|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
مەن« سېنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما...
|
|
|
مەن ساڭا« مەن بۈگۈن لىفتنى تازىلاۋاتقان چېغىمدا يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدىم» دېگەن چېغىمدا سەن« قەدىرلىكىم، دىققەت قىلىڭ» دېيىشتە يوق، « ئاستىراق تازىلىمىسىڭىز، ئاشۇنداق يېقىلىپ كەتكىلى تاسلا قالىسىز» دېدىڭ. سېنىڭ بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ، ئەرۋاھىم ئۇچۇپ، ئىمكانىيىتىم يار بەرسە،م سېنى ئېغىز چىشىمغا ئېلىپ چايناپ تىتىۋەتكۈدەك بولۇپ كەتسەم، سەن پەرۋامۇ قىلماستىن، كېتىپ قالدىڭ. مەن سېنىڭ بۇ مۇئامىلەڭنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلاندىم. ئۆزۈمدىن شۇنداق بىزار بولدۇم،ۋە شۇ كۈنى سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭنى جەزملەشتۈردۈم. كېيىن مەن بۇ لىفتنىڭ دائىم ناھايىتى پاكىز تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە بۇلارنى مەن تازىلىمىغاندىم. مەن تازىلىساممۇ، بۇنچىلىك پاكىز بولۇپ كېتىشى ناتايىن ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن بايقىدىمكى، بۇلار ئەسلى سېنىڭ ھەر كۈنى بەش مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، تازىلىشىڭنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. مەن ساڭا«مېنىڭ ۋېلىسىپىتىم بۇزۇلۇپ قالدى، مەن يېرىم سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ماشىنا بېكىتىگە بارالايمەن» دېگەن چېغىمدا مەن سېنىڭ ماڭا« نېمىشقا تاكسىغا ئولتۇرمىدىڭىز، چارچاپ قالغانسىز، ھە!» دەپ كۆيۈنۈشۈڭنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەمما سەن دوق قىلىپ«بېكەت ئارىلىقى يىراق ئەمەسقۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە مېڭىپ بارسىڭىز، ئورۇقلىيالايسىز» دەپ جېنىمدىن ئۆتكۈدەك گەپتىن بىرنى قىلدىڭ. مەن شۇ كۈنى ئۆيگە كېلىپلا، كارىۋاتقا ئۆزۈمنى ئېتىپ، قانغۇدەك يىغلىدىم. مېنى ھازىرغىچە بىرەرى سېمىز دەپ باقمىغانىدى. دېمەك، سېنىڭ كۆزۈڭگە شۇنداق كۆرۈنگەن بولسام كېرەك. مېنىڭ بۇ ئەپتىم سېنى بىزار قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ئارىدا مۇھەببەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مەن شۇنىڭ بىلەن سېنى مېنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرمىسە كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئەمما، ئەتىسى مەن مېھمانخانىدىكى ئۈستەل ئۈستىدە ماشىناڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە مەن ياقتۇرىدىغان نۇرغۇنلىغان يېمەكلىكلەرنى كۆردۈم. مەن ساڭا«مېنىڭ خوككايدو ئارىلى ۋە گوللاندىيە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دېڭىزنى كۆز يەتكۈسىز دېڭىزنى كۆرگۈم بار» دېسەم، سەن« شۇنداقمۇ، ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە پىلانلايلى» دەپ مېنىڭ تەلىپىمنى قوللىماي، كەسكىن قىلىپ:«توۋا، شۇنچە كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ، ئاشۇ زېرىكىشلىك جايغا قانداقمۇ بارغۇسى كېلىپ قالغاندۇ، بۇ چەكتىن ئاشقان ئەھمىيەتسىز ئىشقۇ!» دەپ كۆڭلۈمگە سوغۇق سۇ سەپتىڭ. مەن سېنىڭ بۇ گېپىڭنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ۋە سېنى مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيدۇ» دەپ ئويلىدىم. كېيىن، ئۆيىدە مەن بىر پارچە ساياھەتچىلىك ژۇرنىلىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇنىڭدا دۇنيادىكى ھەرقايسى داڭلىق جايلارنىڭ ھەر بىرى تەپسىلىي بىر بەت قىلىپ، تونۇشتۇرۇلغان ئىكەن. قارىسام، ئۇنىڭدا سېنىڭ بەزى تولۇقلىما خاراكتېرلىك يازمىلىرىڭ بار ئىكەن. مەن ساڭا« مەن دوستۇم بىلەن سىرتقا چىقماقچى بولۇۋاتىمەن، كەچرەك قايتىپ كېلىشىم مۇمكىن» دېگەن ۋاقتىمدا، مەن سېنىڭ «كىم بىلەن چىقىسىز، يولدا پەخەس بولۇڭ، تېلېفون قىلىشنى ۋە ئۆيگە بالدۇر قايتىشنى ئۇنتۇماڭ» دەپ ماڭا كۆيۈنۈشۈڭنى ئۈمىد قىلسام، سەن شۇنچە پەرۋاسىز«ئىختىيارىڭىز، خۇشال بولسىڭىزلا بولدى» دەپ قويۇپلا، ئۆزۈڭنىڭ ئىشلىرى بىلەن بەند بولدۇڭ. مەن بۇنى كۆرۈپ، سەندىن ھەقىقەتەن رەنجىدىم ۋە «مېنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرمەيدۇ» دەپ ئويلىدىم. مەن شۇ كۈنى كەچ سائەت ئۈچ بىلەن ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا، دېرىزىدىن توكنىڭ تېخى ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىنى كۆردۈم. ۋە سېنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئۆيگە كىرىپ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. چۈنكى سەن سافادىلا ئۇخلاپ قالغانىكەنسەن. مەن ساڭا« ھاممام كېلىدىغان بولدى، قورسىقىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ» دېسەم، سەن ماڭا «ئازراق بەرداشلىق بېرىڭ، مەن سىزنى دوختۇرغا كۆرسىتەي» دەپ تەسەللى بەرمەي، «ئايال كىشىمۇ-زە! كىچىككىنە ئىشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ھەقىقەتەن چىدىماس» دەپ غۇدۇراپ قويدۇڭ. شۇنىڭ بىلەن قورسىقىم بىر ئاغرىقى مىڭ بولۇپ، كاللامدىن ئىش چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. مەن شۇ ۋاقىتتا، قاتتىق ئازابلاندىم، سېنى مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ماڭا كۆيۈنمەيدۇ، دەپ ئويلىدىم. ئەتىسى قارىسام يېمەكلىكلەر ئىشكاپىدا نۇرغۇنلىغان شاكىلات ۋە قىزىل پۇرچاق تۇرۇپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق تۇرۇپ قالدى. سەن بۇلارنى سېتىۋېلىپ ئۆزۈڭ ئازراقمۇ يېمىگەن ئىدىڭ. ئارىدىن بىر ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى مېنىڭ ئادەت مەزگىلىمدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، سەن ماڭا ھەر كۈنى قىزىل پۇرچاق شورپىسى دۈملەپ بەردىڭ. مەن ساڭا«مەن سىزگە ياتلىق بولغىنىمغا تولىمۇ خۇشال، سىز مېنىڭ ياخشى ئىرىم» دېگەن ۋاقتىمدا، سەن خۇشاللىق بىلەن«مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن، سىزنىڭ مېنىڭ ئەڭ ياخشى خوتۇنۇم » دەپ تىلەكداشلىق بىلدۈرمەي «ياتلىق بولۇش دېگەن ياتلىق بولۇشقۇ،شۇ! بولمىسا سىز قانداق قىلاتتىڭىز» دەپ شېرىن ھېسلارغا تولغان قەلبىمگە ئازاب مۆلدۈرلىرىنى ياغدۇرۇڭ. مەن شۇ ۋاقىتتا، شۇنداق ئازابلاندىم، ھەمدە ئالدىڭدا ئالدىراپ بۇلارنى دېگەنلىكىمدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم. ئەمما، مەن بىر كۈنى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سىنىڭ ياتاق ئۆيىمىزنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان تويلۇق خاتىرە رەسىمىمىزنى سۈرتۈۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ قالدىم. مەن ئاخىرى چۈشەندىم، سەن بۇلارنى سىرتىڭدا چاندۇرماي، پەقەت قەلبىڭدىلا ئىپادىلەيدىكەنسەن. سەن باشتىن باشلاپلا مېنى ياخشى كۆرىدىكەنسەن، ئەمما سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى ئىپادىلەش ئۇسۇلۇڭ ناھايىتى ئالاھىدە ئىكەن. |
كۆرۈلۈشى:2124 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/4/7 20:22:35 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|