ساقچى مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانىدا مۇنداق بىر سوئال چىقىرىلىپتۇ:« تاشيولدا بىر ئاپتوموبىل ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن كېتىپ بارىدۇ،تۇيۇقسىزلا قارا كىيىم كىيگەن بىر مەست تاشيولنىڭ ئوتتۇرسىغا چىقىۋالدى،بۇ چاغدا يول چىرىغىمۇ يوق،ئايمۇ يوق ئىدى.ھېلىقى مەست ئاپتوموبىلغا سوقۇلايلا دەپ قالدى،بىراق دەل شۇ چاغدا شوپۇر ئاپتوموبىلنى تورمۇزلاپ توختىتىۋالدى،بۇ نىمە ئۈچۈن؟».
بەزىلەر«چۈنكى مەستنىڭ كۆزىدىن نۇر چاقنىغان»دەپ جاۋاپ بەرگەن.يەنە بەزىلەر«چۈنكى مەست بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىغان»دېگەن.
ئەمەلىيەتتە بۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ،توغرا جاۋاب«ئۇ چاغ كۈندۈز»ئىكەن.
ھېكمەت: بىز دائىم ئەڭ ئاددىي جاۋابنى ئويلاپ تاپالمايمىز،چۈنكى بىز خېلى بۇرۇنلا بۇ دۇنيانى بەكلا مۇرەككەپ ھېس قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن.
ئەگەر...
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ساڭا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇپ قالسام،شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى،مەن ئىلگىرى سېنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىڭغا مۇھتاج بولغاندا سەن ھەمىشە مەن بەك ئالدىراش دەيتتىڭ.
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھېچكىم يوق دېسەم،شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى،ئىلگىرىمۇ بىراۋنىڭ قەلبىدە مەنمۇ ئوخشاشلا مەۋجۈت ئەمەس ئىدىم.
ئەگەر كۈلەرنىڭ بىرىدە مەن ساڭا پەرۋاسىز بولۇپ قالسام،شۇنى ئېسىڭدە تۇتقىنكى،ئىلگىرى سەنمۇ مېنىڭ قەلب نالەمنى ئاڭلاشتىن بىزار ئىدىڭ....
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ساڭا قاراپ كۈلمەيدىغان بولۇپ قالسام،شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى،سېنىڭمۇ ئىلگىرى مېنىڭ خۇشال ياكى خۇشال ئەمەسلىكىم بىلەن كارىڭ يوق ئىدى...