|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئانىنىڭ كۆز يېشى
(ھېكايە)
ئەمەر ھېمىت
ــ تاك، تاك، تاك... ئىشىكنىڭ چېكىلىشى بىلەن دىققىتىم بۇرۇلدى، 60 ياشلاردىكى چىرايى سولغۇن بىر ئايال ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنى ئورۇندۇققا باشلىدىم. ــ سودىيە ئەپەندىم، ئالدىلىرىغا ئوغلۇمنىڭ گۇناھىنى تىلىگىلى كەلدىم... ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياش تامچىلايتتى. ئۇنىڭ يىغىسى ھېچبىر توختايدىغاندەك ئەمەس، ئۇ يىغلىغاچ سۆزلەيتتى. ــ ئاچا، يىغلىمىسىلا، كىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىكەن، جىنايىتىگە تۇشلۇق جازا بەرمىسەك بولمايدۇ، لېكىن ئەھۋاللىرىنى رەھبەرلىككە دوكلات قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا دائىرىسىدە يېنىكرەك بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىمىز. ــ دېدىم ئايالنىڭ كۆڭلىنى ياساپ. ــ ماقۇل، گېپىمنى ئاخىرى دەۋالدىم، ئىچىممۇ خېلى بوشاپ قالدى، تېنەپ-تەمتىرەپ بۇ يەرنى ئاران تېپىپ، سىلىنى بىسەرەمجان قىلدىم. بالامنىڭ ئاتىسى بۇرۇنلار تۈگەپ كەتكەن. ئوغلۇمنى قاتارغا قوشقۇچە نۇرغۇن جاپا تارتتىم. ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى مۇشۇ ئوغلۇم قىلاتتى. كېلىنىم ئۆتكەن يىلى ئىككىنچى تۇغۇتىدا ئۆلۈپ كەتتى، بەش ياشقا كىرگەن نەۋرەم كۈندە: «ئاتام قېنى، ئۇ قاچان كېلىدۇ؟» دەپ يىغلاپ زادى ئارام بەرمىدى، شۇڭا سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ باقاي، دەپ ئويلاپ كېلىشىم، گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈممۇ تەسەللى تاپقاندەك بولدۇم. بالامنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئۈچۈن قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا تارتىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولۇپمۇ قالار، ئەمىسە مەن قايتاي، بالام! ئايال خوشلىشىپ، ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم. ئانا ئۇلۇغ، ئانا باغرى كەڭ ئىنسان. ئۇ ئوغلىنىڭ ئوغرىلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگىنىنى بىلگەن بولسىمۇ، يەنە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈپ كەپتۇ. بۇ ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ دېلوسىنى ئېلىپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم، سوت ئېچىلىشقا يەنە بەش كۈن بار ئىكەن. ئۇ ئىككى شېرىكى بىلەن تۆت دېھقاننىڭ قوتىنىدىن 21 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 19 قوينى ئوغرىلاپ تۇتۇلغانىكەن. كۆز ئالدىمدا يەنە تاراملاپ ياش تۆكۈۋاتقان، چىرايى سۇلغۇن ئانا. شۇ تاپتا ئۇنىڭ گۇناھكار ئوغلىمۇ قاماقخانىدا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي ئازابلىنىۋاتقاندۇ-ھە! شۇلارنى ئويلىغاچ: «ئۇ ئايالغا ئوغلى تۈرمىدىن جازا مۇدىتتىنى ئۆتەپ چىققۇچە ئۆمۈر نېسىب بولار» دېدىم ئىچىمدە.
ـــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:1172 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/6/11 20:27:55 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|