ئۆمەر مەخمۇت
ئىلاۋە: مەزكۇر شېئىردا شېئىرى مەنزىرە بىلەن شېئىرىدىكى ۋەقەلىك ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۋېتىلىگەن بولۇپ، يىنىك تىل ۋە گۈزەل تۇيغۇلار ئۆزگىچە بىر مەنە قاتلىمى ھاسىل قىلغان! تۆۋەندە بىز بۇ سۆزلىرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپتىدە شېئىرنىڭ تولۇق تېكىستىنى بىر ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن، شېئىر ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
ئۈجمە پىشتى
جېنىم
ئۈجمە پىشتى
ھىجرانىمىزدەك.
سېغىنىشلىرىڭ تۆكۈلىدۇ دەپ
يايدىم كەڭ ئېتەك.
ئۈجمىگە ئامراقلىقىمنى بىلەتتىڭ
-ئۈجمىنى ئاز يە، ئۈجمە كۆڭۈل
- بوپ قالىسەن،- دەپ كۈلەتتىڭ...
ئۈجمە يۇپۇرماقلىرى
ئاۋازىڭدىن تىتىرەيتتى.
ئېرىق بويىدىكى قۇشقاچلار
كۆك ئاسمانغا ئۆرلەيتتى.
بوران ئۇلارنى قېقىۋاتىدۇ.
مەن ئۈجمىلەرگە قارىدىم،
يەر
ئۈجمىلەرگە كۆمۈلۈپ
خۇددى سەندەك
پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزۇپ يېتىۋاتىدۇ.
جېنىم
مەن گۈللۈك كۆينىكىمنىڭ ئىتىكى بىلەن
پۇتۇمنى يېپىپ ئولتۇرۇپ ئۈجمە تىرىۋاتىمەن
بوراندا يەلپۈنىۋاتقان چاچلىرىمنى
خىياللىرىڭغا قېتىۋاتىمەن.
بىر تال ئۈجمىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ
يىنىك پۈۋلىسەم
ئۇمۇ ماڭا يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
ئۈجمە يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىشى
جېنىمدىن ئۆتۈپ سۆڭەككە يەتتى
بۇ يىل ئۈجمىلەر تۆكمە بولدى
...
ئۈجمە پىشتى ناملىق شېئىرنى ئوقۇش:
جېنىم
ئۈجمە پىشتى
ھىجرانىمىزدەك.
« ھىجرانىمىزدەك » بۇ مىسرا بىزنى ئۈجمە بىلەن ھىجران ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدۇ، ئۇنداقتا، ئۈجمە بىلەن ھىجراننىڭ نېمە مۇناسىۋىتى (مەندە تۇغۇلغان دەسلەپكى گۇمانىي نوقتا؟)
سېغىنىشلىرىڭ تۆكۈلىدۇ دەپ
يايدىم كەڭ ئېتەك.
يۇقىرىقى مىسرالاردىن ئاۋۇ گۇمانى نوقتا ئاغدۇرۇپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى، « سېغىنىش » بىلەن « ھىجران » ئۆز ئارا مۇناسىۋەت تۈزۈيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقارقى مىسرالاردا ھىجران بىلەن ئۈجمە ئوتتۇرسىدا مۇناسىۋەت شەكىللىندۇ. ئۈجمىنىڭ ھىجران بولۇپ پىشىشى بىلەن سېغىنىشقا ئايلىنىپ تۆكۈلىشى شائىرە قەلىمىدىكى بالاغەتنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم تەرەپ.
ئۈجمىگە ئامراقلىقىمنى بىلەتتڭ
- ئۈجمىنى ئاز يە، ئۈجمە كۆڭۈل-
- بوپ قالىسەن،-دەپ كۈلەتتىڭ...
بۇ مىسرالاردىكى لىرىك كەيپىيات قانداق پەيدا بولغان؟ -دەل ئېتەكلەرگە تۆكۈلگەن سېغىنىش، « مەن » نىمۇ شۇخىل لىرىك كەيپىيات قوينىغا سۆرىگەن. شېئىرى قىممەت دېگىنىمىزدە، « مەنە » نى ئاساسلىق كۆزدە تۇتقان بولىمىز، « مەنە » نىڭ پەقەت چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر قاتلىمىدىلا بولماستىن، يەنە ساپ كارتىنىلاردىمۇ مەۋجۈت ئىكەنلىكى مۇشۇ مسىرالاردائۆزىنى نامايەن قىلالىغان. مانا بۇ ساپلىقنىڭ گۈزەللىكىدۇر! ئۈجمە يۇپۇرماقلىرى ئاۋازىڭدىن تىتىرەيتتى. ئېرىق بويىدىكى قۇشقاچلار كۆك ئاسمانغا ئۆرلەيتتى. " بۇ مىسرالار مەنزىرە تەسۋىرلىرى بىلەن تۈرلەنگەن بولۇپ، بۇ خىل تۈرلىنىشنىڭ شېئىرنىڭ بەدىئىلىكىنى تاكاموللاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شېئىر بۇخىل مەنزىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ( ئۇ مسىرالار قىسقارغان ) تەقدىردە ئۆتمۈشتىن ھازىرقى شېئىرى دۇنياغا قايتىشتا بىر ئۈزۈك شەكىللىنىدۇ. شېئىردىكى بەدىئى قۇرۇلما بۇزۇلىدۇ. شۇڭا، شېئىردا ئېلىنغان بۇ مەنزىرە تەسۋىرى دەل جايىنى تاپقان دىيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: بۇنى نەسىرى يەشمە ئارقىلىق چۈشەندۈرسەك، مۇنداق بولىدۇ« ”ئۈژمە يىمە، جېنىم، - ئۈژمە كۆڭۈل بولۇپ قالىسە، ھاھاھا...“ ئاۋازىڭدىن ئۈژمە يۇپۇرماقلىرى تىتىرەپ، ئېرىق بويىدىكى قۇشقاچلار كۆك ئاسمانغا ئۆرلەۋاتاتتى. » بۇ مەنزىرە خۇددى فىلىم كۆرۈنۈشلىرىدەك كۆز ئالدىمىزغا نامايەن بولىدۇ. شوڭلاشقا، بۇ شېئىرى مسرالاردىكى ئاشۇ مەنزىرە تەسۋىرلىرى شېئىرنى كىيىنكى مىسراغا ئىنتايىن ئۇستىلۇق بىلەن ئۆتكۈزگەن دەپ قارايمەن.
