United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> تۆھپىكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

تېيىپجان ئېلىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى خاتىرىلەندى

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : مەھشۇرلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 391
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010-12-22 13:26:15
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
 
يىغىن مەيدانىدىن بىر كۆرۈنۈش

    روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى : جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 20 – دېكابىر شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەھمەد، تۆمۈر داۋامەتلەر تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى لى يى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چىن جيەنگۇڭ قاتارلىقلار خاتىرىلەش يىغىنغا قاتناشتى.

 
جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ نادىر ئىجادىيەت ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىك نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەشكىلىي قىسمى. تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ۋەتەنگە بولغان تولۇپ تاشقان مېھىر – مۇھەببىتى، ۋەتەن، خەلققە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى بىزگە چوڭقۇر تەسىر قىلىدۇ. ئۇ بىر ئەدەبىي ئىجادىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، قايناق ھاياتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، گۈزەللىك، سەمىمىيلىكنى مەدھىيەلىگەن، قەبىھ قىلمىشلارنى قامچىلىغان. ئۇ شېئىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، باشقا مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھەرلىرىنىمۇ قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى مۇھىم بايلىق.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنىڭ مۇھىم بۇلىقى. شىنجاڭغا ئوخشاش كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشقا، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. بىز ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىمىز ھەم ئۇنى يۈكسەلدۈرۈشىمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى مەركەز قىلغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناقلىقى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتىكى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش، كەڭ ئېچىش، زور تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ھەر مىللەت ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ تۈگىمەس بۇلىقى. ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى تارقىتىش، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتەك مۇقەددەس بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، سەنئەتنىڭ تۇرمۇشتىن كېلىدىغانلىقى ھەم تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، زامانىۋىلىشىشقا، كەلگۈسىگە، دۇنياغا يۈزلىنىپ، دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئىدىيەۋى مەزمۇنى مول، سەنئەتكە ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئىجادىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 
شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرى ‹‹ۋەتەن ھەققىدە غەزەل››نى دېكلاماتسىيە قىلدى

    تەبرىكلەش يىغىنىدا، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرى ‹‹ۋەتەن ھەققىدە غەزەل››نى دېكلاماتسىيە قىلدى. ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان تېيىپجان ئېلىيېف تېكىستىنى يازغان ‹‹ئازاد زامان››، ‹‹زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار›› دېگەن ناخشىلىرىنى ئېيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ھېيتەم ھۈسەيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئازاد سۇلتان قاتارلىقلار تېيىپجان ئېلىيېفقا ئاتاپ يازغان ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىنغا قاتناشقان ئالىم، شائىر، جامائەت ئەربابلىرى شائىرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىشتى.

 
ئاتاقلىق ناخشىچى پاشا ئىشان تېيىپجان ئېلىيېف تېكىستىنى يازغان ‹‹ئازاد زامان››، ‹‹زەپمۇ چىرايلىق كەلدى باھار›› دېگەن ناخشىلىرىنى ئېيتتى

&  ئالدىنقى كىتاب:ئادىلجان ئابلىز ھەجۋىي رەسىم كۆرگەزمىسى
&  كېيىنكى كىتاب:دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ئالىمى
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

18