|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
{ھىكايە}
مەن بەختىيار بىلەن ئەڭ يېقىن دوستۇم ئايچېھرەنىڭ سەۋەبى بىلەن تۇنۇشقان. دەسلەپكى شۇ ئۇچرىشىش مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئايچېھرە بەختىيارنىڭ قوشنىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىڭلىسى، مۇڭدىشى، يېقىن دوستى ئىدى. مەن بەختىيارنى تېخى كۆرمەستىلا ئايچېھرە ئۇنىڭ گېپىنى تولا قىلىپ قۇلاق-مېڭەمگە بەختىيار دېگەن بۇ ئىسىمنى قۇيۇپلا ۋەتكەنىدى. ئۇ كۈنى ئايچېھرە مېنى مېھمان قىلىدىغان بولۇپ تاماققا چاقىرغانىدى. مەن دېيىشكەن يەرگە بارغىنىمدا بەختىيار بىلەن ئىككى چۈجە خورازلاردەك چوقۇشۇپ ئولتۇرۇپتىكەن، بەختىيار مېنى كۆرپ ئايچېھرەگە ئالايغانىدى. ئايچېھرە دېگەن پاراكەندە دوستۇممۇ پەقەت ئىككىمىزنى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈنلا مېنى مېھمان قىلغۇسى كەپكېتىپتىكەن. بەختىيار ئۇچاغدا خىيالىمدىكىدىنمۇ قامەتلىك، كېلىشكەن، خۇشپىچىم يىگىت بولۇپ چىققانىدى. مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىيالىمدا ئەگىپ يۈرگەن بۇ شاھزادەمنى شۇچاغدا بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم. توۋا شۇ چاغلاردىكى بەخىت تۇيغۇسى، روماتىك خىياللار، بەختىيار ماڭا ھەممىنى بەردى... ئايچېھرە مەن بىلەن تۇنۇشقاندا ئىككىمىز بازاردىلا سوقۇشۇپ قالغانىدۇق، ئاغزى بىزەپ، كۆڭلى تۈز، باغرى يۇمشاق تەنتەك دوستۇمنىڭ مىجەزى مېنىڭ بىلەن ئوىشىشىپ كەتكەچكە، پۇتىغا دەسسىۋالغىنىمدا چالۋاقاپلا كەتتى، ئىككى قوچقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىمايدۇ دېگەندەك ھەر ئىككىمىز تاراڭ-تۇرۇڭ بولۇشۇپ جىمىپ قېلىشقانىدۇق، كېيىن ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق، كەچۈرۈم سوراشتۇق، شۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ، چۈشىنىشىپ ئاخىرىدا ئەڭ يېقىن، پاك دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ئۇ ماڭا بەختىيارنىڭ ەېپىنى تولا قىلاتتى. مەن بەختىيارغا قىزىقىۋاتقان بولساممۇ، قىزلىق غورۇرۇم بۇ ھېسياتنى چاندۇرۇشقا يول قويمايتتى. ئارىدىن بەش-ئالتە ئاي ئۆتكەندە ئايچېھرە ئەتەي ئاشۇ كۆرۈشۈشنى ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. _ھە! بەختىيار گاچا، _دەپ تۇنۇشتۇرغانىدى ئايچېھرە دەسلەپتە. _ئۆزىدە تۆگىدەك بوي بولغىنى بىلەن چاشقانچىلىك يۈرىكى يوق قورقۇنچاق، شۇڭا ھازىرغىچە بويتاق بىچارە...ھې...ھې...ھې... بۇياق بولسا جاھاندىكى جىمى گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئەدەپ-ئەخلاق بېغىدىكى يەكتا غۇنچە مېنىڭ قىيامەتلىك دوستۇم پەرىشتە سۈپەت قىز گۈلنىگار. تۇنۇشۇپ قېلىڭلار، ھەر ئىككىڭلار مېنىڭ يېقىن دوستۇم، بۇنداق ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ جاھاندىن، چىشىپ قالساڭلار شاققىدە... دەل شۇ چاغدا بەختىيار قولىدىكى يەپ يېرىملاشقان شاپتۇلنى ئايچېھرەنىڭ ئاغزىغا كەپلەپ قويغانىدى. ئايچېھرەنىڭ ككزلىرى پولتىيىپ كەتكەن. بەك قىززىق تۇيۇلۇپ ئۆزۈمنى تۇتالماي كۈلۈپ تاشلىغانىدىم. ئايچېھرە ئاغزدىكى شاپتۇلنى قولىغا ئېلىپ قېيداپ: -ھۇ مەينەت تۆگە، گەپ قىلمىسام بوزەك قىلدىڭ...خەپ! ئەمدى ئاغىنەم ئەمەس..._دەپ تەتۈر قاراپ ئولتۇرىۋالغاندا بەختىيار: -خاپا بولما شوك-شوك، چۈجىدەك نازۇكلىقىنى كۆرەيمۇ، سەن ئاغىنەم دېمىسەڭ بەىتىيار تۈگىدى دېگەن گەپ، چىدامسەن؟...-دەپ ئايچېھرەنى ھەم تېرىكتۈرۈپ، ھەم خۇشال قىلىپ، كۈلدۈرگەنىدى. تاماقتىن كېيىن ئايچېھرە دېگەن ھارامزادە ئىشىم چىقىپ قالدى، -دەپ قېچىپ كەتكەنىدى. بەختىيار بىلەن مەن تاغدىن-باغدىن پاراڭ قىلىشىپ خېلى يەرلەرگە كېتىپتىكەنمىز... شۇ كۈنى كەچتە بەختىيارنىڭ مۇلايىم، ئوتلۇق كۆزلىرى، قايرىلىپ بېقىشلىرى، گەپ-سۆزىنىڭ جايىدا پاساھەتلىكلىكى قاتارلىق بىر قاتار سۈپەتلىرى خىيالىمنى ئوغۇرلاپ، يېرىم كېچىدىن ئاشقىچە ئۇخلىيالمىغانىدىم. كېيىن يەنە شۇ ئايچېھرە ئىككىمىزنى چېتىپ قويدى. ئۇ ئىككىمىزنىڭ يۈزىچىلا بىرمۇنچە سۆزلىگەنىدى. - ھەي! بەختىيار دېگەن ھاڭۋاقتى ئەبلەخ! تېخىچە ئاغىنەمگە بىرەر گەپ قىلماي يۈرۈپسەنغۇ؟ -جىق گەپ قىلدىمغۇ ساراڭ! تېخى ئۆتكەن يىلى سېنى سۇغا ئىتتىرىۋېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالغىنىمنىمۇ دەپ بەردىم. دېققەت قىل! سۇغا چۈشۈپ كەتمە يەنە، ئەمدى كارىم يوق... -ھوي دەججال!!! شۇنىمۇ دەپ يۈردۇڭما؟ قېلىن گاچا!!! _ئايچېھرە ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە ئارتىلىپ تازا ئۇرغانىدى. -توۋا!! گۈلنىگار سىز مۇنداق دەججال تۇرۇپ خەقنى دەججال دەيدىغان جادىنى كۆرگەنمۇ؟ -دەپ ماڭا ئىلتىجا قىلغانىدى بەختىيارئايچېھرەنى ئۇرۇشقا كۆتۈرگەن قوللىرى كەينىگە تىقىپ. قاچقاچ... -توختا ھەي گاچا!!! -ئايچېھرە ئۇنى قوغلاپ تۇتالماي تەتۈرلۈك قىلىپ قېيداپ، بەختىيارنى جىق يالېۇرقان، ھەم شۇ يەردىلا _گۈلنىگارغا تەلەپ قويمىساڭ ساڭا قارىمايمەن، گەپ قىلمايمەن. - دەپ ، تەتۈرلۈك قىلىپ بەختىيارنىماڭا تەلەپ قويغۇزغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىز يۈرۈپ قالغان بولدۇق. بەختىيار گەرچە ماڭا چاقچاق قىلغاندەك تەلەپ قويغان بولسىمۇ، مەن تولىمۇ خۇشھال بولغانىدىم، يەنە كېلىپ بەختىيار شۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ھەقىقى مەسئۇل بولۇشقا باشلىدى. مەن بۇ ھالدىن بەكلا مەمنۇن ئىدىم. بىز ئارلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن ئايچېھرە توي قىلدى. ئايچېھرەنىڭ يولدىشى غەيرەتمۇ بىز بىلەن ئىچقويۇن-تاش قويۇن بولۇپ كەتكەنىدى. بىزنىڭ تويىمىزغا چوڭ ئانامنىڭ ۋاپاتى تاقىشىپ قالغاچقا بىز كېچىككەنىدۇق. يىغىلىپ بىرەر يەردە ئولتۇرۇشۇپ قالساق ئايچېھرەبىلەن بەختىيارنىڭلا جېدىلىنى ئايرىيتتۇق، ئۇلار خۇددى كىچىك بالىلاردەك سوقۇشۇپ، قېيدىشىپ، ئۆزىچە ئېچىلىشىپ، سورۇننى قىزىتاتتى. بەختىيار ئايچېھرەنىڭ ھەرقانداق ئېغىر گەپ-سۆزلىرىنى كۆڭلىنىڭ قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمايتتى. ئەمما ئايچېھرەنىڭ بەختيارنى بوزەك قىلىشلىرىغا مەن چىدىمايتتىم، بىراق نارازى بولۇشقا ئامالسىزمەن، چۈنكى ئاشۇ تەنتەك جادى ماڭا بەختىيارنى يولۇقتۇرۇپ، ئۇنىڭدەك ھەقىقى بىر يىگىتلىك ماقامىغا يەتكەن ھەمراھنى ھەدىيە قىلغانىدى. يەنە كېلىپ ئۇ ئىككىسى ئەزەلدىن شۇنداق، بۇنى توسۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەختىيار دائىم غەيرەتكە: -چېقىشىپمۇ بولدۇق، ماۋۇ تەنتەكنىڭ خۇيى بەك ئەسكى ئاداش، ئەمما كۆڭلى ياخشى، شۇڭا ئېغىر بول، ئالىيىپ قاراپ قويساڭمۇ تۆت كۈن ئۆلۈپ كېتىدۇ، كۆڭلىنى ئايا جېنىم ئاداش، بۇ بولمىسا مەن زېرىكىپ قالىمەن. -دەپ جېكىلەيتتى، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلاردەك ئىجىل ھالىتىدىن غەيرەت بىلەن بىز قىزغانساقمۇ سۆيۈنمەي تۇرالمايتتۇق... كېيىن بىزمۇ توي قىلدۇق. بۇ تويمۇ ئاشۇ دوستۇمنىڭ ئالدىرىتىشى، بەختىيارنى بىر ككرسە بىر، ئون كۆرسە ئون تىللاپ دۈشكەللەپ، چىمدىپ، قىيناققا ئېلىپ، ئاخىرى بولماي بىر قېيدىغانچە بىزنىڭ تويىمىزدا ئۇنىڭغا خۇشچىراي ئاچقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى پىلاندىن تكت-بەش ئاي بۇرۇن بولغانىدى. توي كۈنى ئايچېھرە بەختىيارنى قۇچاقلاپ يىغلاپ، ئۇزۇنغىچە قويۇپ بەرمەي بەك خىجىل قىلغانىدى. بەختىيارمۇ كۆزيېشى قىلغان، ئەمما مەندىن يۇشۇر ماقچى بولغانىدى. ئايچېھرە ماڭا بەختىيارنى چوقۇم قەدىرلەش، ئۇنىڭ كڭلىنى ئاغرىتماسلىق ھەققىدە تولا گەپ قىلىپ ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويغانىدى. بىز توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بەختىيار بىلەن ئوتتۇرىمىزدا كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى. بۇمۇ ئاشۇ تەنتەك قىزنىڭ سەھەبىدىن بولغانىدى. مەن بەختىيارنى قولتۇقلاپ بازار ئايلىنىپ كېتىپ باراتتۇق، ئايچېھرە غەيرەت بىلەن ئۇچراپ قالدى، بىز بىللە تاماق يېدۇق، تاماق ئۈستىدە ئۇ ئىككىسى چوكا تالىشىپ سوقۇشۇپ كېتىشتى. بۇ ھال ماڭىمۇ غەيرەتكىمۇ ۇئېغىر كەلگەنىدى. بىراق چاندۇرمىدۇق، ئۇلارنىۇ خۇيىنى بىلگەندىن كېيىن ئامال يوق. شۇ كۈنى كەچتە بەختىيار ئايچېھرە بىلەن تېلىفۇندا بەك ئۇزاق گەپلىشىپ كەتتى، بۇنىڭغا مەن چىدىماي، بەختىيارغا خاپا بولدۇم، بەختىيار مەندىن قايتا-قايتا كەچۈرۈم سورىدى، چۈشەندۈردى، مەن يەنىلا پەيلىمدىن يانمىدىم، ئەسلى مەن بەختىيارنى مېنىمۇ خۇددى ئايچېھرەنى بەزلىگەندەك بەزلەپ ئەركىلىتىپ، كۆڭلۈمنى ياسايدۇ، -دەپ ئويلىغانىدىم، ئەپسۇس، ئۇ مېنىڭ پەيلىمدىن يانمىغىنىمنى كۆرۈپ، ئاستا ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى. مەن لەسسىدە بوشاپ قالدىم.
[1] [2] [3] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:5914 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/10/25 18:02:51 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|