(ھېكايە)
مارىگۈل تۇداخۇن
شەنبە كۈنى ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپلا، ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىككى ئاپامغا بايراملىق سوۋغا سېتىۋالماقچى بولدۇم.
— ۋاي – ۋۇي، كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭىزغۇ؟ ئەھۋالىڭىز قانداقراق، بالىلىرىڭىز ياخشىدۇ؟ بىلسەم – بىلمىسەم ھەقىچان ئاپىلىرىڭىزغا ‹‹مارتلىق سوۋغا›› ئالغىلى كەلدىڭىز، شۇنداقمۇ؟ – ناھىيە بازىرىدىكى مەخسۇس چوڭ ياشتىكى ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى ساتىدىغان دۇكاندار ئايال مېنى كۈلۈپ تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى ۋە جاۋابىمنى كۈتمەستىنلا ماللىرىنى ماختىغىلى تۇردى.
— ھەممىسى يېڭىلا كەلگەن ماللار، بىزمۇچۇ سىلەردەك كادىر چوڭاملارنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسۈشىگە قاراپ مال ئەكىلىمىز، نېمە ئالاي دەۋاتىسىز؟ يوپكا ئالامسىز، پوپايكىمۇ؟ قاراڭ ماۋۇ يوپكىلارغا، ‹‹جىڭبەن›› يوپكىلار بۇ، كىيسە شۇنداق چىرايلىق چىقىدۇ، ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى يېقىن، سىزدىن يوشۇرمايمەن، ماۋۇ يوپكىلار زاۋۇتنىڭ ماركىلىق يوپكىلىرى، يەنە بۇنىڭغا قاراڭ، بۇنى سىرتتىكى سەيپۇڭلار پاسون ئوغرىلاپ تىككەن، سىنجىلاپ قارىمىسىڭىز پەرقلەندۈرەلمەيسىز، ھەربىرىنىڭ باھاسىدا پەقەتلا 100 يۈەن پەرقلىنىدۇ، يەنە ماۋۇ پوپايكىلارغا قاراڭ، بۇ خىلدىكىسى 100 پىرسەنت ساپ يۇڭ، بۇ خىلدىكىلىرى 40 پىرسەنت يۇڭ، قالغىنى ئارىلاشما، پاسونى، رەڭگى ئوخشاش، بىراق شۇ باھاسىدا 120 يۈەن پەرقلىنىدۇ، جىڭ – جالىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ساتمىساق پايدا ئالغىلى بولمايدۇ – دە!
ھەر يىلى ھېيت – بايراملاردا ئىككى ئاپامغا ياغلىق ياكى ئاياغ ۋە ياكى باشقا نەرسە ئالاي، ئوخشاش قىلىپ ئالاتتىم، شۇ ئادىتىم بويىچە بىر جۈپ كۈلرەڭ ساپ يۇڭ پوپايكىنى تۇتتۇم.
— ماۋۇنى ئالايمىكىن؟
— كۆزىڭىز مال تونۇيدىكەن جۇمۇ، بۇ يىل كۈلرەڭ مودا، قېينئانىڭىزغىمۇ ئوخشاشنى ئالامسىز؟ بۈگۈن مەن بۇ مالدىن خېلى ساتتىم، ھەممىسى دېگۈدەك ئاپىسىغا جىڭىنى، قېينئانىسىغا جاسىنى ئالدى، سىزمۇ شۇنداق قىلامسىز يا؟
ئاغزىمدىن قانداقلارچە ‹‹مەيلى›› دېگەن سۆز چىقىپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتىمەن...
— ئاپا، سىزگە ئاز بولسىمۇ بۇنى ئالدىم، ئەتە كىيىۋالارسىز.
— رەھمەت قىزىم، بىر جېنىڭىزغا مىڭ جان قوشۇلسۇن. قېينئانىڭىزغىمۇ ئالغانسىز؟
— قېينئانامغا ماۋۇ خىلىدىن ئالدىم.
— نېمە جارىنى ئالدىم دەمسىز؟ توۋا، مەن سىزنى خېلى ئىش ئۇقىدىغان بالا بولدى دېسەم، قىلغان ئىشىڭىزنى قاراڭ. يولدىشىڭىز نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟ ‹‹ھامۇتكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق›› دېگەندەك، ياشلا تۇل قېلىپ مىڭبىر جاپادا قارچۇغىدەك يىگىتنى چوڭ قىلىپ ئالقىنىڭىزغا سېلىپ بەرگەن ‹‹گۇناھى›› ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟ ‹‹كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس›› بالام، سىزمۇ ئىككى ئوغۇل بېقىۋاتىسىز، كەلگۈسىدە كېلىنلىرىڭىز سىزگە ئاشۇنداق مۇئامىلە قىلسا قانداق قىلىسىز؟ مەڭ، ماڭا ئالغاننى قېينئانىڭىزغا بېرىڭ، ماۋۇنى مەن كىيەي...
ئاپامنىڭ مۇنداق ئاچچىقلانغانلىقىنى ئەزەلدىن كۆرمىگەن ئىكەنمەن، تۇيۇقسىز نومۇستىن شەلپەردەك قىزارغان يۈزلىرىمنى ئاپامدىن يوشۇرۇپ، پوپايكىنى قۇچاقلىغىنىمچە بېكەتكە قاراپ يۈگۈردۈم...