Article Center - ماقالە مەركىزى - كونا تام سائىتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر ساغلاملىققا پايدىلىق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يۈگۈرۈپ بەرسە، مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئېسىڭىزدە بولسۇن ....
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ چىشى ھەم پاكىز ھەم ساغلام بولىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەرنىڭ كۈزلۈك كۈتۈنۈشىدىكى مۇھىم ھالقىلار
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


كونا تام سائىتى

قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، سىرت ئاچچىق سوغۇق ئىدى... 
   ئۇ ياقىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بېشىنى تېخىمۇ ئىچىگە تىقتى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭلىق بىلەن سوغۇقنى توسقىلى بولمايتتى. بېشىنىڭ چوققىسىغا چۈشۈۋاتقان قار، ئايىقىنىڭ نىپىز چەمىدىن ئۆتۈۋاتقان سوغۇق ئۇنى ئوخشاشلا بىئارام قىلىماقتا ئىدى.
   ئۇ قاياققا بېرىشنى بىلمەيتتى. ئەگەر ھاۋا ئوچۇق بولسىدى، ئەلۋەتتە ئىش باشقىچە بولۇپ، تاپاۋىتىمۇ ياخشى بولار ئىدى. بىراق، بۇنىڭدەك سوغۇق كۈندە كوچىدا ئادەمنى كەمدىن كەم ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئۇ ياقىسىدىن بېشىنى تەستە چىقىرىپ ئەتراپقا زەڭ سالدى. ئۇدۇلدىن كىمدۇر بىرى يولنىڭ تىيىلغاقلىقىغا قارىماي تۇلىمۇ ئالدىراش كېلىۋاتاتتى...
   «ھەي... شۇ ئالدىراشچىلىقىدا قاتتىق بىر يىقىلىپ، يانچۇقىدىكى پورتمالى چۈشۈپ قالغان بولسا، سەزمەي ماڭغىنىدا جاپا تارتمايلا تەييار ئولجىغا ئېرىشەتتىمىدە...» ئۇ شېرىن خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. «ياق، ئەگەر چۈشۈپ قالمىسىچۇ؟ مەن ئۇنى ئەپچىللىك بىلەن سوقىۋەتسەم، ئېھتىمال...» ئۇ خىياللىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ بولغىچە يىگىت ئۇنىڭ ئودۇلىغا كىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ بىردىنلا جىددىلىشىپ قالدى، خۇددى يىگىت ئۇنىڭ بايىقى خىياللىرىنى سىزىپ قالغاندەك. بىراق، يىگىت ئۆز غىمى بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئاستاغىنە كەينىگە بۇرۇلدى. يىگىت ئاددى ۋە يەڭگىل كىيىنگەن بولۇپ، قولىدا كونا بىر تام سائىتىنى كۆتۈرۈۋالغانىدى.
   «قىزىق، شۇنچە سوغۇقتا بۇ سائەتنى كۆتۈرۈۋالغىنى نېمىسى، ئەجەبا، ئاسارە-ئەتىقىمىدۇ...؟ شۇنداق بولسا نۇرغۇن پۇلغا يارىشى ئېنىق، ھەي...ئۇنىڭ قولىدىن شۇ سائەتنى ئالالىغان بولسام...» ئۇنىڭ خىياللىرى بارغانچە قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ تاپتا يىگىت ئۇنىڭدىن خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتى. بىراق، قېلىن قار مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ئۇنى تېخىمۇ ئارقىدا قالدۇرۇۋاتاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ نىشاندىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى. يىگىت بولسا ئاللىبۇرۇن ئالدىدىكى كىچىك تۆت كوچا ئېغىزىغا بېرىپ بولغانىدى.
ئۇ قەدىمىنى تېزلەتتى، ئەگەر يىگىت ئەگىلىپ ياندىكى يولدىن ماڭسىلا ئۇ نىشاننى يوقىتىپ قوياتتى... ماشىنىنىڭ كۈچلۈك تورمۇز ئاۋازى ئۇنى چۆچۈتىۋەتتى. ئۇنىڭ نىشانى توساتتىن غايىب بولدى. ئۇدۇلىدا پەقەت بىر ئاپتوموبىل تۇراتتى. «ئاناڭنى، نەس باسقۇر ماشىنا!» ئۇ قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. چۈنكى، قولغا چۈشكەن ئولجىنى بۇنىڭلىق بىلەن يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايتتى. ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ تېزرەك ئۆتۈپ كېتىشىنى كۆتۈپ، خېلىغىچە قاراپ تۇردى. بىراق، ئاپتوموبىل كەينىگە ياندۇرۇلدى. يىگىت كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يەرگە كۆز يۈگۈرۈتتى، يىراقتىن نېمە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىسىمۇ، يەردىكى قارا نەرسىنى كۆرۈپ چۆچۈگەندەك بولدى-دە، ئۇدۇلغا قاراپ يۈگۈردى. بايىقى ئاپتوموبىل ياندىكى كوچىدىن قايتا چىقتى-دە، بايىقى يۆنىلىشىدە كېتىپ قالدى.
   يىگىت قانغا مىلەنگەن ھالەتتە ياتاتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىنى تونۇغىلى بولمايتتى... ئۇ نە ئىگىلىپ يىگىتنىڭ تىنىقى بار يوقلىقىنى بىلىپ بېقىشنى، نە ۋارقىراپ ئادەم چاقىرىشنى بىلمەيتتى. بىردەمدىلا يۈز بەرگەن ئىشنىڭ چۈش ياكى رىئاللىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئاڭقىرالماي قېلىۋىتاتتى... 
    قەدىرلىكىم، مەن سىزنىڭ يىنىڭىزدا... قەدىرلىكىم، مەن مەڭگۈ سىزنىڭ يىنىڭىزدا...!
ئۇ تويۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئەتراپقا قارىدى. ئەتراپ يەنىلا جىمجىت بولۇپ، ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. بىراق ئاۋاز يەنىلا ئاڭلىنىۋاتاتتى... ئۇنى بىردىنلا قارا تەر بېسىپ كەتتى.
   «كۈپكۈندۈزدە ئەجەبا؟...» ئۇنىڭ خىيالى يەنە قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى. ئاۋاز توختىماي چىقىۋاتاتتى. كۈن بۇيى بېكارچىلىقتا سائەت-سائەتلەپ تېلېۋىزۇرنىڭ ئالدىدا مىدرلىماي ئولتۇرۇپ كۆرگەن چەتئەلنىڭ قۇرقۇنۇشلۇق فىلىملىرى بىردىنلا كۆز ئالدىغا كېلىۋىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ ۋەھىمە بىسىشقا باشلىدى. «ئۇلۇغ خۇدا، مېنى كەچۈرگىن، مەن ئەسلى يامان خىيالدا بولمىسام، ئۇنىڭغا ئەگەشمىسەم بولاتتى. مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ئەمدى ھەرگىز يامان يولدا ماڭمايمەن، مېنى بۇنداق جازالىمىغىن...» ئۇ بارغانچە ماغدۇرسىزلىنىپ، تىزلانغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئاۋاز يەنە توختىماي چىقىۋاتاتتى، ئۇ بولسا توختىماي توۋا قىلاتتى...
   بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ئېسىنى يىغىپ كەينىگە ئۆرۈلدى. نېمىدۇر بىر نەرسە قارغا پېتىپ قالغانىدى. ئۇ توڭلاپ، تېترىشىگە قارىماي قولىنى ئۇزاتتى... بۇ كىچىك بىر يانفۇن بولۇپ، ئاۋاز ئەسلى ئۇنىڭدىن كېلىۋاتاتتى... ئۇ يانفۇننى يېقىن ئەكىلىپ قارىدى. ئېكراندا چىرايلىققىنە بىر قىزنىڭ رەسىمى توختىماي كۆرۈنۈپ تۇراتتى. تىلېفون قىلغۇچىنىڭ نامى «قەدىرلىكىم» دەپ ساقلانغان ئىدى. ئېنىقكى، بۇ يىگىتنىڭ قىز دوستىدىن كەلگەن تېلېفون ئىدى. ئۇ ئاستاغىنە قوبۇل قىلىش كۇنۇپكىسىنى باستى. 
    قاراڭ، ۋاقىت كېلىشكىنىمىزدىن 25 مىنۇت ئېشىپ كەتتى، سىز راستتىنلا كۆپ ئۆزگىرىپسىز، بۇرۇن ۋاقىتقا بەك رىئايە قىلاتتىڭىز... تېلېفوندىن قىزنىڭ ھەر بىر تىنىقى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى،... مېنى كەچۈرۈڭ سىزنى ئەيىپلىمىسەم بولاتتى، ئۆزۈمنىڭ بۇنداق سالاھىتىمنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ، بىراق شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم، چۈنكى سىزنى بىر كۆرۈۋالمىسام بولمايدۇ، تېلېفوندىن قىزنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. ۋەدە بېرىمەنكى، بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، بۇندىن كېيىن ھەرگىز سىزنى ئاۋارە قىلمايمەن... مەن ئەتىلا بۇ يەردىن كېتىمەن... سىزگە ۋەدە بېرەي... بۇ ئاخىرقى قېتىم... گەپ قىلسىڭىزچۇ؟! ئۇ شۇ تاپتا ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلمەيتتى. 
    سىز كېلەلمەيسىز، شۇنداقمۇ؟
   ئۇ «ئۇنداق ئەمەس» دېگەننى ئارانلا دېيەلىدى. 
    قەيەرگە كەلدىڭىز؟
   تۆت كوچىغا، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى، نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى. 
    ئۇدۇلغا قاراپ ماڭسىڭىز، بۇلۇڭدا دەرۋازىسى ئوچۇقلۇق بىر قورۇ بار، كىرسىڭىز بولىدۇ. مەن سىزنى ساقلايمەن، تېلېفوننىڭ ئۈزۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى...
   ئۇ ئورنىدا خۇددى قېتىپ قالغاندەك تۇرۇپلا قالدى. «توۋا، نېمە ئىشلار بولۇپ كەتتى ئەمدى، نېمىشقا ناتونۇش بىر قىزنىڭ تېلفونىنى ئالىمەن، يەنە تېخى يىنىغا بېرىشقا ۋەدە بەرگىنىم نىمىسى...؟» ئۇ بىردىنلا ئۆزىنىڭ ئارتۇق بىر ئىشقا ئارىلىشپ قىلۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، بۇ يەردىن دەرھال كېتىش قارارىغا كەلدى. «شۇنداق قىلاي، پۇل ئوغۇرلايمەن دەپ كوچىغا چېقىپ، باشقىلارنىڭ قېلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەي يەنە؟ ھازىرقى ئىلمىي قويمىچىلار بىز ئوغرىلاردىنمۇ يامان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ماشىنا ئۇرىۋىتىپ، قېچىپ كەتكەنلىكىنى ھىچكىم كۆرمىدى، ساقچىلار قاچان كېلىدۇ؟ دېلو ئېنىقلانغىچە...» ساقچى كاللىسىغا كېلىش بىلەنلا ئۇ بىردىنلا جىددىلىشىشكە باشلىدى. «شۇنداق، دەرھال كېتىش كېرەك، بولمىسا ساقچىلار مېنى بۇ ئىشقا چېتىۋالسا...» ئۇ قەتئىي قارارغا كەلدى، كىچىك بولسىمۇ بۈگۈن تۇنجى ئېرىشكەن ئولجىسى - يانفۇننى يانچۇقىغا بىلىنەر-بىلىنمەس رازىمەنلىك ئېلكىدە سېلىپ، بۇ يەردىن قوزغىلىشقا قەدەم ئالدى.
   قار بارغانچە كۈچىيىۋاتقاچقا نەچچە مىتىر يىراقلىقتىكى ئادەمنىمۇ ئىلغا قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈكۈت باسقان جىمجىتلىق ئۇنىڭغا راستىنلا ئويلىمىغان بىر پالاكەتتىن شەپە بىرىۋاتقاندەك بىلىنشكە باشلىدى. «توختا، بۇنداق سوغۇقتا يەنە بىر كۈن پالاقلاپمۇ بۇنداق تەييار ئولجىغا ئېرىشىشىم مومكىن ئەمەس، سائەتنىمۇ، يانچۇقتا پۇل بولسا ئۇنىمۇ بىراقلا ئېلىپ كېتەي...ياق، ياق، ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. ناۋادا قول ئېزىم قالسا، ساقچىلارغا نەق ئىسپات تەييارلاپ بەرگەن بولمامدىم...؟» ئۇ بارغەنچە زىدىيەتتىن قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتقان كاللىسىنى بىردەم بولسىمۇ ئارامخۇدا قويماقچى بولۇپ نەزىرىنى يىراقلارغا تېكىپ باقتى. بىراق، ھايال ئۆتمەي قايتىپ كەلگەن نەزىرى يەنە يەردە ياتقان يىگىتتە قېتىپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قېنى يەرنى بويىۋەتكەن بولۇپ، قار شۇنچە شىددەت بىلەن يىغىۋاتقان بولسىمۇ قاننى يىپىشقا ئاجىز كېلىۋىتاتتى. ئۇ يېگىتكە قارىغانچە بىردىنلا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قالدى. «ئۇ بۇ ھاياتىدا تالاي قىزلار بىلەن ئارىلاشقان، ئۇلار پۇلى بارىدا ئۇنىڭ دوستىغا، مۇھەببىتىگە ئايلىنىپ، جاھاندىكى بارچە گۈزەل سۈپەتلەرنى ئۇنىڭ شەنىگە ئاتاشقان بولسا، غۇربەت كۈنلرىدىچۇ؟ بۇنداق قىزلارنىڭ تىل تاۋۇشلىرىدىكى ساختىلىقىنىڭ قانداق ئوداردا ياڭرايدىغانلىقى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان. شۇنداق، شۇنداق، بايىقى قىزنىڭ ھەر بىر تاۋۇشلىرىدىن سەمىمىلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ قويمىچى قىزلاردىن ئەمەس. مەن ئۇنىڭغا ياردەم قېلىشىم كېرەك. ياق...ياق...مەن...مەن...زادى نىمە بولىۋاتىمەن...؟» ئۇ ئارتۇقچە خىياللىرىنى يوغۇشتۇرۇپ، چاپىنىنى سالدى-دە، جەسەتنىڭ يۈزىگە ياپتى. شۇ پەيتتە ئۇنىڭدا بايىقى توڭلاشتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى...
   ئۇ قىز دېگەن تەرەپكە قاراپ ماڭدى. شۇنداق، ئۇ قىزغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتماقچى ئىدى، گەرچە ئۇ باشقا ئىشلاردىن بىخەۋەر بولسىمۇ، يىگىتنىڭ قىزنىڭ ئاۋازى ۋە رەسىمىنى ساقلاپ قويغىنىدىن يەنە كېلىپ تېلېفوندىكى ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتمىگىنىدىن يىگىتنىڭ ھېلىغىچە قىزنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىنى بىلگەنىدى. «توۋا» دىدى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە. «دۇنيادا مۇھەببەت راستىنلا مەۋجۇتمۇ نىمە؟...» 
   ئۇ قەدىمىنى تېزلەتتى. بۇلۇڭدىكى دەرۋازا، ئوچۇق تۇرغان ئۆي... ئۇنىڭ قەدىمى بىردىنلا ئاستىلاپ قالدى. «قىزغا يىگىتنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغىنىنى دېسە...ياق...قىز بەلكىم بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن...» ئۇ ئويلا-ئويلا ئۆزىنى يىگىتنىڭ دوستى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ چەتكە چىقىپ كەتكەنلىكىنى، بىراق قىزنى يەنىلا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىشنى توغرا تاپتى...
   ئۇ ئاستاغىنە دەرۋازىدىن كىردى-دە، ئۇدۇل بېرىپ ئىشىكنى چەكتى. ئىچىدىن ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى-يۇ، بىراق ھېچكىم ئىشىكنى ئاچمىدى. بىر نەچچە قېتىم چەككەن بولسىمۇ يەنىلا ئىشىك ئېچىلمىدى. ئۇ ئىشىكنى ئاستاغىنە ئىتتىردى، ئۆي تولىمۇ يورۇق، ئازادە بولۇپ، ئاددىيغىنە بىزەلگەنىدى. ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇقتا ئورۇق، كۆزلىرى كىرىپ كەتكەن چىرايلىققىنە بىر قىز ئولتۇراتتى. دەقىق ئىچىدە كاللىسىغا كەلگەن «ناۋادا، بۇ قىز سىز كىم، مىنىڭ ئۆيۈمدە نىمە ئىش قىلىسىز؟! دەپ سالسا...» دىگەن ئوي ئۇنى يەنە جىددىلەشتۈرۈپ قويدى. «نىمە دەيتتىم، توۋا...؟» ھەر قېتىم ئوغۇرلىققا توتۇنغاندىمۇ ئۇ بۇنداق تەمتىرەپ باققان ئەمەس. «ھە، توغرا، مەن يىگىتىڭىزنىڭ يىقىن دوستى دىمەكچى ئىدىمغۇ...» ئۇ شۇنچە تېز ئۆزىگە قايتىپ قىزغا قاراپ زورمۇ-زو كۈلۈمسىرەپ قويدى. 
    كەلدىڭىزمۇ؟ ئولتۇرۇڭ، دېدى قىز ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ. «ئەجەبا ئۇ مېنى تونۇمىغانمىدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ يىگىتى ماڭا شۇنچە ئوخشامدىغاندۇ... توۋا خۇدايىم، نىمە بولۇپ كەتتى ئەمدى، مەن بىر تۇزاققا...» ئۇنىڭ كاللىسى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى. 
    سىز قىلچە ئۆزگەرمەپسىز، يەنىلا بۇرۇنقىدەك، ئاخىرقى قېتىممۇ بۇرۇنقى قىياپىتىڭىزدە كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن... قىز ئۇنىڭغا قاراپ يىنىككىنە كۈلۈپ قويدى،  بەلكى مېنىڭ بۇ قىياپىتىمگە قاراپ ھەيران قېلىۋاتقانسىز... ئۇ يۈزىنى ئاستاغىنە سىلاپ پەسكە قارىدى، بۇرۇنقى چىرايىم قالمىدى، تولا يىغلاپ چىرايىمدىن كېتىپ قالدىم...
   ئۇ ھىچنىمە دىمەستىن قىزغا سەپسېلىپ قاراشقا باشلىدى، قىز سۆزلىگەنچە كۆزى يىگىتتىن چەتنەپ كېتىۋاتاتتى... ئۇ ئەمدىلىكتە ھۇشىنى يىغقاندەك بولدى. «ۋاي، خۇدايىم!» ئىچىدە ئولۇغ بىرنى تېنىۋەتتى. قىز ئەما ئىدى. ئۇ ئىشنىڭ بۇنچە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يەتمىگەن ئەلۋەتتە... ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا يىگىت رولىنى ئېلىشتىن باشقا ئىلاج قالمىغانىدى. «ئۇ تېلفۇندا ئاۋازىمنى پەرق ئېتەلمىگىنىگە قارىغاندا، ئاۋازىمنىڭ ئۇنىڭ يىگىتىنىڭكى بىلەن ئوخشايدىغىدا شەك يوق، بولسا شۇنداق بولسۇن ئىلاھىم...» ئىشنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلاشقا ئەسلا قۇربى يەتمەيتتى، قىسقىسى ئۇ ئالدىدىكى بۇ بىچارە قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مۇڭىغا مۇڭ بولۇشتىن باشقىنى ئويلىيالمىدى... 
ئالدىدىكى خېتىڭىزدە توي قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتىپتىكەنسىز... بىز قىزلار شۇنداق ئوخشايمىز، بىرىنچى بولۇپ «ئۇ مەندىن چىرايلىقمىدۇ؟» دېگەننى ئويلاپ قالدىم... ئۇ يىنىككىنە كۈلدى، بىراق ئۇ كۈلكە شۇنچە تەستە چىقتىكى بۇنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى سېيرىلماي قالمايتتى... 
