رامىلە كىرەم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان ، 1998-يىلى تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن رابىيە مۇھەممەت مۇئەللىمدىن بىلىم ئالغان.كىيىن ئۆزلىكدىن ئۆگىنىش نەتىجىسدە 2004-يىلى شىنجاڭ بىڭتۈەن ناخشا ئۇسۇل سەنئەت ئۆمكىگە ئىمتاھان بىرىپ ياخشى باھالاردىن ئۆتۈپ شۇ يەردە ئورۇنلاشقان.
2005-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسى ئۇيۇشتۇرغان كىچلىكلەردە ئۆزنىڭ ئالاھىدە ئۇسلۇپ،ناخشىغا بولغان قىزغىن كەيپىياتى بىلەن كەڭ كۆرۈلمەنلەرنىڭ كۆپ قىتىم ئالقىشغا ئىرىشكەن.
رامىلە كىرەم 2010-يىلى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسى cctv ئۇيۇشتۇرغان ياشلار ناخشىچىلار نەق مەيداندا ماھارەت ئۆتكۈزۈش چوڭ مۇسابقىسىدە ئايرىم ئايرىم بىرىنجى ۋە ئىككىنجىلىكنى ئىلىپ زور ئۇتۇقلارنى شان شەرەپلەرگە ئىرىشتى.
ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر رامىلە كىرەمنى تۇنۇيدۇ،ھەمدە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدۇ

|