تۈركىيىدە ئىشلەنگەن ‹‹ئاچچىق ھايات››ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا مەرد، ۋاپادار ،جاسارەتلىك ،غورۇرلۇق يىگىت مۇھەممەت كوسۇۋلۇقنىڭ ئەگرى – توقاي ھايات كەچۈرمىشىنى ئاجايىپ يۇقىرى ماھارەت بىلەن يارىتىپ پۈتۈن دۇنيا تاماشىبىنلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگگ سالغان ئاتاقلىق كىنو چولپىنى كەنئان ئىمىرزا ئوغلى 1974- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان .ئۇ تۈركىيە يىلدىز تېخنىكا پەنلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ماتىماتىكا كەسپىنى پۈتۈرۈپ ،بىر مەزگىل ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ،كېيىن تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1995- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەر مودىل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىرىنچى بولغان ،بوي ئىگىزلىكى 1.90 مىتىر .
كەنئان 1999-يىلى تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق كىنو فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە رىژىسسور ئوسمان سىناۋنىڭ كۆزىگگ چېلىقىپ قېلىپ ‹‹تەلۋە يۈرەك ››ناملىق فىلىمدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك رول ئالغان . كېيىن يەنە ‹‹ ئامەت ››ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپلا بىردىنلا تونۇلغان چولپانغا ئايلانغان .
2005- يىلى ئوسمان سىناۋ ئىشلىگەن ‹‹ئاچچىق ھايات››ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا مۇھەممەت كوسوۋلۇقنىڭ رولىنى مۇۋەپپىقيەتلىك ئېلىپ چىقىپ ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن كىنو ئارتىسى بولۇپ قالغان .ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىل ئىچىدە يەنە ‹‹گۇگۇم ۋاقتىدا ››،‹‹ئاخىرقى ئوسمانىلى ››قاتارلىق بىر قانچە فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقان .
كەنئان ئىمىرزا ئوغلى 2009- يىلى ‹‹ئەزەل ››ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا باش رول ئېلىپ شۇ يىللىق بەش مۇنەۋۋەر ئارتىس ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ باھالانغان ، شۇنداقلا ياۋروپادا كۆرۈرمەن ھەۋەسكارلىرى ئەڭ كۆپ تۈركىيە چولپىنى بولۇپ قالغان .
2010- يىلى تۈركىيە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى دۆلەت ھالقىغان بىرىنچى نومۇرلۇق مەشھۇر چولپان پولات ئەلەمدار بىلەن كەنئان ئىمىرزا ئوغلىنىڭ ئوبرازىنى توختىماي سېلىشتۇرۇپ چىقتى .ئورتاق يەرلىرى ۋە پەرقلىرىنى بەس – مۇنازىرە قىلىشتى .ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ئىككىسى تۈركىيە زۇڭلىسى ئەر دۇغان سايلام بېلىتىگە ئېرىشىشتە تايانغان غوللۇق سەنئەتكارلار دەپ خەۋەر بېرىشتى .





|