
كىۋانچ تاتلىتۇغ 1983-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئادانادا تۇغۇلغان بولۇپ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە مودېل.2002-يىلى Best Model of Turkey تۈركىيىنىڭ ئەڭ ياخشى مودېلى،مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تۇنجى سەھنە ھاياتىنى باشلىغان .ئەمما،2005-يىلى باشلىغان كىنوچىلىق ھاياتى بىلەن داڭ چىقىرىش يولىغا قاراپ ماڭغان.دەسلەپ Gümüş تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان مەھمەت خاراكتېرى بىلەن تونۇلغان تاتلىتۇغ،ئارقىدىنلا مەنەپشە بىلەن خىلىل،«ئامېرىكىلىقلار قارا دېڭىزدا» قاتارلىق تېلېۋىزىيىلەردە رول ئالغان.خالىد زىيا ئۇشاكلېگىلنىڭ رومانىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا ئىشلەنگەن Aşk-ı Memnu چەكلەنگەن سۆيگۈ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان.بەھلۈل خاراكتېرىنى جانلاندۇرغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا،باش رولنى بەرەن سائات بىلەن بىللە ئوينىغان.2010-يىلى بىر مەزگىل ئەزەل تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان. ھازىر بولسا، Kuzey Güney تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا كۈزەي رولىنى جانلاندۇرۇۋاتىدۇ.

ھاياتى:
دەسلەپكى يىللىرى
كىۋانچ تاتلىتۇغ،بەش بالىسى بولغان بىر ئائىلىنىڭ ئوغلى بولۇپ،1983-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئادانادا تۇغۇلغان.
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى يەنىجە ئۆزەل چاغ ئوتتۇر مەكتىپىدە تاماملىدى.1997-يىلى دادىسى يۈرەك ئوپېراتسىيىسى قىلىنغانلىقتىن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كەلدى.ئىستانبۇل كالامىش تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىنى پۈتتۈردى.
شەخسى تۇرمۇشى:
Miss World 2002 دۇنيا گۈزىلى بولۇپ تاللانغان ئازرا ئاكېن بىلەن 2002-يىلى تونۇشتى ۋە 2008-يىلىغىچە مۇھەببەتلىشىدۇ.2009-يىلى ئۆزىدىن 13 ياش چوڭ بولغان داڭلىق كىنو ئارتىسى مەلتەم جۇمبۇل بىلەن ئارىلىشىشقا باشلىغان كىۋانچ تاتلىتۇغ،بۇ مۇناسىۋىتىنى 8-ئايدا ئۈزىدۇ.

ۋاسكىتبول:
كەسپى ھاياتىنى ۋاسكىتبول بىلەن باشلىغان تاتلىتۇغنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى NBA دە ۋاسكىتبول ئويناش ئىدى.ئادانادىكى ۋاختىدا، “Fiskobirlik”, “Güney Sanayi”, “Çukurova “Devlet Su Kulübü”, ve “Tarsus Amerikan Kulübü”قاتارلىق كۇلۇپلاردا ۋاسكىتبول ئوينىدى. Ülkerspor نىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۇ يەردە ئىككى يىل ئوينىدى.ئۇنىڭدىن كىيىن بىر يىل بەشىكتاش،بىر يىل فەنەرباھچە كۇلۇپلىرىدىمۇ ۋاسكىتبول ئوينايدۇ.قايتا بەشىكتاش كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن تاتلىتۇغ مەشىق قىلىش جەريانىدا يارلىنىشى سەۋەبىدىن ۋاسكىتبول ھاياتى بىلەن خوشلىشىدۇ.
مودېللىق:
ۋاسكىتبول ئويناۋاتقان ۋاقىتلىرىدا،ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ بەدىنىگە قارىتا قىلغان ماختاش سۆزلىرى تاتلىتۇغنى مودېللىق ساھەسىنى سىناپ بىقىش خىيالىغا كەلتۈرۈپ قۇيىدۇ.مودېللىق ساھىسىگە قەدەم قۇيۇشىغا تۈرتكۈلۈك رول ئوينىغان كىشى ئاپىسى بۇلۇپ،ئاپىسى بىر تاللا بازىرىنىڭ ئەينىكىدىكى مودېل قۇبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرۈپ قىلىپ تاتلىتۇغنى سىناپ بىقىشقا دەۋەت قىلىدۇ.بىر شىركەتكە رەسىمىنى ئەۋەتكەن تاتلىتۇغ شۇنداق قىلىپ مودېللىق ساھەسىگە قەدەم تاشلايدۇ.كىيىن بۇ كەسىپنى ياختۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئاستا-ئاستا كەسپى مودېل بۇلۇپ نۇرغۇن شىركەتلەر تالىشىپ تەكلىپ قىلىدىغان ھالەتكە كىلىدۇ.
ئىككى مودېل شىركەتلىرى بىلەن ئىشلىگەندىن كىيىن،2002Best Model of Turkey مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ ۋە بىرىنچى بولىدۇ.نەق شۇ يىلى يەنە Best Model of the World غا تۈركىيىگە ۋاكالىتەن قاتناشقان تاتلىتۇغ بۇنىڭدىمۇ بىرىنچى بولىدۇ. Best Model of the World قا قاتنىشىشى بىلەن خەلقئاراغا تونۇلغان مودېلغا ئايلىنىدۇ.فرانسىيە مودېل ئاگېنتلىقى بولغان Success دىن كەلگەن تەكلىپ بىلەن پارىژدا بىر يېرىم يىل ئىشلەيدۇ.

كىنوچىلىق:
پارىژدىكى ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن تەكلىپنامە ئالغان تاتلىتۇغ،كىچىكىدىنلا كىنوچىلىققا قىزىقىدىغان ھەۋىسى بولغاچقا كەلگەن تەكلىپنامىلەرنى ئويلىشىپ قارار بېرىش ئۈچۈن تۈركىيىگە قايتىپ كېلىدۇ.ئوكان بايۈلگەندىن ۋە دۆلەت تىياتىر سەنئەتچىسى لاچىن جەيلاندىن كىنودا رول ئىلىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ.
كىنوچىلىق ساھەسىگە تۇنجى قەدىمىنى 2005-يىلىدىكى Gümüş تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىش بىلەن باشلايدۇ.سونگۈل ئۆدەن بىلەن باش رول ئالغان Gümüş تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈركىيە ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.Gümüş تىن كىيىن مەنەپشە بىلەن خىلىل تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا خېلىل خاراكتېرىنى جانلاندۇرىدۇ.ئامېرىكىلىقلار قارا دېڭىزدا فىلىمىنىڭ ئىككىنچىسىدە رول ئالىدۇ.
كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقتى بولسا 2008-يىلى بەرەن سائەت بىلەن باش رولنى ئالغان، خالىت زىيا ئۇشاكلىگىلنىڭ رومانىغا ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن Aşk-ı Memnu چەكلەنگەن سۆيگۈ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى بەھلۈل خازنەدار خاراكتېرى بولۇپ،تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا جانلاندۇرغان بەھلۈل خازنەدار خاراكتېرى،تاتلىتۇغنى ئالتۇن كېپىنەك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر كىنو ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
2010-يىلى Ezel تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا سەككىز لەقەملىك قۇشۇمچە پېرسوناژ خاراكتېرىنى جانلاندۇرىدۇ.ھازىر بولسا، Kanal D دە قۇيۇلۇۋاتقان Kuzey Güney تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىۋاتىدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئاپتورنىڭ تەرجىمە ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ،باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماقچى بولغانلار چوقۇم مەنبەسىنىڭ نۇر تورى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ!