يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 54 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاتاغلىق چاقچاقچ..
مۇھەممەتجان سادى..
بۇ يىل 8-ئايدا ش ئ..
شەھەرلىشىش ۋە مە..
ئۈرۈمچىدىكى ماتو..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
شىنجاڭ مەكىت ناھ..
«ھالاكەت دېڭىزى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
ئابدۇكېرەم ئابلى..
تىببىي جەۋھەر شى..
مەخپىيەتلىك فىلى..
2012ئارمان ئانىلار..
مېھرىبان ئانىلىر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇ..
ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ھازىرقى تىلىۋىزىيە ئېل..
ئاتاغلىق چاقچاقچىمىز تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولد..
ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
مەخپىيەتلىك فىلىمىنى كۆرۈڭ!..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..

 
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 54 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

باياتىن بىر بۇرادىرىمدىن يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئاكىمىزنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىشەنمەي قالدىم- دە، دەرھال يەنە بىر بۇرادىرىمگە تېلېفون قىلىپ، يارمۇھەممەد ئاكىمىزنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن دوختۇرخانىغا ۋاپات بولغانلىقى، مېيىتىنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتۇشقا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم. يارمۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تونۇش- بىلىشلىرى بۇ خەۋەرنى ئۇقۇپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا مېيىتى جېددىيلا ئېلىپ مېڭىلىپتۇ. ئاكىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ئاكىمىزنىڭ مېيىتى بۈگۈن ئاتۇشقا يەتكۈزۈلسە ئەتە نامىزى چۈشۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئاتۇش ۋە قەشقەردىكىلەر ئىمكانىيىتى بولسا ئالاقىلىشىپ نامىزىغا ئىشتىراك قىلالىشى مۇمكىن.

يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق 1958-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1997-يىلغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئۆز ئالدىغا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.
«قۇتادغۇبىلىك»شۇناس، پېداگوگ يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە پېداگوگىكىغا ئائىت تېمىلاردا يازغان نۇرغۇن ماقالىلىرى، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت» ناملىق كىتابلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق، ئىرادىلىك ۋە جاسارەتلىك ئاپتور بۇ يىل يەنە پەلسەپىۋى ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى رومانلاشتۇرۇپ ئىشلەپ جەمئىيەتكە سۇندى. «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن» دېگەن تېمىدىكى بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن «ھايات بوسۇغىسىدا»، «قۇتادغۇبىلىك دەرسخانىسى» دېگەن قىسىملىرىنى نەشر قىلدۇرغان. «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» ناملىق بۇ كىتابى ئۇنىڭ 21-ئەسىردىكى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن سوۋغا قىلغان خالىس تۆھپىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور كىتابتا خەلقىمىز كۈتۈۋاتقان ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرگە ماھىرلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، كىتابنى يېتەكلەش خاراكتېرى يۇقىرى ئاممىباب مەسلىھەتچىگە ئايلاندۇرغان.
بىلىشىمىزچە، ئاكىمىزنىڭ قولىدا تېخى تاماملانمىغان ئىلمىي ئەمگەكلەر بولۇپ، بۇ ئەمگەكلەر «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانى لۇغاتىت تۈرك» نىڭ شەرھىيسىگە ئائىت قىممەتلىك ئەمگەكلەر ئىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. قالۇئىننەللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئون!

[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-6-11 11:42:28  كۆرۈلۈشى : 1840 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682