ھەيۋەتلىك ئەمما سۈرلۈك تۈس ئالغان سوت مەيدانى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئادەم بىلەن لىق تولۇپ كىشىلەرنىڭ بۇ سوت توغرىسىدىكى قىياس_پەرەزلىرىنى بىر بىرىگە دەپ بېقىشى بىلەن ۋاراڭ_چۇرۇڭ ئىچىدە قالدى.
_بۇ گۇي ئاخىرى جازاسىنى يەيدىغان بولدى.
_ئاقلىغۇچىسى يوقمىش.
_ئەيىپلىگۈچى ئادۇۋكاتنىڭ ئايالى بۇنىڭ بۇرۇنقى سۆيگىنىكەنغۇ؟
_ياق بۇرۇن قوغلىشىپتكەن.
_تىنىچلىنىڭلار،ھازىر سوت باشلىنىدۇ._باش سوتچىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن سوت مەيدانى جىمىپ قالدى.
_بۇ جاۋاپكار مۇراتنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىشى،ئىلگىرى قىلمىشى يېنىك دەپ ئىككى قېتىم پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ئوڭشالماي،جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلدى._ئەيىپلىگۈچى ئادۇۋكات ئېكرامنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى سوت مەيدانىدىكى پۈتۈن ئادەمنى ئۆزىگە قاراتتى._جاۋاپكار مۇرات بۇ قېتىم كۈشكۈرتۈش،مەجبۇرلاش،قەستلەش ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىر قىسىم ياشلارنى زەھەرگە خۇمار قىلىپ قويدى،قىلمىشى ئېغىر شۇڭا سوتنىڭ جاۋاپكار مۇرات ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مۇرات ئۆزىگە بېرىلگەن بەش يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈمىنى ئاڭلاپ ئېكرامغا لەپپىدە قاراپ قويدى.ئېكرام بىلەن مۇراتنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشقاندا ئېكرام ئۇنىڭ كۆزىدىن قانداقتۇر بىر خىل ئۆچمەنلىك،نەپرەت ئالامەتلىرىنى كۆرگەندەك بولۇپ تېنى شۈركىنىپ كەتتى.
_قېنى چاي ئىچىڭ._گۈلزىبا بالىسىنى ئەركىلىتىپ ئولتۇرغان ئېكرامنىڭ ئالدىغا چاي قويدى._مۇراتنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالدىڭىز_دە،ئۇ كېيىن ئەسكىلىك قىلماس ھە؟مەن ئەنسىرەپ قالدىم.
_ئۇ قىلمىشىنىڭ جازاسىنى تارتتى.قانۇننىڭ تارازىسى ئادىل،ھېچانداق ئادەم ئۇنىڭدا ئۆزىنى يا يېنىكلىتىۋىتەلمەيدۇ،يا ئېغىرلىتىۋىتەلمەيدۇ،ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدى،ۋىجدانىدا نىمە بولسا تارازىغا شۇ چىقىدۇ.
_ئۇمۇ تىجارەتنىڭ پېشىنى تۇرۇپ ئىش باشلاپ ياخشى قىلغانىدى،قانداق قىلىپ بۇ يولغا كىرىپ قالدىكىنتاڭ؟
_ئاز پۇلنى ياراتماي،كۆپنى تاپالماي شۇنداق قىلغاندۇ؟ھەممىسى ھورۇنلۇقتىن،بېلى بوشلۇقتىن كېلىدۇ.ئۇنى ئەيىپلىشىم خاتا ئەمەس،ھەق ئۆزىدە تۇرۇپمۇ يەنە باش ئىگىش ئادەم ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خورلۇق ئەمەسمۇ؟!ھەق_ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم.
_ۋاي بولدى قويۇڭە ئۇنداق پەلسەپەلىرىڭىزنى،كەچكىچە خىزمەت،خىزمەتلا دىمەي ما ئۆيگىمۇ،بالىغىمۇ ئازىرق كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇڭ.
_كۆڭۈل بۆلىۋاتىمەنغۇ مانا،بالامنىمۇ ئەركىلىتىمەن،سېنىمۇ ئەركىلىتىمەن،_ئېكرام شۇنداق دەپلا گۈلزىبانىڭ مەڭزىنى بوش چىمدىپ قويدى.
_زىبا،ئەگەر مەن سىزگە يۈزسىزلىك قىلسام قانداق قىلىسىز؟
_مەنمۇ يۈزسىزلىك قىلىمەن،ماڭا يۈزسىزلىك قىلمايدىغان بىرسىنى تېپىپ ئۆي تۇتىمەن.
_ئەگەر ئۆلۈپ كەتسەمچۇ؟
_ئېغىزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ!ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا،بىر ئۆمۈر سىز ئۈچۈن يىغلاپ،يالغۇز ئۆتىمەن.
_ئەمىسە مۇشۇ گەپلىرىڭىز ئائىلىمىزنىڭ شۇئارى بولۇپ قالسۇن.
_ماقۇل،يۈرۈڭ ئۇخلايلى.
شۇ دېلۇدىن كېيىن ئېكرامنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.كۈنلەر ئايلارنى قوغلاپ،ئايلار يىللارنى قوغلاپ ھەش_پەش دىگۈچە بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى.
_مۇرات تۈرمىدىن چىقىپتىغۇ؟
ئېكرام ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىش بولغاچقىمۇ ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
_ھەي گاس بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟مەن گەپ قىلىۋاتىمەن.
_ھە،ئاڭلىدىم،گۇناھىغا تۆۋە قىلىپ ئۆزگىرىپ چىققاندۇ؟
_شۇنداق ئوخشايدۇ،بۈگۈن جەۋلان مەكتەپتىن چىقىۋاتقاندا ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق_چۈششەك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ،تېخى"داداڭغا مېنىڭ رەھمەت دىدى دەپ قوي"دەپتۇ.
_جەۋلانغا ئېيتىپ قوي بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نەرسىلىرىنى ئالمىسۇن؟
_نىمىشقا بۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى تۇرسا.
_ئىشقىلىپ ئالمىسۇن.
شۇنىڭدىن كېيىن مۇرات نۇرغۇن سوۋغا_سالاملارنى ئېلىپ بۇلارنىڭ ئۆيىگە نەچچە قېتىم كەلدى.
_قانداقراق؟بەش يىل جەريانىدا جاپا تارتمىغانسەن؟
_تارتمامدىغان؟ئەركىنلىكنىڭ قەدرىگە يەتتىم.سىزگە كۆپ رەھمەت،مېنى توغرا يولغا باشلىدىڭىز.خۇشاللىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئاسان ئىكەن،لېكىن ھۆددىسىدىن چىقماق تەسكەن.
_مۇشۇنداقلا ئويلىغان بولساڭ ياخشىغۇ،مەن تېخى سېنى ماڭا يامانلاپ يۈرەمدىكىن دەپتىمەن.بۇۋاقنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىلىقلاپ كۈلگەنلىكىنى كۆرگەن ئانا قانچىلىك خۇش بولسا،گۇناھكار بەندىنىڭ چىن دىلىدىن تۆۋە قىلغانلىقىنى كۆرگەن [1] [2] [3] [4] كېيىنكى بەت