بىرىنچى ھېكايە :
بىر ئادەم مۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتۇ ، ئۇ چۈشىدە ئىككى قەۋەتلىك بىر ئۆيگە كىرىپ قاپتۇ ، ئۇ بىرىنچى قەۋەتكە كىرىپ نۇرغۇن كىشىلەر چۆرىدەپ ئولتۇرغان ھەم ئۇزۇن ھەم چوڭ ئۈستەلنى بايقاپتۇ ، قارىغۇدەك بولسا ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن نازۇ – نېمەتلەر تىزىلغان بولۇپ ناھايىتى مولچىلىق ئىكەن ، ئەپسۇسلىنارلىقى بىرمۇ ئادەم بۇ نازۇ – نېمەتلەرگە ئېغىز تېگەلمەيدىكەن ، چۈنكى ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان كىشىلەر سېھىرگەرنىڭ جادۇ سېھرىگە ئۇچراپ ھەممىسىنىڭ قولى تۈپتۈز بولۇپ قالغان بولۇپ بىلىكىنى ئېگەلمەيدىكەن شۇڭا ئۈستەلدىكى نېمەتلەرنى قىسالماي بىرىگىمۇ ئېغىز تېگەلمىگەنلىكتىن ھەممىسىنىڭ چىرايىدا روھسىزلىق ۋە نارازىلىق ئەكس ئېتىپ تۇرغان ئىكەن .
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئادەم ئىككىنچى قەۋەتتىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاپتۇ ، ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپتۇ ، بۇ يەردىمۇ ئوخشاش كۆرۈنۈش بولۇپ كىشىلەرنىڭ قولى تۈپتۈز
بولغانلىقتىن يېمەكلىك قىسالمايدىكەن ، ئەمما كۆپچىلىك ناھايىتى خۇشال -خۇرام ئىكەن ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ قولى تۈپتۈز بولسىمۇ ئەمما ئۆز ئارا ئۇدۇل ئولتۇرغان كىشىلەر بىر – بىرىگە يېمەكلىك يېگۈزۈپ قويۇشۇۋاتقان ئىكەن ، نەتىجىدە كۆپچىلىك ئۈستەلدىكى نازۇ – نېمەتلەرگە ئوخشاشلا ئېغىز تېگىپ خۇشال – خۇرام ئولتۇرۇپتۇ .
بۇ بىر كىچىككىنە ھېكايە ، بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى ، ھەر قانداق ئادەم باشقىلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشىيالمايدۇ ، بۇ جەمئىيەت ئۆز ئارا ياردەم بېرىش ۋە قوللاشقا موھتاج ، ئەگەر سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا ئاۋۋال ياردەم قولىڭىزنى سۇنسىڭىز ئۇزاق ئۆتمەي سىزمۇ نۇرغۇن ياردەملەرنى قوبۇل قىلالايسىز ، ھاياتلىق يولىدا بىز باشقىلارنىڭ ياردىمى ۋە مېھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق كۆكلەيمىز .
ئىككىنچى ھېكايە :
بىر كىشى قايناق بازارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىككى پۇتى مېيىپ بىر كىشىنىڭ ئالدىغا گېزىت يېيىپ كىچىك قەلەملەرنى تىزىپ يايما ئېچىۋالغىنى كۆرۈپ ئېرەنسىزلىك بىلەن 100 يۈەن پۇلنى سەدىقە ھېسابىدا ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ، ئۇ كىشى مېڭىپ يىراققا بارماي يەنە يېنىپ كەپتۇ ۋە ھېلىقى مېيىپ كىشىدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ ،( كەچۈرۈڭ ، سىز بىر سودىگەر ئىكەنسىز ، مەن سىزنى تىلەمچى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ).
ئۇزاق ۋاقىتلار ئۆتۈپ بۇ كىشى بۇ قايناق رەستىدىن يەنە ئۆتۈپتۇ ، بۇ ۋاقىتتا بىر دۇكان خوجايىنى ئۇنى چاقىرىپتۇ ۋە مەن سىزنى كۈتۈۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى دەپتۇ . ئۇ مۇنداق دەپتۇ:سىز مېنى سودىگەر قاتارىدا كۆرگەن بىرىنچى كىشى ئىدىڭىز ، قاراڭ ، مەن ھازىر راستىنىلا ھەقىقىي بىر سودىگەر بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم دەپتۇ ، بۇ كىشى قارىغۇدەك بولسا بۇ مېيىپ ئادەم راستىنىلا كاتتا دۇكاننىڭ خوجايىنى ئىكەن .
بۇ ھېكايە بىزگە شۇنداق بىر ھېكمەتنى بىلدۈرىدۇ :
ئەگەر سىز بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلسىڭىز ئۇ بەلكىم سىزنىڭ مۇئامىلىڭىز بويىچە ئۆزگىرىشى مۇمكىن ، ئەگەر سىز ئۇنى بىر گۆھەر دەپ قارىسىڭىز ئۇ گۆھەر بولۇشى مۇمكىن ، باشقىلارغا بولغان ئىززەت – ھۆرمەت ۋە مېھىر – مۇھەببەت دائىم سىز ئويلاپ باقمىغان خۇشاللىقلارنى باشلاپ كېلىشى مۇمكىن ، سىز ئۆزىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ھۆرمەتلەڭ ، شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىيالايسىز .
ئۈچىنچى ھېكايە :
مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ ئاپئاق دوسكىغا بىر قاپقارا چېكىت چېكىپتۇ ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن دوسكىدا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى سوراپتۇ ؛
ئوقۇغۇچىلار بىردەك بىر قارا چېكىتنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ ،
مۇئەللىم ھەيرانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپتۇ : پەقەت بىر دانە چېكىتنىلا كۆردۈڭلارمۇ ؟ مۇشۇنچە چوڭ دوسكىدا باشقا ھېچنەرسە يوقمىكەن ؟ دەپتۇ ، ئوقۇغۇچىلار ھېچنېمە يوق دەپ جاۋاب بېرىشىپتۇ .
سىزچە بۇ دوسكىدا يەنە نېمە باردۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ بارغان بىر سىنىقىدىن ئىبارەت ، ھەممە ئادەمنىڭ كەمچىللىكى بولىدۇ ، سىز تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ « قارا چېكىتى » نىلا كۆرەلەمسىز ياكى ئۇلارنىڭ كۆرۈنمىگەن « ئاقلىقى » نىمۇ كۆرەلەمسىز ؟ ھاياتلىقتا ھەر بىر ئىنساننىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان « قارا چېكىتى » لىرىدىن باشقا يەنە بىز كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇن « ئاقلىقى »مۇ بار ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن كۆزەتسەك بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايمىز .