

«ئاچچىق ھايات»، «ئەزەل» فىلىملىرىدە باش رول ئالغان تۈركىيىدىكى ئەر ئارتىسلا ئىچىدە ئەڭ كېلىشكەن ئارتىس دەپ قارىلىدىغان داڭلىق كىنو ئارتىسى كەنان. ئىمىرزا ئوغلى 1974-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنقەرەدە توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەنقەرەدە ئوقىدى. ئالىي مەكتەپنى بولسا ئىستانبۇلدىكى يىلتىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا كەسپىدە ئوقىدى. 1995-يىلدىن باشلاپ مودىللىق قىلىشقا باشلىدى. كەنان. ئىمىرزا ئوغلى دوسلىرىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مودىل» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشتى. 1999-يىلى «دەلى يۈرەك» (يەنى ساراڭ كۆڭۈل) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتېرىدا يۇسۈف. مىرئوغلىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئارتىسلىق ھاياتىغا قەدەم قويدى. ئارتىسلىق ساھەسىگە قەدەم قۇيۇپ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزىنى رول ئېلىشتىكى قابىلىيىتى ئارقىلىق كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋە رېژىسورنىڭ ماختىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولدى. 2001-يىلى «دەلى يۈرەك» (يەنى ساراڭ يۈرەك) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بىر كىنودا رول ئېلىپ، كىنوچىلىق ساھەسىگە قەدەم قويدى. كەنان. ئىمىرزا ئوغلى يەن «ئاراجا كارانلىك» ناملىق بىر تېلېۋىزيە تىياتىرىدا رول ئالدى. ئۇ يەنە ئۇغۇر. يۈجەلىن سىنارىيىسىنى يېزىپ ئۆزى رېژىسورلۇق قىلغان «تۇرا» ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. كەنان ئىمىرزا ئوغلى 2006-يىلى سۇئات. يالازىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن، مۇستاپا. شەۋقى. دوغان رىژىسورلۇق قىلغان ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدىكى جەمئىيەت تەسۋىرلەنگەن «ياندىم ئالى» (يەنى ياندىم ئېلى) فىلىمىدە رول ئالدى. 2007-يىلى بولسا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ۋە كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئاچچىق ھايات» فىلىمىدە باش رول يەنى مۇھەممەتنىڭ رولىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئالدى. ئۇ يەنە ئەڭ ئاخىرقى فىلىمى بولغان «كابا دايى» (يەنى كابا تاغا) فىلىمىدە باش رول ئېلىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ھازىر بىز ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتقان «ئەزەل» فىلىمىدە باش رول ئېلىپ، كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. |