مەن 2215- يىلى 3- ئاينىڭ17-كۈنى قەھىرتان قىشتا ئۈرۈمچى شەھىرنىڭ مەركىزىدە دۇنياغا كۆز ئىچىپتىمەن. كىچىكىمدىن تارتىپ ئاتا-ئانام .مىنى ناھايتى ئەتىۋا بىقىپتىكەن .مېنىڭ ئەمدى تىلىم چىقىشىگە ئاتا-ئانام ماڭا زاماننىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىشىم ئۈچۈن ماڭا.-مامى-ئۇكى-.نۇ-.يىس-.ئا بى سى دى .دىگەن گەپلەرنى خاتىرەمگە سىڭدۈرۈۋىتىپتۇ.مەن ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆسمۈرلۈك دەۋىرگە قەدەم قۇيدۇم.بۇچاغدا ئاتا-ئانام مىنىڭ كەلگۈسىدە چەتئەل ناخشچىلىردەك بىرتالانتلىق ناخشىچى بۇلۇشۇم ئۈچۈن مىنى بىر ئىنگىلىسچە.مۇزىكا -ناخشا ئىيتىش كۇرسىغا بەردى .مەن بۇجەرياندا ناھايتى تىرشىپ ئۆسمۆرلۈك دەۋىرمدە چەت ئەل تىلىدا يىتىشكەن بىر ناخشىچى.مۇزىكانىت بۇلۇپ يىتىشىپ چىقتىم شۇنداق قىلىپ ياشلىق دەۋرىگىمۇ قەدەم قۇيدوم.ئاتا-ئانام مىنى ياخشى شارائېتتا ئۇقۇتۇش ئۈچۈن ياپۇنيەگە ئۇقۇشقا ئەۋەتتى.ياپۇنيەگە بىرىپ مەكتەپكە تېزمغا ئالدۇردۇم .1 ھەپتە ئۇيەرنىڭ شارائىتىغا كۆنۈش تۇغۇرلۇق دەرس ئۆتتى. ئۇقۇتقۇچىم بىرىنجى بۇلۇپ سۇرغان سۇئال :
سەن نەدىن كەلدىڭ.؟
مەن جاۋاب بىرىپ: جۇڭگۇ .
ئىسمىڭ نېمە.؟
ئادىل
ياپۇنيەلىك ئۇقۇتقۇچى مەندىن سۇردى:
ئادىل ئەپەندى ئەمىسە قايسى كەسىپنى ئۇقۇيسىزكىن؟
مەن :سەنئەت دەپ جاۋاب بەردىم .
ئادىل ئەپەندى ئەمىسە دۆلتىڭىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنۋى ناخشا ئۇسۇلىرنى ئىيتىپ ئۇيناپ بىقىڭ.!
مەن بۇگەپنى ئاڭلاپ سەل تەمتىرەپ قالدىم، چۈنكى تېمامنى ئۇقۇغان بۇلساڭلار بىلىسىلەر. مەن ئۆسمۆرلۈك مەزگىلىدە چەتئەل ناخشا -مۇزىكىسىنى ئۈگۈنۈپ ئۆز دۆلتىمنىڭ ناخشا-مۇزىكىسىنى ئۆگەنمىگەن .مەن بەك ئۇڭايسىزلاندىم، ئۆز دۆلتمنىڭ ناخشا ئۇسۇلىنى بىلمەيمەن دىسەم ئىزاغا قالاتتىم دە- ئارلىقتا باھانە تاپتىم:
مۇئەللىم قۇسقۇم ئاغرىپ كەتتى تەرەتخانىغا چىقىپ كىرەي، دەپ ئاستا ياپۇنيەلىك ئۇقۇتقۇچىمنىڭ ئىشخانسىدىن ئاستا چىقىتىم دە يۈركۈم ئۇرنىغا چۈشكەندەك بۇلدى .مەن ئۇيلاندىم مەن بۇدۆلەتتە ئۇقۇش پۈتتۈرگۈچە يەننە نەچچە قىتىم قۇسقۇم ئاغرىدى دەپ باھانە كۆرستەرمەن .مەن تەرەت خانغا چىقىپ ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم بىر قىز مۇئەللىمنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرۋاتقان ئىدى .مەن ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى ئۇ قىزنىڭ جەدىۋىلىگە قاراپ چىقتىم. جەدۋەلگە قاراپ ھاڭۋىقىپ قاراپ قالدىم جەدۋەلگە ئۇ قىزنىڭ ئادىرىس دىگەن يىرىگە: جۇڭگۇ. ئىسىم فامىلىسى دىگەن يەرگە: چىمەن گۈل دەپ يىزىلغان ئىدى .