United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

پروفېسسور-- ھوشۇر ئىسلام تەرجىمھالى

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : مەھشۇرلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : يوق
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 264
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010-8-19 15:15:53
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  

ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ  پروفېسسورى ، دوكتۇر ئاسپرانت يېتەكچىسى . ئىككى قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە  كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس (ئۈچ قارار ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمنىڭ بىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر – ئۇچۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى . 1982 – يىلى بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1984 – يىلى كانادا ئالبېرتا ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1997 – يىلى ئامېرىكا رايت ئۇنىۋېرستېتىدا بىلىم ئاشۇرغان .

     پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام  دۆلەتلىك 211 قۇرۇلۇشى ‹‹ شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە ئىلمى ›› نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، كومپيۇتېر – ئۇچۇر ماگستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل – يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . بىرنەچچە يىلدىن بېرى 40 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانچلارنى تەربىيىلىگەن . خەلقارالىق ، مەملىكەتلىك ژورناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان . ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالا ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى تۈزگەن . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېر ئېلېكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا .

           پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام ھازىرغىچە 863 يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتە تۈرگە ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقاتىدىن ئۈچ تۈرگە ، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 15 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، يېڭى ئۇسۇل ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى .  ئۇنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئالتە تۈردە مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت ۋە خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك  پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن سەككىز تۈرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا . ئۇ سەبداشلىرى بىلەن 20 يىل ئىجادىي ئىشلەش ئارقىلىق ، ئاز سانلىق مىللەت ئۇچۇر – تېخنىكىسى ئىشلىرى يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىقتىدارلىشىش ، تورلىشى ، كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش يېڭى سەۋىيىسىگە كۆتۈردى . 20 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ۋە چەت ئەللەرگە تارقالدى . ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ساھەسى بارلىققا كەلدى . بۇ تەتقىقات بازىسى رايونىمىزنىڭ كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بازىسىغا ئايلاندى . ئۇ قۇرغان ئۇنىۋېرستېت فاڭ يۈۋەن ، لەنخۇا ، سەردار شىركەتلىرى بازا بىلەن بىرلىشىپ تەتقىقات ، ئىشلەپچىقىرىش ، سودا – مۇلازىمەت ۋە ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن بازىغا ئايلاندى .

       ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئىي پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەردەك ئىسلاھات ، رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ  شان – شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجاد ، روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشتا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئىلىم – پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەم ئۈلگە ،  نەمۇنە تىكلەپ بەردى .

http://www.tudou.com/v/MVIfLybohfQ/v.swf


&  ئالدىنقى كىتاب:ئۇيغۇرنىڭ مەدەنيەت جەڭچىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى
&  كېيىنكى كىتاب:79مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

4