بالىغا ئازراق ‹‹مەينەت››مۇھىت يارىتىپ بېرىش
كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە مەلۇم بولۇشىچە ، ئادەم بالىلىق مەزگىلىدە بەكلا پاكىز بولۇپ كەتسە ، چوڭ بولغاندا بىرەر نەرسىگە زىيادە سەزگۈر بولۇپ قالىدىكەن .
ھازىرقى زاماندىكى شەھەر بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئائىلىدىلا چەكلىنىپ قالغاچقا ، ئۇلار خۇددى باكتېرىيەسىز قۇتا ئىچىدە ياشىغاندەك ياشايدۇ .
ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەل ئۆزىنى قوغداش ، ئۆزى بىلەن ياتنى ئايرىش بولۇپ ، ئۇ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىكەن ؛ بىر قىسمى ئەسلىدىلا بار بولغان ئىممۇنىتېت بولۇپ ، ئۇنى تۇغما ئېرسىيەتبەلگىلەيدىكەن . يەنە بىر قىسمى ، قوبۇل قىلىنىشچان ئىممۇنىتېت بولۇپ ، ئاساسلىقى ئورگانىزىم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆز –ئارا ماسلىشىشى ئاساسىدا پەيدا بولىدىكەن . بولۇپمۇ بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنېتېت سىستېمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا ، ناۋادا بۇ مەزگىلگە بەكلا پاكىز بولۇپ كەتكەندە ، كېيىن ناھايىتى ئاسانلا بىرەر نەرسىگە زىيادە سەزگۈر بولۇپ قالىدىكەن .
ئادەتتە بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى زىيادە سەزگۈرلۈكنى ئازايتقىلى بولىدۇ .
بەكلا كۈچەپ يۇيۇلغاندا ، تېرە قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.