United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى كىتابلار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> كىتاب مەركىزى >> سەنئەت گۈلزارى >> سەنئەتكارلىرىمىز
ئاۋات كىتاپلار
ئەل ئىشقىدا سايرىغان‹‹بۇلبۇل››
چالغۇ ئوتىدا كۆيگەن يۈرەك
ھايات بەدىلىگە خاتىرىلەنگەن كارت..
دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇيغۇر ..
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق ناخشا ..
ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ تەرجىمھالى..
مەخمۇت سۇلايماننىڭ تەرجىمھالى
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
تەۋسىيە كىتاپلار
شەيدائىي مەدەنىيەت بوستانىدا - يې..
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئەتىسى تېخى..
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان..
داڭلىق خەتتات قاينام جاپپار
‹‹ قۇتادغۇبىلىك›› تىن ئۈنچىلەر شەي..
« قەشقەر تەسىراتلىرى » قەيسەر ھېس..
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك..
مەھمۇد قەشقەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغەتى..
   كىتاپ ئۇچۇرلىرنى كۆرۈش

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم (تەرجىمالى)

  ئاپتورى :
  كىتاب تۈرى : سەنئەتكارلىرىمىز
  تەرجىمە قىلغۇچى : نامەلۇم
  نەشىر قىلغان ئۇرۇن :
  نەشىر قىلغان ۋاقىت :
  باھاسى :
  ئاۋاتلىغى : 905
  قوشقۇچى : xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى : 2010/8/27 17:59:32
  مۇناسىۋەتلىك يازما : كۆرۈش

 تۇنۇشتۇرۇش  
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكرى چوڭقۇر ، ھېسسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي، لىرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر . ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشرەپلىرى قۇچىقىدا ئۆتكەچكە، ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا ،سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن . 1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسىگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈردى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . 
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانلىق ناخشىچىدۇر . ئۇ ئورۇنلىغان " سىرلىق تۇمان ، ئۇچراشقاندا ، ۋاپادارىم ، مۇئەللىم ، كېچەلەيمەن ، ئايرىلىش ، كۆزۈڭنى ياشلىما ، تۇنجى سۆيگۈ ، سېغىنىش كۈيلىرى " قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئابدۇللانىڭ خەلق ئىچىدىكى شۆھرىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى . 1994 - يىلدىن ھازىرغىچە " سىرلىق تۇمان ، سۈكۈتتىكى سادا ، پەرۋانەڭ بۇلاي " قاتارلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ، " شېرىن چۈش ، تۇنجى سۆيگۈ " قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشر قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ " مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " يېڭى ئادەم ، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ ، ئاممىباب ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بولۇپ باھالاندى . 1999 - يىلى بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن " بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي " ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە " ياشلىق كۈيى " دېگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى . 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن " يىپەك يولى دراما بايرىمى " دە تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى . ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، يارقىن سىياسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى . 
بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بولۇپ " شادىمان دوستلار ، بۇ كىشىنى تونۇمسىز " قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ، " گۇناھسىز جىنايەتكار ، كېيىنكى ئاتا " قاتارلىق درامىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ پېرسوناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە يەنە " ئۇچرىشىش ، شېكەر شەنبە ، پۇل ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ " قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خاراكتېرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش ، دراما - ئېپىزوتلاردا رول ئىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، " قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش ، ئاي گۇۋاھ ، ئۇر توقماق ، كۈلكىگە يوشۇرۇنغان يىغا " قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى .
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتقا باي لىرىك ناخشىلىرى ، ئېغىر - بېسىق مىجەز - خاراكتېرى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ھېكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ ، كېيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەختلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .

&  ئالدىنقى كىتاب:خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى
&  كېيىنكى كىتاب:«بۆرىلەر ۋادىسى»باش قەھرىمانى ھەققىدە
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

10