سەلتەنەت شىركىتى ساخاۋەت ئىشلىرىغا 15 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئاتاغلىق چاقچاقچ..
مۇھەممەتجان سادى..
بۇ يىل 8-ئايدا ش ئ..
شەھەرلىشىش ۋە مە..
ئۈرۈمچىدىكى ماتو..
بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
شىنجاڭ مەكىت ناھ..
«ھالاكەت دېڭىزى ..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا ..
ئابدۇكېرەم ئابلى..
تىببىي جەۋھەر شى..
مەخپىيەتلىك فىلى..
2012ئارمان ئانىلار..
مېھرىبان ئانىلىر..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇ..
ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن ھازىرقى تىلىۋىزىيە ئېل..
ئاتاغلىق چاقچاقچىمىز تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولد..
ئۇيغۇر قىزى ئايگۈل مەمەت ئامېرىكا تالانت سەھنى..
ئۇيغۇر دېھقان پەرھاتنىڭ 12 مىليونلۇق قوي..
غۇلجىدا غەلىتە مەخلۇق بايقالدى..
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى..
مەخپىيەتلىك فىلىمىنى كۆرۈڭ!..
قىرىندىشمىز راھىلەگە بىلەت تاشلاپ قويايلى!..
داڭلىق بالا چولپانىمىز ئېرفان ئېيتقان ناخشا:«B..

 
سەلتەنەت شىركىتى ساخاۋەت ئىشلىرىغا 15 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى

13-ماي چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ سەلتەنەت شىركىتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنى شىنجاڭ تۇمارىس مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا سەلتەنەت شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋاكالەتچىلىرى، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ ئەزالىرى، شۇنداقلا ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى.

\
\


يىغىندا << سەلتەنەت >> شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مەمەتئېلى ئابدۇرېھىم بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار، ۋاكالەتچىلەر، ئاخبارات ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە سەلتەنەت شىركىتىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىنى قىسقىچە بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئەپەندىگە 15 مىڭ يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ، بۇ پۇلنى ياردەمگە ئەڭ مۇھتاج كىشىلەرگە بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى.

 

\
ئۈرۈمچى خەير-ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللىكتىپىنىڭ مەسئۇلى ھەسەنجان ئابدۇراخمان بۇ پۇلنى تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن بىرگە، <<سەلتەنەت>> شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مەمەتئېلى ئابدۇرېھىمنىڭ بۈگۈن رەسمىي ھالدا ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىغا ئەزا بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىلىرىدىن تۇرسۇن ھەسەن، ھاجى مۇختار بۇغرا شۇنداقلا سەلتەنەت شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رىياسەتچىسى ئۈمىد غەنى ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلىپ << سەلتەنەت >> شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك بولغان كىيىملەرنى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇر كىيىم-كېچەك ساھەسىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
 
\
 
مەمەتئېلىنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلىرىنى كۆرگەن نەق مەيداندىكى ۋاكالەتچىلەرمۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل يىغىپ، ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا نۇرلان قوش تىل بالىلار باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ساخاۋەتچى ئاتىلارنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىغا 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.
 
\
 
 
ياش كارخانىچى << سەلتەنەت >> شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مەمەتئېلى ئابدۇرېھىم
 
\
 
ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ھاجى مۇختار بۇغرا سۆز قىلماقتا
 
\
 
سەلتەنەت شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى،شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئۈمىد غەنى سۆز قىلماقتا

يىغىن ئاخىرىدا ئەل سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزدىن ئەيسابەگ، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ شوخ ناخشىلىرى ئارقىلىق يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.
 
\
\
[ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-5-18 12:57:31  كۆرۈلۈشى : 557 قېتىم]

 

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682