

ھاياتى:
تاركان 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى گېرمانىيىنىڭ فىرانكىفورت شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالزەي بازىرىدا تۇغۇلغان.ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەسلى تېگى تۈركىيە رىزە شەھىرىدىن بولۇپ،تاركان ئالتە بالىنىڭ بەشىنچىسى ھېسابلىنىدۇ.ئائىلىسى گېرمانىيىدە بىر مەزگىل ياشىغاندىن كىيىن،1986-يىلى تۈركىيىگە كۆچۈپ كېلىدۇ ۋە تاركان تۇلۇق ئوتتۇرىنى كارامۈرسەل تۇلۇق ئوتتۇر مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە قۇشۇمچە كارامۈرسەل مۇزىكا جەمئىيىتىدە مۇزىكا ئۆگىنىدۇ. تاركاننىڭ مۇزىكا دۇنياسىغا قەدەم تاشلىشىنىڭ تۇنجى ۋە مۇھىم بىر قەدىمى بۇ يەردىن باشلىنىدۇ.كىيىن ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كېلىپ تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ داۋامىنى ئىستانبۇلدا ئوقۇشقا باشلىغان تاركان مۇزىكا دەرىسىنى ئۈسكۈدار مۇزىكا جەمئىيىتىدە كلاسسىك مۇزىكا ئۆگىنىش بىلەن ئىككى يىل داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئىش ھاياتى:
مۇزىكا بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرغان تاركان شۇ ۋاقىتلاردا،ئىستانبۇل ئۈن-سىن تارقىتىش مەركىزىنىڭ خوجايىنى مەھمەت سۈھۈتئوغلۇ بىلەن تونۇشىدۇ ۋە توختام تۈزۈش ئارقىلىق تاركاننىڭ تۇنجى پلاستىنكىسى (Yine sensiz) يەنە سەنسىز،1992-يىلنىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيىدە تارقىتىلىدۇ.بۇ تۇنجى پلاستىنكىسى مۇزىكا دۇنياسىدا خىلى چوڭ تەسىر قوزغايدۇ.پلاستىنكىنىڭ ناخشىلىرىدىن "Kıl Oldum Abi" "Kimdi", "Vazgeçemem" قاتارلىقلار شۇ ۋاقىتلارنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ناخشىلىرى بولۇپ پلاستىنكىنىڭ 700 مىڭ تال سېتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تۇنجى پلاستىنكىسىنىڭ غەلىبىسى شۇ دەۋرنىڭ داڭلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتورلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن 1994-يىلى 4-ئايدا يىلدىز تىلبە،سەزەن ئاكسۇ ۋە ئۈمىد سايىندەك داڭلىق ناخشا يازغۇچىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن (Acayipsin )ئاجايىپسەن دېگەن پلاستىنكىسىنى چىقارغان تاركان،پلاستىنكىسىنىڭ ئىككى مىليون تال سېتىلىشى بىلەن تۈرك پوپ مۇزىكىچىلىقىنىڭ مۇھىم ئىسىملىرىدىن بىرىگە ئايلىنىدۇ.بۇ پلاستىنكىسى ئارقىلىق تاركان، تۈركىيە ۋە ياۋروپادا 30 دىن كۆپرەك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.
تاركان،(ئاجايىپسەن) پلاستىنكىسىنى چىقىرىپ داڭ چىقىرىۋاتقان مەزگىللىرىدە Atlantic records نىڭ خوجايىنى ۋە دۇنياغا داڭلىق مۇزىكانت ئاخمەت ئەرتەنگۈل بىلەن تونۇشىدۇ.ئاخمەت ئەرتەنگۈل تاركاننىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ: تۈركىيە داڭلىق سەنئەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان دۆلەت،ئەمما،دۇنيادا بىر بولغان تاركاندىن يەنە بىرىنىڭ چىقىدىغىنىغا ئىشەنمەيمەن،دەيدۇ.تاركان خەلقئاراغا يۈزلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىدۇ ۋە ئۇ يەردە بارۇچ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنگلىزچە ئۆگىنىدۇ.يەنە قۇشۇمچى قىلىپ شۇ ۋاقىتلاردا نىيۇيوركتا بىر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.ناخشا كېچىلىكى تۈركىيىدە star tv دا نەق مەيدان كۆرسىتىلىدۇ.ناخشا كېچىلىكىدىن كىيىن ئامېرىكا CNN قانىلى تاركاننى ئىنگلىزچە پلاستىنكىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

تاركان ئىنگىلىسچە پلاستىنكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرىنى بىر مەزگىل قۇيۇپ قۇيۇپ يىڭى بىر تۈركچە پىلاستىنكىسىنىڭ تەييارلىقىنى باشلايدۇ.1997-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈچىنچى پىلاستىنكىسى (olurum sana) سەن ئۈچۈن ئۈلىمەن، نى چىقىرىدۇ.سۆزى سەزەن ئاكسۇنىڭ بولغان پىلاستنكىنىڭ تۈنجى ناخشىسى (simarik )ھالى چوڭ،تۈركىيەدە قاتتىق چوڭ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ ۋە 4.5 مىليونغا يىقىن سىتىلىپ تۈركىيە تارىخىدا ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ سىتىلغان پىلاستىنكا بوپ قالىدۇ.
1997-يىلى تاركان ئۆزىنىڭ شىركىتى بولغان HITT مۇزىكا ئىشلەش شىركىتىنى قۇرىدۇ.
Ölürüm Sana بىلەن زور غەلبە قازانغان تاركان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئۈن-سىن شىركەتلىرىدىن Universal Music نىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن كىيىن تاركانغا ياۋرۇپا سەھنىسىنىڭ ئىشىكى ئىچىلىدۇ ۋە تۈنجى بۇلۇپ Şımarık ناخشىسى بىلەن سەھنىگە چىقىدۇ. بۇ ناخشىسى فىرانسىيەدە 6-ئورۇندا،بېلگىيەدە 2-ئورۇندا ۋە باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ئەڭ داڭلىق 20 ناخشا تىزىملىكىگە كىرىدۇ.بۇ نەتىجىلەردىن كىيىن Şımarık ناخشىسى 10 دىن كۆپرەك تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ 20 دىن كۆپرەك ئۇسلۇبى ئىشلىنىدۇ.2002-يىلى ئاۋىستىرالىيەلىك ناخشىچى خولى ۋالانس تەرپىدىن "Kiss Kiss" دەپ ئىنگىلىسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېيتىلغان ناخشا ئەنگىلىيەدە 1-ئورۇنغا تىزىلىدۇ.
Universal پلاستىنكا ئىشلەش شىركىتى Şımarık نىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ تاركاننىڭ Aacayipsin، Ölürüm Sana پلاستىنكىلىرىدىكى تاللانغان 10 ناخشىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىلىرىنى پلاستىنكا قىلىپ 1999-يىلى ياۋروپا بازىرىغا تارقىتىدۇ.بۇ پلاستىنكا ياۋروپادا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيىتىدىن كىيىن ئامېرىكا ۋە ئاسىيا بازارلىرىغا كىرىشكە باشلايدۇ.ئوتتۇر ئامېرىكا ۋە جەنۇبى ئامېرىكا دۆلەتلىرى تاركاننى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشتۈرىدۇ.يىڭى بىر تاركان ھەيرانلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا 1.5 مىليون پلاستىنكىسىنىڭ سېتىلىشى بىلەن تاركان مېكسىكىدا پىلاتىن پلاستىنكا مۇكاپاتى،فرانسىيە،گوللاندىيە،گېرمانىيە،بېلگىيە،شۋېتسىيە ۋە كۇلۇمبىيەلەردە ئالتۇن پلاستىنكا مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.

دۇنيا مۇزىكا مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا تاركان Adriana Karembeu دىن مۇكاپات قوبۇل قىلماقتا
1999-يىلى تاركان دۇنيا مۇزىكا مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەڭ كۆپ پلاستىنكىسى سېتىلغان ئوتتۇر شەرقلىق ناخشىچى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.تاركان خەلقئاراغا تونۇلۇپ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەنئەتچىلەرگە قوشۇلۇۋاتقان بۇ پەيتتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن تاركان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ ھەربىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ۋەتەنداشلىقتىن چىقىرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ.1999-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىستانبۇل مارمارا رايونىدا يەر تەۋرەش يۈز بېرىدۇ ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن ماددىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلارنىڭ ھەربىيلىك مەجبۇرىيىتىنى قىسقارتىش توغرۇلۇق قانۇن چىقىرىلىدۇ.بۇ قانۇن چىقىرىلغان مەزگىلدە 28 كۈنلۈك ھەربىيلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن تۈركىيىگە قايتقان تاركان 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى يەر تەۋرىگەن رايونلارغا ئاتاپ بىر ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ.
2005-يىلى تاركان،ئامېرىكىغا دەسلەپ بارغان ۋاقىتلىرىدىكى پىلانلىغان ئىنگلىزچە پلاستىنكىسىنىڭ تەييارلىقلىرىنى تېزلىتىدۇ.ئىنگلىزچە پلاستىنكىسىنىڭ چىقىشىغا ئاز ۋاقىت قالغاندا تۆت ناخشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېىنتېرنېتكە چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان تاركان،2005-يىلى كۈز پەسلىدە ئۆزگەرتىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن Bounce سەكرە دېگەن ناخشىسىنى تۈركىيە بازىرىغا سالىدۇ.2006-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى Bounce نىڭ ئوخشىمايدىغان ئۇسلۇبلىرى گېرمانىيە ۋە شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بازارغا سىلىنىدۇ.شۇ يىلى ئاپىرىلدا،15 ناخشىدىن تەركىب تاپقان ئىنگلىزچە پلاستىنكىسى Come Closer يېقىنلاش، تۈركىيە،گېرمانىيە ۋە شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە بازارغا سىلىنىدۇ.بۇ قېتىمقى پلاستىنكىسىنىڭ پۇرىقى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى ئالغان بولۇپ ياۋروپا پۇراقى ئىدى.ئىنگلىزچە پلاستىنكىسى تارقىتىلغان تاركان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزىدۇ ۋە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەخسۇس زىيارەت پروگراممىغا قاتنىشىدۇ.
تاركان 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى چىقارغان پلاستىنكىسىدىكى Sevdanın Son Vuruşu ئىسىملىك ناخشىسى 15 خەلقئارالىق رادىئو قانىلىدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلىدۇ.بۇ پلاستىنكىسى يىرىم غەرب پۇراق يىرىم تۈركىيە پۇراق بولۇپ يېڭىچە ئۇسلۇبى بىلەن يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.تاركان ئىككى يىلدىن كىيىن چىقارغان ۋە ئىككى ھەپتىدە 300مىڭ تال سېتىلغان پلاستىنكىسى Adımı Kalbine Yaz ئىسمىڭنى يۈرىكىڭگە ياز، رېكورت يارىتىدۇ.
2011-يىلى تاركان ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان تۈرك سەنئەتچىسى بولۇپ قالىدۇ.پەقەت تۆت ئايدىلا 10 مىليون دوللار تاپقان ئىدى.
ئەسكەرتىش: ئاپتورنىڭ تەرجىمە ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ،باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىماقچى بولغانلار چوقۇم مەنبەسىنىڭ نۇر تورى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ!