دېمەك ،مازارنىڭ قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك ئىدى.موللا مۇسا سايرامى(مىلادىيە 1917-1836 يىللىرى) ئۆزىنىڭ « تارىخىي ھەمىدى» ۋە « دەربايان ئەسھابۇلكھف» ناملىق ئەسەرلىرىدە زىكرى قىلىنىشىچە، ئەسھابۇلكھف ئورۇنلاشقان جاي ئىگىز تاغ بولۇپ،بۇ جايغا نەچچە شوتا بويى ئىگىزلىكتىكى پەلەمپەي بىلەن چىقىدۇ. تاغنىڭ ئۈستىدە بىر قانچە ھوجرا،كايۋان،ۋاراقچە،مەسجىدمېھراب، مۇنبەر ۋە باشقا ئۆيلەر بار...بۇ مازارنىڭ شەيخ، جارۇپكەشلىرىمۇ 300 ئۆيلۈكتىن ئارتۇق، بۇرۇن مۇسۇلمان خانلار، ئەمىرلەرمۇ بىر مۇنچە ۋەخپە ۋە ئەۋقاپلارنى بەرگەنىدى.
تۇيۇق غوجام مازىرىنىڭ قاچان بىنا قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا ئېنىق يازما ماتىرىيال يوق.بەزى مەنبەلەردە 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۇغلۇق تۈمۈرخاننىڭ ئوغلى خىزىر خوجا زامانىدىن(مىلادىيە 1403-1389-يىللىرى) تارتىپ مازار سۈپىتىدە بەرپا قىلىنىپ تاۋاپگاھقا ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. يەنە بەزى تارىخىي مەنبەرلەردە ئېيتىلىشىچە،18-ئەسىرنىڭ باشلىرى لۈكچۈن ۋاڭى ئىمىن خوجا زامانىدا تۇيۇق مازىرى بىنا قىلىنغان. ئىمىن غوجا تۇيۇق يېزا مازار ئالدى مەھەللىسىنىڭ« قونجا »دېگەن يېرىدىكى 300 تۈپ تەكنى مازارنىڭ خىراجىتىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن
ۋەخپە قىلىپ بەرگەن. مازارغا قاراشقا بىر مۆتىۋەللى، 2-3 شەيخ، بىر چىراغچى، بىر جارۇپكەش،بىر بوكەل(قازان بېشىنى باشقۇرغۇچى) قاتارلىق مەخسۇس خادىملارنى بېكىتىپ بەرگەن.ھەر يىلى بىر قېتىم ئات،كالا ،قوي ئۆلتۈرۈپ نەزىر-چىراغ قىلىش،مازارغا ئۆچۈرمەي چىراغ يېقىپ تۇرۇش،
جۈمە نامىزىنى تۇيۇق مەدرىسى(جامە) دە ئوقۇش،مازارغا تاۋاپقا كەلگەنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش،مازارغا ئىستىقامەت قىلىپ ياتقان سوپى-زاھىتلارنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ،ھەتتا ئىچكى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا
ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىشىلەر كېلىپ بۇ مازارنى تاۋاپ قىلغان. دېمەك، مازار خېلى ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچى بىلەن يېراق-يېقىندىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن.ھەر يىلى 5-ئايدىن 10-ئايغىچە بۇ يەرگە كېلىپ تاۋاپ قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، ئۆتتۇرا ھىساپ بىلەن بىر يىلدا 10 مىڭ ئادەم كېلەتتى.شەيخلەر مازارغا قۇم ئەكىلىپ تۆكۈپ قويغان بولۇپ، پۇت-قۇلى ئاغرىيدىغانلار بۇ يەردە قۇمغا چۈشىدىكەن.شەيخلەر يەنە ھاسىسى بىلەن ھاجەتمەنلەرنى سىيرىپ ئۇۋۋىلاپ قويىدىكەن.50-يىللاردىن بۇرۇن بۇ يەردە خۇراپىي ئادەتلەر تېخىمۇ كۆپ ئىدى، ئۇ چاغدا بۇ مازارغا تاۋاپقا كەلگەن كىشىلەر تاغدىن دۇمىلاپ چۈشكەن قىزىل تاشلارنى ئېزىپ،ئۇنى« تۇتىيا توپا،72 كېسەلگە داۋا» دەپ ئېلىپ كېتەتتى. ئەينى چاغدا يەنە مازار يېنىدىكى ئۈژمە شېخىدىن ياسالغان ھاسىلارنى(مازار يېنىغا تىككەن ئۈژمە كۆچىتى 2 يىللىق بولغاندا ئۇنىڭ شاخلىرىنى بۇغۇپ قويسا،ھەر بىر شېخى گۈل چىقىرىپ بۇغۇملاپ ئۆسەتتى.ئۇنى كېسىپ ئېلىپ قوقاسقا كۆمۈپ،تۇز سۈيىگە ئۈزۇنراق چىلاپ،ئاپتاپقا سالسا، قىپقىزىل ھەم ئېغىر بولۇپ قۇراتتى، ئاندىن ئۇنى ھاسسا قىلىپ ياسىشاتتى) تاۋاپقا كەلگەن كىشىلەرگە قىممەت باھادا ساتىدىغان بولغان.« كىتاب تارىخ جەرىدەئى جەدىدە»دە ،ئەينى چاغدىكى خۇراپىي ئادەتلەرمۇنداق خاتىرىلەنگەن:« بىر كىشى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاغزىغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرىنى تىلىسە، تىلىكى ھاسىل بولۇر. بىر نەرسىدىن خەۋپ سەزسە قۇتۇلار، ئوت يانغاندا بىرەر چۈپىرەككە ئۇلارنىڭ ئىسمىلىرىدىن يازىپ يانغىنغا تاشلىسا ئوت ئۆچەر. قەغەزگە يازىپ بۆشۈكتىكى يىغلاڭغۇ بالىنىڭ ياستۇقى ئاستىغا قويسا يىغلىماس، ئېكىنگە خەۋپ بولغاندا قەغەزگە يازىپ ياغاچقا بەيلەپ ئېكىن ئۇنى ئورتاسىغا قادىلار،شەققى باش ئاغرىسا بۈاشقا بەيلىلەر، پادىشاھقا يولۇققاندا ئوڭ تەرەپكە، بالا تۇغۇش ئۈچۈن تولغاق تۇتقاندا سول تەرەپكە بەيلىلەر، مال-دۇنيانى ساقلاش ئۈچۈن،ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش،دېڭىزدا سالامەتلىك ئۈچۈن بۇ زاتلارنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ تۇمار قىلىپ ياندا ساقلار.»
تاۋاپچىلار ئىچىدە گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارمۇ بار. كىشىلەر بۇ مازارغا ھەج تاۋاپ، زىيارەت ئۈچۈن كېلىپ، شەيخلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاق رەختكە ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم شەرىپىنى ۋە يۇرتىنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشقان.
تۇيۇق غۇجام مازىرى 60-يىللاردا ،بولۇپمۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي» مەزگىلىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن،جامە مەچىتىمۇ ۋەيران بولغان، پەقەت ئەسلىدە مازار ئىچىگە ئېلىنغان غارنىڭ ئاغزى بىلەن ئەتراپتىكى قەبرىستانلىقلار ساقلىنىپ قالغان. يېڭى سېلىغان گۈمبەزنىڭ شەرقىدىكى ئىشىك بىلەن غارغا كىرگىلى بولىدۇ. بۇ غار زال بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ، غار ئىشىكىدىن كىرىپ 2-3مېتىرلىق كارىدوردىن ئىڭىشىپ ئۆتكەندىن كېيىن توغرىسى 6 ئادەم پاتقۇدەك، كەڭلىگى بىر مېتىردىن ئارتۇقراق چوڭلۇقتىكى غار ئىچىگە كىرىمىز. بۇ يەردە شەيخ چىراغ يېقىپ دۇئا-تىلاۋەت
قىلىپ بېرىدۇ. تولا چىراغ يېقىلغاچقا غار تاملىرى قاپقارا ئىسلىشىپ كەتكەن. ئەينى چاغدا ئاپئاق غوجا ئىتىكاپتا ئولتۇرغان جايغا بىر گۈمبەز سېلىنغان. بۇ گۈمبەز غارنىڭ ئاياق تەرىپىدىكى ئويمانلىقتا بولۇپ، ھېلىمۇ ساقلانماقتا.تۇيۇق غوجام مازىرى ئەتراپى ئاممىۋى قەبرىستانلىق بولۇپ، بۇ يەرگە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەتراپتىكى يېزىلاردىن ۋاپات بولغان كىشىلەر دەپنە
قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلۇغ شائىر ئەھمەد باقى غوجامنىياز قىسۇرى، قەشقەر ھاكىمبېگى زوھۇرىددىن بەگ ۋە ھەمدۇللا ئەلەم ئاخۇننىڭ قەبرىگاھىمۇ بار. ھازىرقى مازارنىڭ شەرقىدىكى غول ئىچىگە جايلاشقان ئىككى قەۋەتلىك جامە بىر قەدەر ھەيۋەتلىك بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا سېلىنغان.
تۇيۇق غوجام مازىرى«ناھىيە دەرىجىلىك نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مەدەنىيەتلىك يادىكارلىق ئورۇن» قىلىپ بېكىتىلدى ھەمدە سىرتقا ئېچىۋېتىلدى.