ئىسىم -فامىلىسى: زۇلمىرە مىرزەخمەت تۇغۇلغان ۋاقتى: 1994-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى يۇرتى: غولجىنىڭ توغراق دىگەن يىرىدىن قىزىقىشى: رەسىم سىزىش، ناخشا ئېيتىش ئارتۇقچىلىقى: چىقىشقاق، ئاقكۆڭۈل، دوستانە،تىرىشچان كەمچىلىكى : كەمسۆز، ئالدىراقسان ياخشى كۆرىدىغان ئىشى: شېئىر يېزىش، مۇزىكا ئاڭلاش ياقتۇرمايدىغىنى: تەكەببۇرلۇق، ماختانچاقلىق ئارزۇسى: داڭلىق ناخشىچى بولۇش ياخشى كۆرىدىغان رەڭ: قىزىل رەڭ، كۆك رەڭ، ھال رەڭ ھازىر غولجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ 2010-يىلى <<سەنسىزمۇ>> ناملىق ناخشىنى يۇقۇرى ماھارەت ۋە چىن ھىسسىيات بىلەن ئورۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. يېقىندا يەنە << ياشلىما >> ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ كەڭ ئاڭلىغۇچىلارغا سۇندى. ئۇنىڭ ئاڭلىغۇچىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى- دوستلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر، تەنقىدى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى شۇنداقلا يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارغا ياققۇدەك لىرىك كۈيلەرنى ئورۇنلاپ كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاڭلىغۇچى دوستلارنىڭ كۆڭۈل ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ھارماي ئىزدىنىۋاتىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئوقۇشى ۋە سەنئەت ھاياتىغا ئەڭ زور ئۇتۇقلارنى، شۇنداقلا شانلىق نەتىجىلەرنى تىلەيمىز!





|