|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سىزگە نەپ بېرىدىغان كىچىك ساۋاتلار
|
|
|
1. كومپيۇتېرنىڭ سىزگە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىر سائەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئارام ئېلىڭ. ئىشخانىغا مۇۋاپىق مىقداردا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرسۇن ھەم ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرسۇن. كومپيۇتېر ئالدىدىكى ئولتۇرۇش قىياپىتىڭىز ۋە تىرىڭىزنىڭ پاكىزلىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ. 2. چاچ يۇغان ۋاقىتتا سۇغا ئازراق تۇز قېتىۋەتسىڭىز، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، چاچ يۇيىدىغان سۇغا ئازراق زەيتۇن مېيى قوشۇۋەتكەندە چاچ تېخىمۇ جانلىق ۋە پارقىراق بولىدىكەن. 3. ئەگەر ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالسىڭىز، 3-4 كۈن ھەر كۈنى ئەتىگەندە نەشپۈت يەپ بەرسىڭىز، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئاسانلا ياخشىلىنىپ قالىدۇ. 4. ھەر كۈنى كەچتە يۈزىڭىزگە بىر تۇخۇمنىڭ ئېقىنى سۈرتۈپ، بىر سائەتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسىڭىز ھەمدە بۇنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، تىرىڭىز بارغانسېرى يۇمرانلىشىدۇ. 5. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8-10 غىچە چۈشتىن كېيىن سائەت 4-7 گىچە بولغان ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلىنىشنىڭ ياخشى پەيتى. 6. ئادەتتە تاماق يەپ بولۇپ ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن ئېغىز چايقىسىڭىز ۋە چىشىڭىزنى چوتكىلىسىڭىز بولىدۇ. 7. ئەگەر سىزنىڭ ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىڭىز بار بولسا، ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن كۆپ سۆزلىمەڭ. قېنىق چاي ئىچىشتىن ۋە چوڭ مېڭىڭىزنى زۆرۈر ئىشلارغا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىلمان سۇغا ئازراق سىركە قوشۇپ، پۇتىڭىزنى يۇيۇپ بېرىڭ. |
كۆرۈلۈشى:358 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/4/18 10:37:13 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|