ئۇقىز بىلەن ئۇقۇتقۇچى كەسكىن پاراڭلىشۋاتاتتى مەن ئۇقۇتقۇچۇم سۆزلىگەن ياپۇن تىلىنى چۈشنەتتىم يۇ مەن بىلەن بىردۆلەتتىن بىرمىللەتتىن بۇلغان ئاۋۇ قىزنىڭ <<چىمەن گۈل >>نىڭ قىلىۋاتقان گىپىنى چۈشەنمەيتتىم. تۇۋا بىر مىللەت تۇرۇپ ئۇنىڭ گىپىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن يا .شۇنىڭ ياغى ياپۇنلۇق ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ ئالدىدا چىمەن گۈل بىلەن پاراڭلاشمايدىغان، ئۇنىڭدىن ئۈزۈمنى ئىلىپ قاچىدىغان بۇلدۇم .بۇنداق دىسەم<< ساراڭ دىمەڭلەر مىنىڭ ئۇرنۇمدا سىلەر بۇلساڭلارمۇ شۇنداق قىلسىلەر>>چۈنكى ياپۇنلۇق ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ ئالدىدا چىمەن گۈل بىلەن بىللە تۇرسام ياپۇنلۇق ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قالاتتىم .ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ سىللەر بىرمىللەت تۇرۇپ نىمىشكە ئۆزتىلڭلاردا سۆزلەشمەيسىلەر دىيشىدىن قۇرقاتتىم.تىلىمنى ئۇقمايمەن دىگىلى بۇلمايدۇ ئەلۋەتتە،[<<بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز تېما بىشىدا ئېيتىلغان تۇغۇلۇپ تىلم چىقىشقا باشلىغاندا دىگەن يەرگە قاراڭ>>] شۇڭا كۆپ چاغلاردا ئۆزۈم يالغۇز ئۆتەتتىم بۇنداق ۋاقىتتا مەن بىر يىتىم بالىغا ئۇخشاپ قالاتتىم دە ئۆزئۆزۈمگە مەن كىم دىگەن سۇئالارنى قۇياتتىم .
بىزنىڭ مەكتەپتە ھەر يەر ھەر يەردىن كەلگەن ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇيتتى.ئاپئاق ئۇزۇن سەللە كىيگەن ئەرەپلەر نى بىشىگە كىچىك دۇپپا كىيگەن يەھۇدىلارنى .گۈللۈك كىيىم كىيگەن مالاسيالىقلارنى ئۇچىراتقىنى بۇلاتتى ئۇلارغا ھەممە ھەيرانلىق بىلەن قارايتتى لىكىن مەن مىڭ يىڭى پىچەت پادىچىلار ئىشتىنى ئىسىل كىنۇ چۇلپانلىردەك مايكىلارنى كىيۋالغىنىم بىلەن ھېچكىم كۆز قىرىنىمۇ سالمايتتى .
مانا 3 يىل ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگىمۇ قايتتىم ،ۋەتەن تۇپىرقى نىمدىگەن مەرى ئىسىق ھە چەت ئەلدە ئۇقۇش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكىن باشقىلارنى دۇراش پۈتۈنلەي زامانۋىلىشىش ئەمەسكەن، ئۆز ۋەتىنىنىڭ مەدىنىيىتىنى تارىخىنى ئۆز تىل يىزىقىنى بلمىگەنلىك نادانلىق كەن، قەدىر قىمىتى يۇق كەن شۇڭا بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆز ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيتىنى بىلمەي تۇرۇپ باشقلارنىڭ مەدنيىتىگە ئىسىلماسلىقىمىز كىرەككەن. بۇمىنىڭ چەت ئەلدە كۆرگەن كۈنلۈرۈمنىڭ ساۋاتلىرى.