|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە پاراڭلىرى
|
|
|
قەشقەرنىڭ مەنىلىك پاراڭلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ، ئالدىنقى يىلى تور توختاشتىن بۇرۇن ئىزدىنىش تورىدىن يىغىپ قويغان.
ئىنكاس يازماي قاچقانلارغا ئېغىز جازا بار. ئىنكاس يازغانغا باج ئالمىغاندىن كېيىن يېزىشىپ قويىشالا
------------------------------- قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن . بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ : -ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟
-------------------------------------------------
باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ: - بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ... - ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ. ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ. -600 كوي. - 300 كويغا كىلەما؟ - دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك: ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە بورا بازىرى بار.
-------------------------------------------------
قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماشىنا توختىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگراپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ : - ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماششىنىدىن ساقاللىقى تەمبەل بىرسى چۈشۈپتۇ. تاڭجاڭ دىگۈدەك: - ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتى.
-------------------------------------------------
بىر سورندا مۇشۇنداق "قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گىپى" توغۇرلۇق گەپ بولۇندى. ئارىمىزدىكى قەشقەرلىك بىرسى دىدى." شەھەر ئىچىنىڭ ئادەملىرى شۇنداق يامان. ئۇنداق سېسىق گەپلەرنى ياقا- يۇرۇتۇقلارلا ئەمەس بىز قەشقەرلىكلەرمۇ ئاڭلايمىز". دەپ بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. "بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ: - ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم." -------------------------------------------------
ئۈرمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، "بۈگەن سەيماچاڭ (بەيگە مەيدانىغا )چىقامماپسىلە- ھە!؟" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى "تەرجىمە" قىلىپ دەپتۇ: "ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ"، شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ
------------------------------------------------- ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئۆيدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ: -شوخلا قانچە پۇل؟ - xx كوي. - لازا قانچە پۇل؟ - xx كوي... - بەسەيچۇ؟ - xx كوي xx مو. يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغا ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك: - ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟
-------------------------------------------------بولدىلا مەنمۇ ئاددىي قەشقەر يىگىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ بېرەي .... تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا ، بىز بىر قانچە بۇرادەرلەر داۋاملىق بالىلار باغچىسىنىڭ يېىنىغىراق توغرا كېلىدىغان« دولان تېز تاماقخانىسى» دا تاماق يەيتۇق، بۇ ئاشخانىنىڭ تائاملىرى ياخشى بولغىنى سەۋەبلىك ، بۇ يەرگە كېلىپ غىزلىنىدىغانلار كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ چىڭقى چۈشتە ئورۇن ساقلاش دائىمىي ئىشلار ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بىر قانچەيلەن بۇ تاماقخانىغا كىرىپ كەلدۇق ، ئادەم ناھايىتى كۆپ ، بوش ئورۇن يوق ئىدى . بىز ئامالسىز ئىشىك ئالدىدا بىر ئاز تۇرۇپ قالدۇق. قارىسام يېقىنلا جايدىكى 4 مېھمان ( چىرايىدىن ھاكۇۋۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ستۇدېنت خېنىملا) تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ ، ھوزۇر بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ ... قارىسام بىر - ئىككى پىيالىنى بىكارلاپمۇ ھېچ ئورنىلىرىدىن تۇرىشىدىغاندەك ئەمەس ... شۇنىڭ بىلەن تاقەت قىلالمىدىم -- ئۇستوووووووووم ! ما مېھمانلارغا دا قىلپ بەرسەك بوپتىكەن ، تاماق يەپ بولغان ئوخشايدۇ .....
-------------------------------------------------بىر كىشى قەشقەرگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆرۈك يىگۈسى كېلىپ قاپتۇ -دە قاتار تىزىلىپ ئۆرۈك سېتىۋاتقان بىر قانچە ئۆرۈكچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ بىرىنچى ئۆرۈكچىنىڭ ئۆرۈكىدىن بىر تال يەپ بېقىپ قانچە پۇل دەپتىكەن ئۆرۈكچى :بەش كوي دەپتۇ. ھېلىقى ئادەم بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا مېڭىپ ئىككىنچى ئۆرۈكچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭكىنىمۇ بىر تال يەپ باھاسىنى سوراپ بېقىپلا كېتىپ قاپتۇ.3-ئۆرۈكچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تال يەپ قانچە پۇل دىيىشىگە باياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئۆرۈكچى باھاسىنىمۇ دىمەيلا:<<مۇشۇنداق يەپ ماڭسىلا ئى باشقا چىققۇچە ئۆرۈك ئالمايمۇ تويۇلا>>دەپتۇ......