مەن ئۈجمىلەرگە قارىدىم،
بۇران ئۇلارنى قېقىۋاتىدۇ.
يەر
ئۈجمىلەرگە كۆمۈلۈپ
- خۇددى سەندەك
پۇتلىرىنى ئوزۇن سوزۇپ يېتىۋاتىدۇ.
بۇ مىسرالارغا كەلگەندە بىز شائىرەنىڭ ھىسياتىغا ياندىشىمىز ، بۇ يەردىكى ھىسيات دەل ئۈجمىلەرگە كۆمۈلگەن « يەر » بىلەن « سەن » نىڭ تەقدىرداشلىق مۇناسىۋىتى. بۇخىل مۇناسىۋەتتىن بىز لوگىكىنى مۇنداق دۈم كۆمدۈرەلەيمىز. يەنى پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇزۇپ ياتقان يەر بىلەن « ئۈژمە » لەرگە كۆمۈلگەن ئەر دېگەندەك. بۇنداق دېيشىتىكى سەۋەپ شۇكى، يەر... خۇددى سەندەك. دېگەن مىسرالاردۇر.
جېنىم
مەن گۈللۈك كۆينىكىمنىڭ ئىتىكى بىلەن
پۇتۇمنى يېپىپ ئولتۇرۇپ ئۈجمە تىرىۋاتىمەن
بوراندا يەلپۈنىۋاتقان چاچلىرىمنى
خىياللىرىڭغا قېتىۋاتىمەن.
بىزنى ئويغا سالىدىغىنى خىيال قىلىنغۇچى بىلەن خىيال قىلغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت. « ئۈجمە » لەرگە كۆمۈلگەن ئەرنىڭ خىياللىرى، يەنە قانداق بولۇپ خىياللىرىڭ بولۇپ مەۋجۇت بولالايدۇ؟ بۇنىڭدا بىز خىيال قىلغۇچىنىڭ خىيال ئوبيېكتىغا قارايمىز، « بوراندا يەلپۈنگەن چاچلار » ، « خىياللىرىڭ » غا قېتىلدى. بوران ئۈجمىلەرنى قېقىپ، سېنى كۆمگەن ئىدى. ئەمدى،چاچلىرىمنى يەلپۈپ سېنىڭ خىياللىرىڭغا قاتتى. مانا بۇ خىياللىرىڭ بولۇشىنىڭ تامامەن مۇمكىنچىلىكىگە ئىسپات بولالايدۇ.
بىر تال ئۈجمىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ
يېنىك پۈۋلىسەم
ئۇمۇ ماڭا يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
ئۈجمە يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىشى
جېنىمدىن ئۆتۈپ سۆڭەككە يەتتى!
بۇ يىل ئۈجمىلەر تۆكمە بولدى...
بۇ مىسرالاردا« ئۈجمە » لەرنىڭ يىغلىغاندەك تۇيغۇ بېرىشى، دەل « ئۈجمە » . « سەن » ۋە « مەن » ئوتتۇرىسىدىكى لىرىك كەيپىياتتىن ئىبارەت... ئۈجمە يوپۇرماقلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى، دەسلەپكى « ئۈجمە يوپۇرماقلىرى ئاۋازىڭدىن تىترەيتتى » دېگەن مىسرالار بىلەن بىرگە ئەسلەنگەندە، شىلدىرلىغان ئاۋازنىڭ جاندىن ئۆتۈشنىڭ سەۋەبى ئايان بولىدۇ. « بۇ يىل ئۈجمىلەر تۆكمە بولدى...» ، ھەممە يەر سېنىڭ سېغىنماڭغا ئايلاندى...( ئوقۇش جەريانىدىكى ئىختىيارسىز پىچىرلاشلار ) ، بۇنداق بولغاندا ئازاب ئىنتايىن يۇقىرى چەككە يەتكەن بولىدۇ.