|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئاپتۇرى : ئابدىجېلىل جاپپار
دوستۇم سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيسى قىلدۇرغان ئىدى .خىزمەت ئىشى بىلەن كوماندىروپكىغا چىقىپ كىتىپ ، ئۇنى يوقلاپ بۇلالماي تۇلىمۇ خىجىل ئىدىم .بىرسىدىن ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ، بۈگۈن پۈتۈن ئىشىمنى قۇيۇپ بازاردىن ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆڭلۈمدىكىدەك نەرسىلەرنى سېتىۋالدىمدە ئۇنىڭ ئۆيىگە يول ئالدىم . ئۇنىڭ ئۈيىگە كەلسەم ئۆيدە ئۇنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپلا بىرئۇبدان يانفۇن تىجارىتىنى باشلىۋالغان ئۇكىسى مۇرات بارئىكەن .(ئەزەلدىن ئۇنىڭ چىچەنلىكىگە زوقۇم كىلەتتى شۇڭا ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدىم )ئۇنىڭ بىلەن تىنىچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ئاكىسىنى سورۇدۇم .- ئاكام قىزدوستى بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەن، چوڭلارمۇ ئۆيدە يوق. ئاكا ئۇبدان كەپسىز يۇقاپلا كەتتىڭىز سىزنى سېغىنىپ قالغان ئىدىم – دېدى ئۇ قۇلۇمغا بىر ئىستاكان ئىسسىق چاينى تۇتقۇزۇپ . - سەن دۇكانغا باماپسەنغۇ- دېدىم ئۇنىڭغا - بۈگۈن كەيپىياتىم بەك ناچار ئاكا شۇڭا بارغۇم كەلمىدى . ئۇ، شۇگەپنى دەۋېتىپ بېشىنى مەيۈس لىڭشىتىپ قويدى . ھەيران بۇلۇپ سورۇدۇم – نېمە بولدۇڭ ماڭا دېسەڭ بۇلامدۇ ؟- ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە دەقىقە تىكىلىپ تۇرغاندىن كىيىن دېدى – ئاكا سىزگە بەك ئىشىنىمەن ،ئەسەرنى بەك ياخشى يازىسىز ،بۇلۇپمۇن ھېلىقى ‹‹ھىجران ›› ‹‹سەپكۈن يۈزلۈك قىز ››دېگەن ئەسەرلىرىڭىزگە بەك ئامراق مەن . - رەھمەت ... - ئاكا سىزگە ھۆرمىتىم بار ، كۆزۈمگە بەك ئىسسىق كۆرىنىسىز ، ئاكامنىڭ سىزدەك ياخشى دوستى بولغىنىدىن تۇلىمۇ خۇشال مەن .ئەمما بۇگەپلەرنى ئاكامغا دىيەلمەيمەن . ئاڭلىسام سىزدەك ئەسەر يازىدىغانلار تۇرمۇشنى بەك چۈشىنىدۇ ، نەزەر دائىرىسى كەڭ دەيدۇ ، بۇگەپلەرنى سىزگە دېسەم چۇقۇم ياخشى يول كۆرسىتىسىز، لىكىن ھېكايە قىلىپ يېزۋەتمەڭ جۇمۇ ... - بۇلىدۇ،ئاۋال دەپ باققىن قۇلۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن .مەنمۇ سېنى ئۆز ئۇكامدەك ياخشى كۆرىمەن . - قەسەم بىرىڭ ... - نېمىگە ؟ - بۇگەپلەرنى ھېچكىمگە دىمەسلىك توغۇرسىدا ... - بۇ... - ئەمسە ۋەدىغۇ بىرەرسىز ... ئۇ مەندىن ۋەدە ئېلىۋالغاندىن كېيىن ، ئېغىزىنى ئاچتى – ئاكا مەن بىر پاھىشە قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . - نېمە ؟! ئاغزىمغا ئەمدىلا ئالغان چاينى پۇرقۇپ چىقىر ۋەتتىم . – نىمە ؟...بىر...بىر پاھىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دېدىڭما ؟ - شۇنداق ئاكا ، ئۇنى ياخشى كۆرۈمەن ئۇنىڭ ئوتۇدا پۇچىلانغىنىمغا 1يىل بولدى. ئۇنىڭ بىلەن يۈرۋاتىمەن . ئۇنى ئالاي مىكىن دەيمەن . ئەلۋەتتە بۇ ئىشقا چوڭلار قۇشۇلمايدۇ. ئەمما ، ئۇلارغا دىيىش قارارىغا كەلدىم . ئۇنمىسا ئۇنى ئېلىپ قېچىپ كېتىمەن ... دوكاندىكى ماللىرىمنى قوشسام ئۆزەمنىڭ شەخسى مەبلىغى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ .بۇنداق قىلىشىمنى ھەممىڭلار قۇبۇل قىلالمايسىلەر ئەمما ،مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك رام بۇلۇپ قالغانلىقىنى ، ئۇنىڭ قانچىلىك بىچچارە ئىكەنلىكىنى سىلەر بىلمەيسىلەر ، ئۇ بۇئىشلارنى قەستەن قىلماپتىكەن ، ئۇنى باشقىلار ئالداپ سېتىۋېتىپتىكەن . ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى يوق . ئۇ بەك بىچچارە ئاكا ... ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيدۇ .ئۇنى سۆيىمەن ... ئورنۇمدىن چاپراپ تۇرۇپ كەتتىم – ھەي سەن قىززىپ قالمىغانسەن توۋا ماۋۇ بالىنى ، قانچە ياشقا كىردىڭ بۇيىل سەن ... -20ياش - مانا 20ياش دېگەن خېلى ئەقلىگە كەلگەن يىگىتنىڭ يېشى ، كاللىسى ئىشلەيدىغان بالا بولدى دەپ سەندىن سۆيۈنۈپ يۈرسەڭ ،نېمە دېگىنىڭ بۇ ،مېنى گەپكە سېلىۋاتمايدىغانسەن ؟ - ياق.سېنى قانداقمۇ گەپكە سالاي ئاكا ، بۇگەپلىرىمنىڭ ھەممىسى راس ، ئۇ ھازىر مېنىڭ تىزراق ئاتا- ئانامنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ تويۇمىزنىڭ بۇلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتىدۇ ... - ئۇ... ئۇ نېمە قىلىدۇ ھازىر ... - بىلمەيمەن . - مانا... بىلمەيمەن دېگىن ئۇ شۇيولدا مېڭىۋاتقاندۇ تايىنلىق يەنە ... - ياق ،ئۇ ماڭا ۋەدە بەرگەن ،ئۇيولدا ماڭمايدۇ .ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن تۆۋە قىلىپ ،بەش ناماز ئوقۇيدىغان بولغان . - ئۇنىڭ ھازىر نەدە تۇرىدىغىنىنى ، نىمىش قىلىدىغىنىنى بىلەمسەن ؟ - ياق ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تېلفۇنلىشىپ تۇرىمەن .ئىككى- ئۈچ كۈندە بىر قېتىم كۆرىشىمەن ،پۇل بىرىمەن . ئۇبەك ئۇماق ئاكا ... كۆرسەڭ ئۇنى سەنمۇ ياقتۇرۇپ قالىسەن . ئۇنى چۇقۇم ئالىمەن . - يۇم ئاغزىڭنى !! ئۇ...ئۇسېنى ئالدايدۇ . ئەمىليەتتە ئۇلار ئۇنداق ئاق كۆڭۈل ئەمەس، ساددا ۋىجدانلىقمۇ ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ئۇنداق ھېكايىلىرى ساماندەك .كۆزياشلىرى ھەممىسى سۈنئى ... سەن بۇگەپنى ئىككىنجى ئاغزىڭغا ئالما ، كاللاڭنى سىلكىۋەت ! بولمىسا ئۆزەم ئۇبدان سىلكىپ قۇيىمەن جۇمۇ ... بۇگەپلەرنى ئاتا-ئاناڭغا دىگۈچى بولما ئۇلارنى مىڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلسۇن دېمەيدىغانسەن . - ياق ، ئاكا ئۇنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى . - سەن،مەن تېخى بۇتۇرمۇشنى ئۇنچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمىز... مېنىڭمۇ بۇ تۇرمۇش توغۇرلۇق ئۆزەمگە قاراڭغۇ بولغان نۇرغۇن تەرەپلىرىم بار ، بۇ تۇرمۇش ،بۇھايات ، بىراقلا چۈشۈنۈپ بۇلىدىغان ئۇنداق ئاددى نەرسە ئەمەس ئۇكام ، بەلكىم ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ۋاقىتمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن ، ئادەملەر تېخىمۇ شۇنداق . بۈگۈن سەن بىرسىگە ئاش بەرسەڭ ئەتە ئۇساڭا تاش ئېتىشى مۇمكىن ... بۇلۇپمۇ ھېلىقى يالغان ياش تۆكۈپ ئۈزىنى قانداقتۇر ،غورۇرلۇق قىز كۆرسۈتۈپ بۇ يولغا مەجبۇرى كىرىپ قالغانلىقىنى ئېچىنىشلىق ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ ،سەندەك ساددا يىگىتلەرنى ئالداش كۇيىدا بۇلىۋاتقان پاھىشىلەر تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق ،ئۇلارنىڭ قۇلىدىن ھەر بالا كېلىدۇ . ئويلاپ باققىن ، ئۇلارنى تۇنجى قېتىم بۇيولغا باشقىلار مەجبۇرى ئېلىپ كىردىمۇ دەيلى ، ئۇلارنى ئاشۇلار مەڭگۈ مەجبۇرلاپ تۇرالامدۇ ؟ مونۇپول قىلالامدۇ ؟ بۇ قانۇنسىز جەمئىيەتمۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقمۇن؟... ئەمىليەتتە بۇئىشلارنى ئاشۇلار خالاپ قىلىدۇ . بۇيولدىن قايتاي دېسە قايتالايدۇ لېكىن ئۇلارئۈچۈن ۋىجدان، غورور دېگەنلەر پۇلنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ .شۇڭا ئۇلار سەندەك بېلىقلارنى تۇتۇشقا تۇلىمۇ ئامراق. تېخى سەندەك ئىختىسادىي ياخشى يىگىتلەرگە ھىيلە –نەيرەڭلىرى بىلەن مەڭگۈ ئېرىشىشنى ئويلايدۇ . مېنىڭچە سېنىڭ ئۇ بىرنىمەڭنىڭ نىيتى يامان ،ئەمىليەتتە ئۇ سېنى ئەمەس ،پۇلۇڭنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنىڭ رەسىمى بارمۇ سەندە ؟ - بار ... - ئەكىلە مەن كۆرۈپ باقاي ... ئۇپورۇتمالىدىن بىر سۆرەتنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى . سۆرەتكە تەپسىلى قارىدىم . خېلىلا گۈزەل ئەمما كۆزلىرىدىن سوغوق نۇر چاقناپ تۇرغان بىر پاھىشە سۇس جىلمىيىپ تۇراتتى. - مانا قارا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر ۋەھىمە ، چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتتە بولمىغانسەن –ھە؟! - توۋادە ئاكا ... -راسمۇ ؟ - خۇدا ھەققى ،ئۇنى ئالىمەن دەۋاتسام ... - ۋاي يۇمە ئاغزىڭنى ، مەن بۇئۆيگە كېسەل يوقلاپ كېلىپ ،كېسەل بۇلۇپ قايىتماي ،گەپ ئاڭلىمىغان قۇلاقلىرىڭنى يۇلىۋېتىمەن بىكار ، ماڭە گەپنى ئازقىلىپ ئۇپاھىشىنىڭ يېنىغا مېنى باشلاپ بار ،بۇئىشنى ئۆزەم بىرتەرەپ قىلاي ... - ياق، ياق ئاكا ئۇنىڭ يېنىغا بارمىغىن ، ئۇنىڭ نەدىلىكىنى مەنمۇ بىلمەيمەن ، ئۇماڭا مەن تېلفۇن قىلمىغۇچە ماڭا تېلفۇن قىلماڭ تۇققان يوقلاپ كورلىغا بارىمەن دېگەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن بېرىپ نىمىش قىلىسەن ؟ - توۋا...توۋا نېمە قىلاتتىم .ئۇپاھىشىنى ئەدەپلەپ سېنى ئالداپ خەجلىگەن پۇللارنى تۆلىتىمەن . - ياق ،ئاكا ئۇچۇقۇم ياخشى ئادەم بۇلىدۇ. ئۇنىڭغا ئازراق ۋاقىت بىرەيلى . كۆپمۇ پۇلۇمنى خەجلىمىدى بەش مىڭ يۈەن چىقارشۇ ... - نېمە ئۇنىڭغا ۋاقىت بىرىپ نېمە قىلماقچىسەن ؟ ئۇنى يەنە ئالىمەن دېمەكچىمۇ ؟ باياتىن بىرى مەن تامغا گەپ قىلمىدىم جۇمۇ ئۇكام ... تۇلىمۇ ئاچچىق بىر تۇيغۇ مېڭەمگە تېپىپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭغا چىڭقىلىپ سۆزلەۋاتاتتىم . – سەن پۇلنى شۇنچە ئاسان تاپقانمۇ ، كۆپ پۇلۇمنى خەجلىمىدى داۋاتقىنىنى بۇنىڭ توۋا كاللاڭنى قاغا چۇقۇپ كەتمىگەندۇ ... - كاللام ساق لېكىن كۆڭۈل ... - قۇرۇپ كەتسۇن ئۇنداق كۆڭۈل ،ئاتا-ئاناڭغا دىسەم شۇتاپتا ھە... - دىيەلمەيسەن - نىمىشقا ؟ - مەن سېنى يازغۇچى ئاكام دەپ چوڭ بىلىپ ئىشىنىپ دېگەن بۇگەپنى ،ھەم سەن ماڭا ۋەدە بەرگەن ...
[1] [2] [3] كېيىنكى بەت |
كۆرۈلۈشى:7905 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/10/25 17:59:51 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
|
|