|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئوقۇتقۇچىلار قىسمەن ۋاقىتلاردا كەيپىياتىنى تىزگىنلىمەي غەزەپلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەنقدلەيدۇ ياكى جازالايدۇ. بۇ ئەھۋال ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى دەرس كەيپىياتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟ ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ياكى ئوقۇتقۇچىدىنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئوقۇتقۇچى كەيپىياتىنى تىزگىنلەش بىلەن كۈلۈمسىرەش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالسا، بەلكى ئۆزى ئويلىمىغان ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن. ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۈلۈمسىرەش بىر خىل كۆڭۈل ئىزھارى، بىر خىل سەنئەتلىك تەربىيە، كۈلۈمسىرەش سەمىمىيلىك بىلەن ماختاش، ياخشى نىيەت ۋە كەڭ قورساقلىقنى، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى، ئوقۇغۇچىغا بولغان ئىشەنچنى، ئېتىراپ قىلىشنى، ئۈمىدنى بىلدۈرىدۇ ... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈمسىرەشنىڭ سېھرىي كۈچى. كۈلۈمسىرەش بىر خىل چىراي ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن، بىر خىل ئىدىيە، بىر خىل جەريان، بىر خىل ھېسسىيات بولۇپ، كۈندىلىك ئالاقىدىكى ئەڭ ئىللىق، يېقىملىق بولغان بىر خىل ››ئۈنسىز‹‹ تەربىيە. ئەمما ھازىر كۈلۈمسىرەشنى بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ خېلى بار. بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزنى ئازراق كۆرسىتىپ قويمىساق ئىناۋىتىمىز بولامدۇ؟ دەپ قارايدۇ. شۇنداق، ‹‹تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ››. تەلەپچان ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنىڭغا لايىق ھەيۋىسى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈلۈمسىرىسە، تەلەپچانلىق ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئىگىلەپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، كۈلۈمسىرەشنىمۇ تەلىم - تەربىيەدىكى ئاساسىي ماھارەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈپ، كۈلۈمسىرەشكە ئادەتلىنىشى لازىم، ئوقۇتقۇچىلار كۈلۈمسىرەشنى بىر خىل يېڭى تەربىيە جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق مەكتەپنى مېھىر - مۇھەببەت نۇرىغا تولدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى بىلىم ئېلىش ئارزۇسىغا يەتكۈزۈشىمىز، شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز، ئىلھام بېرىشىمىز لازىم. كۈلۈمسىرەش بولغاندىلا ئاندىن ھۆرمەتلەش، سۆيۈش بولىدۇ. ھۆرمەتلەش، مېھىر - مۇھەببەت بولغاندىلا تەلىم - تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ. كۈلۈمسىرەش ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا قەلب كۆۋرۈكى سالىدۇ، كۈلۈمسىرەش ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستازىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. شىنجاڭ گېزىتى |
كۆرۈلۈشى:371 | قوشۇلغان ۋاقتى:2011/3/21 19:15:00 | يوللىغۇچى ئەزا:xirinim |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|