    چىرايلىق، بىراق سىزگە يەتمەيدۇ... ئۇ نەق مەيداندا، قىزنىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم زۇۋان سۈردى. گىپىنى تۈگۈتۈپ شۇنچە تېز قىزغا باقتى. بىراق، قىزدا ئاۋالقىدەكلا ھىچقانداق گۇمانى ئۆزگىرىش سىزىلمىدى. «ئۇف!!!» ئۇ بىردىنلا بارچە قاباھەت ئاخىرلىشىپ، ئۈمىد قىرغىقىنى كۆرگەن سەيياھتەك يەڭگىللەپ قالدى. ئىخيتىيارسىز مەڭزىدىن بىر نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى. «توۋا، مەن نىمە بولدۇم، كىچىك بالىدەك بولۇپ قالدىمغۇ ئەمدى...؟» راست، ئۇ كچىك چاغلىرىدا بەكلا يىغلاڭغۇ ئىدى. بىراق، ئوغرىلىق كوچىسىغا قەدەم باسقاندىن باشلاپ گويا كۆز يىشى قۇرۇپ كەتكەندەك نى-نى تاياق، ئىغىر كۈنلەردىمۇ گىرام ياش تۆكۈپ باقمىغان باغرى تاش ئوغرىنى مانا ئەمدى ئەما بىر قىز يىغلىتىۋاتىدۇ...
   بىچارە قىز بولسا يىگىتىنىڭ پاجىئەسىدىن خەۋەرسىز ئىدى، ئۇ ئۇدۇلىدىكى بۇ ناتونۇش ئوغرىنى ئۆزىنىڭ يىگىتى دەپ تونۇيتتى. ئۇ ئۇدۇلغا قارايتتى، ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ ئەما بولۇپ قالغىنىنى بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشاتتى.
قىز يىنىككىنە كۈلدى: 
    مېنى يەنە ئالداۋاتىسىز... سۆزىڭىزنىڭ يالغانلىقىنى بېلىپ تۇرساممۇ بىراق، يەنىلا بۇ سۆزىڭىزنى كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلايمەن، مەن ئىلگىرىمۇ سىزنىڭ ھەممىدىن چىرايلىق، ھەممىدىن نازاكەتلىك دەپ ماختىشىڭىزغا سازاۋەر بولغان ئەمەسمۇ...؟ قىزنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى. ئارقىدىن ئاغزىنى تۇتۇۋالغىنىچە بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى. 
    مېنى كەچۈرۈڭ، ئۆزۈمنى شۇنچە تۇتۇۋالاي دىسەممۇ، يەنە ئامال قىلالمىدىم... قىز بالا دېگەن كۆز يىشىنىڭ قۇلى ئىكەن، كۆز يىشى قىلىشتىن باشقا نېمە چارەم بولسۇن... سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ باشقا بىر قىزنى ئېلىپ بەرمەكچى بولغىنىنى دېگەندىن باشلاپ مەن تىنماي يىغلاپ كەلدىم. ئاپاممۇ تۈگەپ كەتتى، تىكەندەك يالغۇز قالدىم، يالغۇزلۇقتىن قورقۇپ بۇ يەرگە كەلسەم يەنىلا ئوخشاش بولدى... يالغۇزلۇقنىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەلۋەتتە سىز توي قىلغاندىن كېيىن سەزمىگەنسىز، خۇدا كۆرسەتمىسۇن... ئۆيگە كىرىمەن، قارشى ئالىدىغىنى مۇشۇ كەپەم؛ چىقىمەن، خوش دەيدىغىنى يەنە مۇشۇ غېرىبخانەم؛ تۇيۇقسىز يالغۇز ئۆلۈپ كەتسەم ھېچكىم بىلمەي قالمىسۇن دەپ، خوشنىلىرىمنىڭ كىرىپ-چىقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن كۈندۈزى دەرۋازىنى ئېچىپ قويىمەن... كەچلىرى چۈشۈم بۇزۇلۇپ ئويغىنىپ كەتكىنىمدە، تۆت تامغا قاراپ خىيال سۈرىمەن. توۋا، خىياللىرىم يەنە شۇ بىزنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن چاغلىرىمىزغا كېتىپ قالىدۇ، شۇنداق كۆڭۈللۈك-ھە... ئۇ يىگىتنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى تامامەن سەزمەي ئۇدۇلغا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى... بىراق يەنە يىغلايمەن، شۇ ۋاقىتلارنىڭ كەلمەسكە كەتكىنىگە، ئۆزۈمنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا مۇشۇنداق ئىچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىمغا يىغلايمەن... ھەممە ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەنلىكى نەرسىنى ئۆزىنىڭ بولسىكەن دەيدۇ، بىراق، خۇدا نېسىپ ئەتمىسە بىكاركەن... قىز بۇ قېتىم ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسى گۇيا ھازىرلا پۈتۈن ئۆينى قىيانغا چۈكتۈرىۋىتىدىغاندەك ھەسرەت، نادامەتلىك ئىدى.
ئۇ ئامىتى كېلىپ قۇلى پۇل كۆرگەن كۈنلەردە شاھانە تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى يەتكچىە سۈرەتتى. يانچۇقىدا تاماق يىگۈدەك پۇلىمۇ قالمىغاندا بولسا ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز، تەلەيسىز، بىچارە سانايتتى. كوچا-كويلاردىكى ئادەملەرگە قارايتتى. ھەممە غەمسىز، بەختلىكتەك كۆرۈنۈپ، ئىچىنى تەسۋىرلىگۈسىز بىر ئاچچىق قاپساپ، باشقىلارنىڭ شاتلىقىنى ئوغىرلاش ئۈچۈن ئاتلىناتتى. ساقچىلار ھايات، ئۇنىڭ قىممىتى ھەققىدە شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى تەسىرلەندۈرەلمىگەنىدى، بىراق بۈگۈن بىر ئاجىز، ئەما قىزنىڭ مۇھەببەت كەچمىشلىرى ئۇنى پۈتۈنلەي باشقا ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا؛ ئۇ قىزنىڭ مەڭگۈ ئۆزىنى ئىلگىرىكى يىگىتى دەپ ئويلىشىنى خالايتتى؛ قىز يىغلىغاندا تەڭ يىغلاپ كۈلگەندە تەڭ كۈلۈشنى خالايتتى. ئۇ قىزنىڭ يېشىنى سۈرتمەك بولۇپ قولىنى ئاپاردى-يۇ، ئەمما جۈرئەت قىلالمىدى... 
    سائەتنىڭ چىكىلدىشىنى ئاڭلىمىغىلى بەك ئۇزۇن بولدى، ئەينى ۋاقىتتا مەن ياتىقىڭىزغا ئېلىپ بەرگەن تام سائىتىنى ئالغاچ كېلىڭ دېمىگەنىدىم؟ 
    ئۇ... ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى، دۇدۇقلاپ گەپلىرى قولاشمايۋاتاتتى، مېيى تۈگەپتىكەن، مەن چىقىپ ماي ئېلىپ كىرەي بولامدۇ؟ 
    ئۇ مېڭىشتىن توختاپتۇ-دە؟  قىز ئاچچىققىنە كۈلۈپ قويدى، توختايدىغان ۋاقتى بولغان... ھازىر سائەت قانچە بولدى؟
   ئۇ قولىدىكى تېلېفونغا قارىدى، ئەپسۇس تېلېفون ئېتىلىپ قالغانىدى، ئۇ قىزنىڭ يېنىدىكى تېلېفوننى قولىغا ئالدى، ئېكراندا تېخى ئېچىلمىغان ئۇچۇرلار تۇراتتى. 
    ئىككىدىن قىرىق ئىككى مىنۇت ئۆتۈپتۇ... ئۇ خەتنى ئاچماق بولدى-يۇ، سەل توختاپ قالدى ۋە تېلېفوننى يانچۇققا سالدى. 
    سىز ئون بەش مىنۇتتا كىرىپ بولالامسىز؟ 
    بىر نېمە دېيەلمەيمەن، بەلكى ئۇنىڭدىن ئۇزاق... 
    چوقۇم ئون بەش مىنۇتقىچە كىرىپ بولۇڭ، مەھەللىدىكى دۇكان بۇ يەرگە بەكمۇ يىراق ئەمەس، ئىتتىك يۈگۈرسىڭىز بەلكى ئون مىنۇتقىمۇ قالمايسىز... مېنىڭ سىز كېتىشتىن بۇرۇن ئاخىرىقى قېتىم سىز بىلەن بىرگە سائەتنىڭ چىكىلدىشىنى ئاڭلىغۇم بار، سائەت ئۈچ بولغاندا ماڭسىڭىز بولىدۇ... 
    مەن ئاۋۋال چىقاي، بىردەمدىلا كىرىمەن... ئۇ ھادىسە يۈز بەرگەن تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. قار يەنىلا يېغىۋاتاتتى. ئۇ بىردە يۈگۈرۈپ بىردە قىزنىڭ تېلېفونىغا قارايتتى. قىرىق سەككىز... قىرىق توققۇز... ئۇ بىردىنلا قەدىمىنى توختاتتى... چۈنكى بايا ئۆزىنىڭ يىگىتنىڭ يۈزىگە يىپىپ قويغان چاپىنىنى ساقچىلار ئاختۇرۇشىۋىتاتتى... ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ پورتمالىنىڭمۇ چاپىنىنىڭ يانچۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ ئادەتتە پۇل سالمىسىمۇ پورتمالىنى يېنىدىن ئايرىمايتتى، بىرەر بىر چوڭ ئولجا ئالمىسا، پورتمال ھەمىشە دېگۈدەك قۇرۇق تۇراتتى... مۇھىمى پورتمالدا ئۇنىڭ كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسىمۇ بىللە ئىدى...
