹58D–OH›› بەلگىلىك ئىككى رازۋېدكا ۋە سوقۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ياردەمگە كەلگەندىن كېيىن، تالىباننىڭ ھۇجۇمى چېكىندۈرۈلدى. لېيتېنانت توماس: بۈگۈنكى ئۇرۇشتا تالىباننىڭ ئىككى قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردۇق، بىر نەچچە خادىمىنى يارىلاندۇردۇق، ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتىنى تالىبانلار ئېلىپ كەتتى، دېدى.
سائەت 21 دە، بازىنىڭ سىرتىدا يەنە كەسكىن ئېتىشىش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئارقىدىن يورۇتۇش ئوقى ئېتىلىپ، ئەتراپتىكى باغنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتتى. ئەسلىدە تالىبان ‹‹A›› روتا تۇرۇشلۇق جايغا كېچىدە ھۇجۇم قىلغانىدى. ئۇرۇش 40 مىنۇت داۋاملىشىپ، ‹‹1–B ›› بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان كەلگەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى. ئىگىلىشىمىزچە، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قىلىدىغان ئەھۋال خېلى كۆپ كۆرۈلىدىكەن، چۈنكى بۇ رايون ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن تالىبان ئىزچىل تالىشىۋاتقان مەركىزىي رايون بولۇپ، تالىباننىڭ داھىيسى ئۆمەرنىڭ يۇرتىغا يېقىن ئىكەن، نۇرغۇن قىشلاقتا پۇقرالار ئاساسەن قالمىغان بولۇپ، تالىبان قوراللىقلىرىلا بار ئىكەن، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ جايدا ئايىغى چىقمايدىغان بۇنداق ئۇرۇش قىلىۋاتقىنىغا خېلى ئۇزاق بوپتۇ. 101 – پاراشوتچىلار دىۋىزىيەسىدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر خۇرسىنغان ھالدا: بىز ‹‹كۈلەڭگە ئەسكەر››لەر بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز، دېيىشتى.
2 – بىرىگادادىكى مايور بوتېرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ ‹‹قەندىھار ھەمكارلىقى›› ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇشقا ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئافغانىستان مىللىي ئارمىيەسىدىن بولۇپ 25 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان. 2 – بىرىگادىنىڭ ئۇرۇش نىشانى ئارغانداپ رايونى بىلەن زەررى رايونىنى ئۈنۈملۈك ئىشغال قىلىش، ‹‹قەندىھارنىڭ دەرۋازىسى›› دەپ ئاتىلىدىغان سانگارا – قۇنۇق – كۇكالار – چاربا ئەتراپىدىكى تالىباننىڭ تەھدىتىنى تۈگىتىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 320 – دالا زەمبىرەك پولكى 1 – باتالىيونىنىڭ ۋەزىپىسى ئەڭ ئېغىر ئىكەن.
بىز ئولتۇرغان ‹‹قارا بۈركۈت›› ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارغانداپ ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە، تۆۋەندىكى جاينىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل زېمىن ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. بۇنداق مەنزىرىنى ئافغانىستاندا ئاسانلىقچە ئۇچراتقىلى بولمايتتى. 1 – باتالىيوننىڭ كوماندىرى پودپولكوۋنىك فلېمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ رايوندا تالىباننىڭ 30 دىن40 قىچە غوللۇق قوراللىق خادىمى بار، لېكىن، تالىبانغا ھېسداشلىق قىلغۇچىلار، شۇنداقلا تالىباننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قولىغا قورال ئېلىپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار كۆپ. بىز يېقىندا ئالغان بابۇر بازىرىدا، بىزنى ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلار ئاران %10 كە يېتىدىكەن، باشقىلار بولسا بىزنىڭ زادى كېتىدىغان – كەتمەيدىغانلىقىمىزغا قاراپ تۇرىدىكەن.
ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرمۇ خۇددى دېيىشىۋالغاندەك: قەندىھار ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش – قىلالماسلىقىمىز ھەربىي زەربە بېرىشكىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئەلرايىنى رام قىلىپ، يەرلىك ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزگە باغلىق، دېيىشتى.
خەلقئارا ئىستراتېگىيەچىلەر ۋە ھەربىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ‹‹قەندىھارنى كىم كونترول قىلسا، ئافغانىستاننىمۇ شۇ كونترول قىلىدۇ››. ئامېرىكا ئارمىيەسى كېلەر يىلى ئىيۇلدا ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، قەندىھار ئۇرۇشى ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى تىركىشىش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.
ماھىيەتلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ‹‹تالىباننى يوقاتقاچ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى قوللاش››تىن ئىبارەت يېڭى ئىستراتېگىيەنى قوللىنىشقا باشلاپتۇ. ئامېرىكىنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى: بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ بىرى يەرلىك دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، بازار ۋە يول سېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت، دېيىشتى. بىز ‹‹A›› روتا بىلەن بىللە بولۇش جەريانىدا، روتا كوماندىرى ۋە مۇئاۋىن روتا كوماندىرىنىڭ تەرجىمان ئارقىلىق يەرلىك پۇقرالار بىلەن ‹‹قۇرئان كەرىم›› ئۈستىدە پاراڭلىشىدىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۈندىلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان دۈشمەنلىك قارىشىنى ئاسانلىقچە تۈگىتەلمەيدىكەن.
تالىبانمۇ ئەلرايىنى رام قىلىش قائىدىسىنى ئوبدان بىلىدىكەن. ئۇلار ھەتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە، كەنت، بازاردىكى بارلىق ئاھالىلەرنى بىللە ئېلىپ قېچىپ كېتىدىكەن. خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان خەلق ئۇرۇشىنىڭ تاكتىكىسى ئاممىنى ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئافغانىستان مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، قاتتىق مۇداپىئە تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، رەقىبىنى چېكىنىشكە مەجبۇرلاش ئىكەن.