خېنەن مەنزىرىلىك ساياھەت رايونىدا «لى فامىلىلىك» ھەقسىز ساياھەت قىلىش بېلىتى تەسىس قىلىنغان |


جۇڭگو ئاخبارات ئاگنتلىقى خەۋرى جىنجۇ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى تېلگىراممىسى: جۇڭگو ئىچكىرىدىكى بىر مەنزىرلىك رايونىدا يېڭى كۆتۈرۈلگەن باھا ئېقىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا، خېنەن 5A مەنزىرىلىك رايونىدا يېڭى قائىدە چىقىرىلغان: جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ فامىلىسى لى بولۇپ، كىملىكىگە ئاساسەن 2012-يىلى ھەقسىز ساياھەتكە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خېنەن ئۆلكىسى لەنچۈەن ناھىيىسىدىكى لاۋجۈن تاغلىق مەنزىرىلىك رايوندا، بۇ يىل «1-ماي» ۋاقتى مەزگىلىدە بۇ خىل ئېتىۋار پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان. مەنزىرىلىك رايوننىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى شۈلېينىڭ ئېيتىشىچە، 5-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە كۆپلىگەن ساياھەتچىلەر بىلمىگەنلىكتىن، ياكى كېنىشكىسىنى ئېلىۋالمىغانلىقتىن، لى فامىلىلىك ھەقسىز بىلەت ئېلىش ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئاران يۈز نەچچە ئادەم بولغان. بۇ مەنزىرىلىك رايوننىڭ كىرىش بىلىتى 80 يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، ھەر يىلى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 70 تۈمەن ئەتراپىدا بولغان. يېڭىدىن دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى دەپ ئاتالغان. بۇمۇ جۇڭگو ئىچىكىرى ئۆلكىلەردىكى سۈپەت دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكە ئايرىلغان. شۈلېي، لى فامىلىسى پۈتكۈل يەرشارىدا چوڭ سالماقنى ئىگىلىگەن، بىراق، نۆۋەتتە چىگرا سىرتىدىكى لى فامىلىلىكلەر ھەقسىز بېلەتكە ئۇچرىتالمىغان، «ئەگەر ئۇلار ئىناۋەتلىك كېنىشكىسىنى كۆرسەتسە، ھەقسىز بىلەتتىن بەھرىلىنەلەيدۇ» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.
سىتاتىسكىدىن كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 130 ئۆيلۈك، 5A دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايوننىڭ جانلىنىش مەزگىلىدىكى كىرىش بېلىتى، يېرىمغا يېقىن 5A دەرىجىلىك رايوننىڭ كىرىش بېلىتى 100 يۈەنگە يەتكەن، بىر قىسىمدىن ئارتۇق 5A دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايوننىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسى 200 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر قېتىم جاڭجياجېينى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن 3 قېتىم لۇفۇگۇڭنى ئايلىنىشقا توغرا كېلىدىكەن. «لى فامىلىلىك ھەقسىز ساياھەت بېلىتى» بۇ ئىش، ناھايىتى تېزلا ئەتراپتىكى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان. تورداشلار قىزىقچىلىق قىلىپ، ئەتە فامىلەمنى ئۆزگەرتكىلى بارمىسام دېسە، يەنە بەزى تورداشلار بولسا مەنزىرىلىك رايوندا زىيان تارتىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەن، چۈنكى «لى دېگەن بىر كەڭ تارقالغان فامىلە». لاۋجۈن تېغى، ئەسلى ئىسمى جىڭشى تېغى بولۇپ، داۋجياۋ دېنى تەيشاڭ لاۋجۈن تەرىپىدىن لاۋجۈن تېغى دەپ ھازىرغا قەدەر تەرىپلەنگەن. شۈ لېينىڭ دېيىشىچە، لاۋجۈن تېغى لى فامىلىلىك بىلەن ناھايىتى بەك مەنبەسى بولۇپ، بۇ مەنزىرىلىك رايوننىڭ لى فامىلىلىكلەرگە بەرگەن ھەقىسز بېلەتنىڭ سەۋەبى. بۇنىڭدىن سىرت، ساياھەتچىلەر يۇقىرى تۆمۈر يولى بېلىتى، 5 يۇلتۇرلۇق مېھمانساراينىڭ بېلىتى بىلەن 5 پىرسەنتلىك ئېتىۋار قىلىشتىن بەھرىلىنىدۇ.
[ئاپتورى : مەنبەسى : ۋاقتى : 2012-5-3 14:11:29 كۆرۈلۈشى : 800 قېتىم] |
|