(ياش تارىخچى، ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى غالىب بارات ئەرك بىلەن سۆھبەت)
غالىب بارات ئەركنىڭ تەرجىمىھالى:غالىب بارات ئەرك 1968 – يىلى 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزا تۇرپان مەھەللىسىدە مەرىپەتپەرۋەر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . 1984 – يىلى چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ پوچتا تېلېگراف مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان ، 1989 – يىلى شىنجاڭ پوچتا -تېلېگراف مەكتىپىنىڭ يۈكلىمە دولقۇن كەسپىنى تاماملاپ، چاقىلىق ناھىيىلىك پوچتا - تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ ئاپپارات ئاسراش پونكىتىغا تەقسىم قىلىنغان ، شۇندىن بېرى ئىزچىل مۇشۇ ئورۇندا ئىشلەپ كەلمەكتە ، ھازىر جۇڭگو تېلېگراف چەكلىك شىركىتى چاقىلىق شۆبە شىركىتىنىڭ ئاسراش پونكىتىدا خىزمەت قىلماقتا .
غالىب بارات ئەركنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا كىرىشىشىنى 1985 – يىللىرىدىن باشلاشقا بولىدۇ . ئۇ شىنجاڭ پوچتا - تېلېگراف مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، بوش ۋاقىتلىرىدا مەكتەپ كۇتۇپخانىسى ۋە قىرائەتخانىسىدىكى كىتاب ماتېرىياللارنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن مۇشۇ ساھەگە قەدەم باسقان . دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئىلىمگە ئوتتەك ئىشتىياقى بار غالىب، شۇندىن باشلاپ مەكتەپ قىرائەتخانىسىنى ئىككىنچى دەرسخانا قىلىپ ماتېرىيال كۆرۈشكە باشلىغان . بۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ تەتقىقاتتا ماتېرىيالنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە تاماق ۋە باشقا جەھەتتىكى خىراجەتلىرىنى ئىقتىساد قىلىپ كىتاب - ماتېرىيال يىغىپ ، ھەر تەتىلدە نەچچە سومكىدىن كىتابنى يۇرتىغا توشۇيدىغان بولغان . تەدرىجىي ھالدا مەنمۇ يېزىپ باقمايمەنمۇ دېگەن ئىستەك پەيدا بولۇپ، تۇنجى ماقالىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدە ئوينىغان رولى» نى قايتا – قايتا يېزىپ ، تۈزىتىپ ئوبلاستىمىزدا چىقىۋاتقان «بوستان» ژۇرنىلىغا ئىبەرتكەن ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تۇنجى ماقالىسى «بوستان» ژۇرنىلىنىڭ 1989 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان . 1989 – يىلى 7 – ئايدا پوچتا- تېلېگراف مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئىزدىنىپ ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان . ئۇنىڭ تۇنجى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان 1989 – يىلىدىن ھېسابلىغاندا بۇلتۇر تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىل تولدى . بۇ جەريان نۇرغۇن مەشىق سۈپەتلىك ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلغان بولسا، مانا ھازىرقى كۈنلۈكتە ماقالىلىرىنىڭ سۈپىتىمۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئۆسۈپ قالدى ، بۇ 20 يىل جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى» ، «كروران» ، «بۇلاق» ، «مىراس» ، «شىنجاڭ ياشلىرى» ... قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 130 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئېلان قىلىندى . 2004 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئۇنىڭ «كروراننىڭ سىرى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ تارقاتتى . بۇ كىتاب ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان، بىر ناھىيىنىڭ تارىخىنى سىستېمىلىق يورۇتۇپ بەرگەن تۇنجى ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ كىتابنىڭ ھەجمى ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن كىرگۈزۈلمەي قالغان قىسىملىرىنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان «چاقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 3 - ، 4 – توپلاملىرىدا ئېلان قىلىپ چاقىلىق ۋە كروراننىڭ تارىخ ، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇردى.
غالىب بارات ئەركنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرىنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :
1- تارىخ تەتقىقاتى : غالىب بارات ئەرك ئۆزىنىڭ مۇشۇ قىسقىغىنا تەتقىقاتى جەريانىدا «كروراننىڭ سىرى» ناملىق مەخسۇس ئەسىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ماقالىلەرنى يېزىپ ، تارىخىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشتى . بۇنىڭغا ۋەكىل خاراكتېرلىك ماقالىلىرىدىن «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولۇشىدىكى سىر» ، «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر كىتىك» ، «تەكلىماكاندىكى قەدىمكى شەھەر لوپ» ، « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تە تىلغا ئېلىنغان چىن ، ماچىن ھەققىدە» ، « ‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›تىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يېزىقى ھەققىدە» ، «ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىنىڭ تېررىتورىيىسى توغرىسىدا» ، «قاراشەھەر ۋە كورلا ۋىلايەتلىرى ھەققىدە» ، «چىن - ماچىن ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» ، «لوپلۇقلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش»... قاتارلىق ماقالىلىرىنى تىلغا قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
2- يەر ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات
غالىب بارات ئەرك يۇرتىمىزنىڭ يەر ناملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئاجىز ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شۇ يۇرتلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ، تىل ماتېرىياللىرى بىلەن تارىخىي پاكىتلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىقات يۈرگۈزۈپ چاقىلىق ، چەرچەن ، كورلا ، قاراشەھەر ، لوپنۇر ، خوشۇت، خوتۇنسومۇل قاتارلىق جاي ناملىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە يۇرتىمىزدىكى تارىم ، كۆنچى ، تەكلىماكان قاتارلىق ناملار ھەققىدىمۇ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى . بۇلاردىن باشقا يەنە بايىنغولىن ئوبلاستىنى ئاساس قىلغان ھالدا كىچىكرەك جايلارنىڭ ناملىرىدىن 80 نىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاپ ، بىر قىسمىنى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «كروران » قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ كىتابخانلارنىڭ دىققىتىنى يەر ناملىرىغا جەلپ قىلىپ ، يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى ئېنىقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۆرسەتتى.
3- مەدەنىيەت تەتقىقاتى
غالىب بارات ئەرك مەدەنىيەت تەتقىقاتىدا ئاز، ئەمما ساز ماقالىلىرى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى . بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەتتە چېكىنىشىدىكى تارىخىي سەۋەبلەر» ، «خاسىيەتلىك ئەنئەنىلىرىمىز ياشىسۇن » ... قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ جەمئىيەت كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا نائىل بولدى. بۇنىڭدىن باشقا «ئۇيغۇرلاردا دىداكتىكا» ، «نەۋائىي ۋە نەۋا مۇقامى»... قاتارلىق ماقالىلىرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن .
4- ئىجتىمائىي ئەھۋاللار ھەققىدىكى ماقالىلىرى
غالىب بارات ئەرك ھازىرقى ئىجتىمائىي رېئاللىقتا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە ماقالە يېزىپ، جەمئىيىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي، رېئال مەسىلىلەرنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بۇ جەھەتتىن جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ، پارتىيىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ ، باياشات ، ئاسايىشلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا چاقىردى . بۇ تۈردىكى ماقالىلىرىگە «ئۆلۈۋاتقانلار بىلەن سۆھبەت» ، «ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى» ، «كرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە» ، «تارىمنىڭ كۆز يېشى ۋە تەبەسسۇمى » ... قاتارلىق ماقالىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
غالىب بارات ئەرك ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ «لوپنۇر ۋادىسىنىڭ سىرى» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابىنى يېزىپ پۈتتۈردى . بۇ كىتابتا، قاراشەھەر – كورلا رايونىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ . يەنە تارىم ۋادىسىنىڭ ئاياق ئېقىنىدىكى ياشاۋاتقان لوپلۇقلار ھاياتىغا بېغىشلانغان «تارىمنىڭ سىرى» ناملىق كىتابىنىمۇ يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشرىيات ئورۇنلىرىغا تاپشۇردى . ئۇنىڭ 21 – ئەسىر سوۋغىسى سۈپىتىدە يېزىپ چىققان «‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك› ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابىمۇ نەشرگە تاپشۇرۇلغان. ئۇ ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ش ئۇ ئا ر مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى.