ماھىرە ئەمەت 1987–يىلى 5–ئاينىڭ 24–كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1998–يىلى 11 يېشىدا بېيجىڭ شېڭجى ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ خەلچەم سىدىق ئۇسسۇل سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. ئاتاقلىق سەنئەتكار ، دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس خەلچەم سىدىقنىڭ تۆت يىللىق جاپالىق تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە كەسىپ ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردە تولۇق پىشىپ يېتىلىپ، 2002–يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتكۈزۈپ شۇيىلى 7–ئايدا شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.
ماھىرە ئەمەت ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان قىسقىغىنە 10 يىل جەريانىدا ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2005–يىلى 5–نۆۋەتلىك ‹‹نىلۇفەر لوڭقىسى›› ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ‹‹تاش ئۇسسۇلىنىڭ سالىسى››نى ئويناپ، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتى›› ۋە ‹‹مىللىي ئۇسسۇل گۈلى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2006–يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 3–نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹مۇنەۋۋەر يېڭى ماھىر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007–يىلى شىنجاڭ ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە يالغۇز كىشلىك ئۇسسۇل ‹‹ئاققۇ ئۇسسۇلى››نى ئورۇنلاپ ، ئورۇنلاش ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى بۇ ئۇسسۇل يەنە 6–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹نىلۇفەر لوڭقىسى›› ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئورۇنلاش مىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009–يىلى ئۇ ئورۇنلىغان ‹‹ئاققۇ ئۇسسۇلى›› ناملىق ئۇسسۇل 3–نۆۋەتلىك تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2009–يىلى ‹‹قۇملۇق گۈلى›› ناملىق ئۇسسۇلى 7–نۆۋەتلىك جۇڭگو ‹‹نىلۇفەر لوڭقىسى›› ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئورۇنلاش كۈمۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەسپىي ئەدەبىيات – سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹ئەڭ ياخشى ئارتىس›› مۇكاپاتىغا ئېرشكەن .
|