   ئۇ نە ئالدىغا مېڭىشنى نە قايتىپ كېتىشنى بىلمەيۋاتاتتى... نېمىلا بولسۇن سائەتنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەرمەي بولمايتتى... ئۇ سائەتكە قارىدى... ئۈچكە پەقەت ئۈچ مىنۇتلا قالغانىدى... ئۇ قىزغا تېلېفون قىلىپ قويۇشنى ئويلاپ تېلېفوننى قولىغا ئالدى، بىراق قولىدىكىسى دەل قىزنىڭ تېلېفونى ئىدى. ئۇ ئۇدۇلدىكى ئىككى ساقچىنىڭ جەسەتتىن يىراقلاپ نېمىلەرنىدۇر دېيىشىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، جەسەتنىڭ يىنىغا يۈگۈرۈپ باردى-دە، ئۇنىڭ پۇتى تەرەپتىكى سائەتنى ئالدى. ئەپسۇس، سائەت چېقىلىپ، ئىسترىلكىلىرىمۇ ئىگىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ سائەتنى مەيدىسىگە تاڭدى-دە، ھېچنىمىگە قارىماستىن يۈگۈردى... ئۇ نە چاپىنىنىڭ يۇقلىقىغا، نە كەينىدىن ئاڭلانغان ۋارقىراشلارغا پەرۋا قىلمايتتى... ئەس-يادى سائەتنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرغان شۇ قىزدا ئىدى...
   ئۇ مەھەللىگە قايرىلغاندا كەينىدىكى ۋارقىراشلارمۇ توختىدى... ئەلۋەتتە، بۇ تامامەن بىخەتەرلىكتىن دېرەك بېرەلمىسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىدى... ئۇ ھاسىرغىنىچە ئوچۇق تۇرغان دەرۋازىدىن كىردى، بىراق بۇ نۆۋەت قاراملىق قىلىشقا بولمايتتى، ئۇ دەرۋازىنى تاقىدى-دە، ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى...
   قىز يەردە ياتاتتى... ئۇ سائەتنى تاشلاپ قىزنى يۆلىدى. قولىنى ئۇنىڭ بۇرنىغا ئاپاردى، تىنىق ئاللىقاچان توختىغانىدى... ئۇنىڭ كۆزى بىردىنلا ئورۇندۇقنىڭ بۇلۇڭىغا تىقىپ قويۇلغان چاشقان دورىسىغا چۈشتى. «ئەڭ يېڭى ماركا بىر سائەتتىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ...»
   ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى... بۇ قېتىم ئۆزىنى قويۇۋېتىپ راسا يىغلىدى... ئاۋازى مەھەللىنى بىر ئالدى...
ئۇ قىزنىڭ جاۋغىيىدىكى قاننى ئېيتىپ ئۇنى يان تەرەپتىكى كارۋاتقا ياتقۇزدى.
   «ھەر يېرىم سائەتتە مېنى بىر قېتىم ئەسلەشنى ئۇنۇتماڭ...»
   ئۇ يانچۇقىدا تىتىرەۋاتقان تېلېفوننى قولىغا ئالدى، ئېكراندا يىگىتنىڭ سۈرىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ياش تۆكمەسلىككە زادى ئىلاجى قالمىدى... چۈنكى قىز تېلېفوننىڭ ھەر يېرىم سائىتىگە توغرىلاپ يىگىتنىڭ ئاۋازى بىلەن رەسىمىنى كىرگۈزۈپ قويغانىدى... مانا ئۇ نېمىنىڭ مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى بۈگۈن ھەقىقىي بىلىپ يەتمەكتە ئىدى... قىزنىڭ نېمىشقا يىگىتنى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇنتۇماي ئىزچىل سۆيۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي چۈشۈنۈپ يەتتى... تېلېفون سايراشتىن توختاپ ئىكران ئەسلىگە ياندى؛ ئۇ بايىقى ئۇچۇرلارنى كۆرۈشكە باشلىدى، ئۇچۇر چۈشتە يوللانغان بولۇپ، تېخى ئوقۇلمىغان ئىدى:
   «قەدىرلىكىم، خەنتى بەكلا كېچىكتۈرۈۋەتتىم، مېنى كەچۈرۈڭ... سىزنىڭ مەندىن خاپا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن... مەن سىزگە چۈشەندۈرۈشكە شۇنچە تىرىشتىم. بىراق ئامال بولمىدى، چۈنكى مەندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ياش تۆكۈپ ئازابلىنىشىڭىزنى خالىمىدىم، سىز مەندىن يىنىش-يىنىشلاپ ‹مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟› دەپ سوراپسىز. ھەر بىر قېتىم مۇشۇ سوئالىڭىزنى كۆرگىنىمدە ئازابتىن تولغاندىم، چۈنكى سىز ھەر بىر سوئالىڭىزدا مېنىڭ سىزنى ھېلىھەم شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ئۆزۈمگە جاكارلىتىپ ئۆتىسىز؛ مۇھەببەتكە سوئال لازىم ئەمەس، سىزگە بولغان مۇھەببىتىم بىر مىنۇت بىر سىكۇنتمۇ ئۆزگەرگىنى يوق، مەن سىزنى مەڭگۈ ئاۋۋالقىدەكلا ياخشى كۆرىمەن...
