



تۈركىيىنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى«چەكلەنگەن سۆيگۈ» نى كۆرۈرمەنلەر بەكمۇ ياقتۇرۇپ كۆرمەكتە. بۇ تىياتىردىكى بىھتەر رولىنى ئالغان ئارتىس بەزىدە كىشىلەرنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرسە بەزىدە ئادەمنى تولىمۇ بىزار قىلىدۇ. ئەمما رولنى ھەقىقەتەنمۇ قاملاشتۇرۇپ ئالغان بۇ ئارتىس ھەققىدە بىلگۈڭىز بارمۇ؟
ئىسمى :بەرەن سائات تۈركچىسى:Beren Saat تۇغۇلغان ۋاقتى : 1984-يىلى 26-فېۋرال تۇغۇلغان جايى : تۈركىيە ئەنقەرەدە بىلىدىغان چەتئەل تىلى: ئىنگلىزتىلى، ئىسپان تىلى. بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى: 1.67. 50كلوگرام. ئوقۇغان مەكتىپى: پايتەخت ئۇنىۋېرسىتېتى. قىزىقىشى: ئۇسۇل ئويناش، تىنىس توپ، كىنۇ كۆرۈش. چاچ ۋە كۆزىنىڭ رەڭگى: يېشىل ۋە قوڭۇر. ئامراق رەڭ: سۆسۈن ئىسمىنىڭ مەنىسى: پاختىدەك يۇمشاق ۋە ئاپئاق. ئۆزىدىن بەش ياش چوڭ بىر ئاكىسى بار. ئامراق ئىتىنىڭ ئېتى: بىتتەر. راھەت كىيىم كىيشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئانىسى ئەنقەرە كوجا تەپە مىمار كامال ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى. ئۇ «چەكلەنگەن سۆيگۈ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىردا بىھتەر رولىنى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ چىقتى ۋە «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا نائىل بولدى.
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەنقەرەدە ئوقۇغان. كېيىن پايتەخت ئۇنىۋېرسىتېتى كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تۈركىيىنىڭ Yıldızları ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. پروگراممىغا قاتناشقان بەرەن ئىككىنچى بولۇپ، ۋەزىپىنى تاماملىدى. رىژىسسور تومرىس گىرىتلى ئوغلى Tomris Giritlioğlu’ قېرىندىشى سائاتنىڭ قابىلىيىتىدىن ئاكىسىنى خەۋەردار قىلدى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن «شۆھرەت ئىشىك»لىرىنى تەييارلاشقا ئاساس سېلىپ بەردى. رول ئالغان فىلىملىرى: 2004-يىلى: «Ölüm Var Aşkımızda» 2005-يىلى: «Aşka Sürgün» 2008-يىلى: « Güz Sancısı » ئەڭ دەسلەپ ئۇنىڭ نامىنى ھەقىقىي تونۇتقان فىلىم « Sevgili Hatırla » بولدى. Aşka Sürgün» دىن كېيىن ئۇ تونۇلغان رېژىسسور تومرىس گىرىتلى ئوغلى بىلەن بىللە ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 2008-يىلى ئىشلەشكە باشلانغان «چەكلەنگەن سۆيگۈ» (Aşk-ı Memnu) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كېۋانچ تاتلىتۇغ بىلەن بىللە باش رول ئېلىپ بۇ تىياتىرنى جانلاندۇردى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن تۈركىيە تېلېۋىزىيەلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرۈلگەن تىياتىرغا ئايلاندى. ئىنگلىزچە ۋە ئىسپانچە بىلگەن بەرەن سائات بوش ۋاقىتلىرىنى ئۇسۇل ئويناش، تىنىس توپ ئويناش ۋە كىنۇلارغا بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئامراق. |