------------------------------------------------- بىر كۇنى دۇستۇم بىلەن بىللە ناشتا قىللى دەپ بىر ئاشخانغا كىردۇق. بۇ ئاشخاننىڭ بۇلاق مانتىسى ئۇخشىغاچقا خىرىدارمۇ كۆپ ئىدى. بىر خىرىدار پۇل تۇلگەچ ئۇستامغا -ئۇستام بۇ مانتىنىڭ گۆشى نىمانداق ئاز؟؟دىيىشگىلا، ئۇستاممۇ -بەش موچەنلىك مانتىنىڭ ئىچىدىن پاقلان مەرەپ چىقسا بۇلامتى ئەمسە؟؟دىگۈدەك .
------------------------------------------------- بىر كۈنى بىر قەشقەرلىك غۇلجىغا بېرىپ خەنزۇ بازىرىدا قوغۇن يەي دەپ قوغۇن پىچىپ سېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قوغۇندىن بىر تىلىم دەپتىكەن ھېلىقى قوغۇنچى قەغەزدەك قىلىپ بىر تىلىپ كېسىپ بېرىپتۇ.قەشقەرلىك كىشى قوغۇننى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ بېقىپلا شاپاق تاشلايدىغان سىۋەتكە تاشلاپتۇ،قوغۇنچى يەنە بىرنى يەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ يەنە شۇنداق نېپىز قىلىپ بىر تىلىم كېسىپ بېرىپتىكەن ئۇنىمۇ ئېلىپلا ئۇدۇل سىۋەتكە تاشلاپتۇ.قوغۇنچى 3-تىلىمنى كىسەي دەپ تۇرىشىغا ھېلىقى كىشى سوراپتۇ-دە:ئۇستووووووووووم نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟ - سىلىگە قوغۇن تىلىپ بېرىۋاتىمەنغۇ . -ھە..............مەن تېخى قوغۇننى قىرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .
-------------------------------------------------
بىركۈنى ئۈرۈمچىدىن ئىككى خىزمەتداش قەشقەرگە خىزمەت بىلەن چۈشۈپتۇ، كەچ بولغاندا بازار ئايلىنىپ باقايلى دەپ ،ئۆستەڭبويىغا بىرىپ ، پالەك سېتىۋاتقان بىر ياشنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ دە : پالەكنى قانداق ساتتىڭىز ؟ -بىژكويغا 5باغدىن بەردىم -10باغدىن ئالمامدۇق؟دىيىشىگە. -غوجوووم، تايىنلىق بىكاغىلا بەمەيما ... ؟؟؟
ئەتىسى ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك يەنە كەچكە يىقىن بازار ئايلىنىپ ئۆستەڭبويىغا بىرىپ قاپتۇدە ،قارىسا بىر قېرى بوۋاي پالەك سىتىۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئويلاپتۇ دە ، قەشقەرلىكنىڭ ياشلىرىغۇ ئاشۇنداق سىسىق گەپ قىلىدىكەن، قىرىلىرىمۇ شۇنداق گەپ قىلامدىغاندۇ؟ دەپ بىر سوراپ باقماقچى بولۇپ : -تاغا ، پالەكنى قانداق ساتتىڭىز؟ -بىژكويغا 8دىن بەردىم بالام. قارىسا بۇ بوۋاي خىلى ئەرزان سىتىۋاتقان ،شۇنىڭ بىلەن بىر باغ پالەكنى ئىلىپ ،ئۇيان ئۆرۈپ ،بۇيان چۆرۈپ سوراپتۇ دە: -تاغا بۇ پالەكنىڭ توپىسى باركەنغۇ؟ ھىلىقى بوۋاي سوراپتۇ دە : بالام سىلە قەشقەرلىك ئەمەس ئوخشىماملا ؟ -شۇنداق ،مەن ئۈرۈمچىدىن . -سىلىنىڭ ئۈرۈمچىدە پالەكنى يەرگە تىرىماي،گىلەمگە تىرامدا؟؟
ئۆستەڭبويىدا دەككىسىنى يىگەن ھىلىقى ئۈرۈمچىلىك كادىر ،يەكشەنبە كۈنى يىڭى بازارغا چىقىپتۇ ەد، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىگە قۇرۇق كەتكۈچە ، بىرەر-ئىككى كىلو بادام ئالغاچ كىتەي دەپ ،بىر قۇرۇق يەل يىمىشچىنىڭ ئالدىغا بىرىپ سوراپتۇ: -ئۇستام بادامنى قانداق ساتتىڭىز؟ -ماۋۇ يەكەننىڭ يەرلىك بادىمى ، بادامنىڭ ئەڭ يامىنى مۇشۇ شۇ ،سىلە ئالسىلىرى كىلوسىنى 50كويغىلا بىرەي. -ئۇستام ئەرزانراق بەرمەمسىز؟ مەن ئۈرۈمچىگە ئالغاچ كىتەي دىگەن، كىلوسىنى 40كويدىنلا ئالمايمۇ دىيىشىگە ،ھىلىقى باققال: -غوجوووم ،سىلىنىڭ پۇللىرىنىڭ نەچچە تامغىسى بار؟؟؟؟ |
كۆرۈلۈشى:3161 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010/10/14 17:37:30 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|