ئەمەلىيەتتە ئاتا-ئانام ماڭا باشقا قىز تېپىپ بەرگىنى يوق، خۇدانىڭ مېنى سىزدەك بىر قىزنىڭ مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر قىلغىنىغا مىڭ شۈكرى، مەن بۇ دۇنياغا بىر سىز ئۈچۈنلا يارالغان؛ بىراق مەن بۇنىڭلىق بىلەن سىزنى ئازابلىسام بولمايدۇ؛ سىزگە بۇرۇن دادامنىڭ ئۆپكە كىسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئېيتىپ بەرگەنىدىم بەلكى ئېسىڭىزدىدۇ؟ ئۇزاقى يىلى دەل مۇشۇنداق كۈندە مېنىڭ ئۆپكە راكى بولغانلىقىم، ئەڭ كۆپ دېگەندە ئىككى يىل، ئاز دېگەندە نەچچە ئاي ياشىيالايدىغانلىقىم توغرىلىق دېئاگنوز قويۇلدى. ئەلۋەتتە مەنمۇ بىر مەزگىل ئىشەنمەي يۈردۈم، بىراق ئۆزۈمدىكى ئالامەتلەرگە قاراپ تەقدىرگە تەن بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم. شۇ مەزگىللەردە خۇدادىن ئاخىرقى ئۆمرۈمنى سىز بىلەن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنى تىلىدىم، بىراق كېيىن بۇنىڭ تولىمۇ شەخسىيەتچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرى سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشنى قارار قىلدىم؛ سىزنىڭ ماڭا قىيالماي ئازاپتا قالغىنىڭىزدىن كۆرە مەندىن ياخشىراق بىرىنى تېپىپ بەختلىك ياشىشىڭىزنى ئەۋزەل كۆردۈم، شۇڭا يالغان سەۋەبتىن بىرنى كۆرسەتتىم؛ شۇندىن كېيىن ئازابلانغانلىقىڭىزنى تامامەن بىلىمەن؛ بىراق مېنىڭمۇ بىر كۈنۈم ئازاپسىز ئۆتكىنى يوق، نامدا سىزدىن يىراقلاپ كەتكىنىم بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەتراپىڭىزدا ئەگىپ يۈردۈم... بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆچۈپ كەتتىڭىز... مەن ھەرقانچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ يېڭى ئادرېسىڭىزنى تاپالمىدىم... سىز ‹ھەر ۋاقىت مېنى ئەسلەڭ، سائەتنىڭ چىكىلدىشى مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ سوقىشى› دەپ سوۋغا قىلغان سائەت ھېلىھەم ياتىقىمنىڭ تېمىدا. مەن كۈندە سائەتنىڭ چىكىلدىشى بىلەن سىزنى ئەسلەيمەن، ئۇنىڭ مېڭىشى سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنىڭ سوقىشى، بىلەمسىز مەن ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ ئۇنى مېڭىشتىن توختىتىپ قويغىنىم يوق...
   بۈگۈن سەھەردە سىزنىڭ تېلېفون ئوچۇرىڭىزنى قوبۇل قىلىپ شۇنداق روھلىنىپ كەتتىم. شۇنداق، تېلېفونومنىڭ سايراش مۇزىكىسى ھېلىغىچە ئۆزگەرگىنى يوق. سىز بۇنىڭ ئاخىرقى قېتىمقى كۆرىشىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپسىز. خۇدانىڭ شۇنىڭغا يەتكۈزگىنى ئۈچۈن مىڭ شۈكرى... ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن ئۆتكۈزۈش مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت ئەلۋەتتە... مەن سائەتنى ئېلىپ يولغا چىقتىم، خۇدا بۈگۈن بىر كۈنلۈك ئۆمرۈمنى مەندىن ئايىمىسىكەن دەيمەن... بىلەمسىز دوختۇرنىڭ دېئاگنوزى ئېنىقى بولغىنىغا دەل ئىككى يىل بولدى، مەن خۇدادىن ھېلىھەم سىزنى بىر كۆرۈۋېلىپ، مۇمكىن بولسا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا جېنىمنى ئېلىشىنى ئۆتىنىمەن... سائەت قولۇمدا، ئۇنىڭ چىكىلدىشى سىزنىڭ يۈرەك سوقىشىڭىز، سىز ھامان مەن بىلەن بىللە...» 
   ئۇ تېلېفوننىڭ قانداقسىگە قولىدىن چۈشۈپ كەتكىنى سەزمەي قالدى. شۇ تاپتا پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ، كۈچ ماغدۇرى پۈتۈنلەي غايىب بولغانىدى...
   دەرۋازا «جالداق» قىلىپ ئېچىلىپ بىر توپ ساقچى ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىشتى، ئۇلار ئۇنىڭ قوللىرىنى قوپاللىق بىلەن قايرىپ كويزا سالغىنىچە ئېلىپ مېڭىشتى... ئۇ بىر ساقچىلارغا بىر قولىدىكى كويزىغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلدى-دە، ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى...
   قىزنىڭ كارۋىتى بېشىدا يەنە ئاۋاز پەيدا بولدى:
«ھەر يېرىم سائەتتە مېنى بىر قېتىم ئەسلەشنى ئۇنۇتماڭ...» تېلېفون شۇنداق دەپ سىگنال بەردى-دە، ئۆچۈپ قالدى...
         كۆرۈلۈشى:988     قوشۇلغان ۋاقتى:2010/11/9 14:55:36يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
كېيىنكى ماقالە:قىزنىڭ دادىسىغا يازغان ئالاھىدە مەكتۇبى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号