بويى 2.26مېتىر كېلىدىغان گىگانىت يىگىت كوچىدا ناخشا ئېيتىپ پۇل غەملىدى - Information|news|mp3|mtv|Movies|flash|Pictures|Star|Company|Software|Games...
بۈگۈن : , بالىلار بايرىمىغا يەنە -311 كۈن بار
| تىزىملىتىش | سېستىمىغا كىرىش | ئىزدەش | تەكلىپ - پىكىر | باش بەت قىلىۋېلىڭ

باش بەت خەلىقئارا
مەملىكەت
شىنجاڭ
مەدىنىيەت
ئىقتىساد
تەنتەربىيە
كۆڭۈل ئېچىش
پەن - تېخنىكا
سۈرەتلىك
 
 
 
تېمىسى مەزمۇنى ئىنكاس  
   ئاۋات خەۋەرلەر

 

ئۇيغۇرلارنىڭ مىل..
بىر دۆت ئايال 50 م..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋ..
ياپونىيەلىك ئايا..
خېنەن مەنزىرىلىك..
گۇيجۇدىكى كان قۇ..
بويى 2.26مېتىر كېل..
«بېيجىڭدا ئۇچرىش..

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ياپونىيەلىك ئايا..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنج..
جۇڭگولۇق ئايال ق..
2012 - يىللىق ئاسپى..
نەنچاڭدىكى قاتنا..
ئىلىمىز سائەلىك ..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

جۇڭگولۇق ئايال قوغدىغۇچىلار تۇنجى قېتىم ۋەھشىي..
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى..
نەنچاڭدىكى قاتناش ساقچىسىغا قېلىنغان ئۆكتەملىك..
11 ياشلىق سەبىي قىز ياپيالىڭاچ ھالەتتە تىلەمچى..
چوشقا قۇتاندا يالىڭاچ يىتىشقا ئامراق قىز..
ئالاھىدە ساقچىلار نۇمۇسىنى سېتىش ئۇۋىسىنى تۇيۇ..
ئايالى قىز چىقمىغانلىغى ئۈچۈن ئەر ئايالىنىڭ 40..
ماۋزېدۇڭنىڭ تۇنجى قىز دوستىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى..
ئاجايىپ مۆجىزە! ۋۇخەندە بىر كۆزلۈك غەلىتە مۈشۈ..
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دېلوسىن..

 
بويى 2.26مېتىر كېلىدىغان گىگانىت يىگىت كوچىدا ناخشا ئېيتىپ پۇل غەملىدى

مەنبە: news.xinhuanet.com

  • 2012-04-12 05:06
  • بويى 2مېتىر26سانتېمېتىر كېلىدىغان يىگىت قىز دوستىنىڭ يارىمى ئاستىدا كوچىلاردا غەزەلخانلىق بىلەن پۇل توپلىدى
    داۋالاش پۇلىنى يىغىش ئۈچۈن بۇ بويى 2مېتىر26سانتېمېتىر كېلىدىغان يىگىت لەينىڭ غەزەلخانلىق بىلەن پۇل توپلىدى
    ئەنخۈيلۈك«گىگانىت ئادەم»جاڭيۇڭمېڭ ياخشى كىشلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغىنىغا رەھمەت ئېيىتتى
    بۇ گىگانىت يىگىت لىيۇۋدېخۇانىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن،بىر ئايال ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدىكى ئاياغ كورۇپكىسىغا 20يۈەن پۇلنى تاشلىدى،جاڭيۇڭمېڭنىڭ قىز دوستى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ رەھمەت ئېيىتتى.تۈنۈگۈن،مۇخبىر يەنە بىر قېتىم ئىلگىرى مودېل مېڭىپ پۇل تېپىپ تاراتقۇلاردا داڭقى چىققان بۇ ئەنخۈيلۈك يىگىتنى كۆرگەندە،ئۇنىڭ قولىدا ھاسا بار بولۇپ،مەيگاۋ مېترو بېكىتى ئالدىدا ناخشا ئېيتىۋاتاتتى،ئۇنىڭ ئېيىتقان ناخشىسى بەكمۇ مۇڭلۇق ئىدى،قىز دوستىمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تۇراتتى.
       
     تونۇشۇش بەكمۇ كومىدىيەلىك،باشتا مۇھەببىتى ئۇنچە بەك ياخشى ئەمەس ئىدى

    بويى 2مېتىر 26سانتېمېتىر كېلىدىغان بۇ يىگىت 1985-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،2008-يىلى نەنجىڭدە تونۇلغان،ھەمدە تاراتقۇلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم خەۋەردە تونۇشتۇرۇلغان.بۇ قىز بىلەن بۇ يىگىتنىو تونۇشۇشنى سۆزلەپ كەلسەك،بىر خىل كومىدىيەلىك،بۇ قىز لىشو شەنشىلىك بولۇپ،2010-يىلى3-ئاينىڭ25-كۈنى ئۆيىدە تېلىۋىزور كۆرۈپ «يېزىلاردىكى چوڭ بايقىلىش»پروگراممىسىدىكى جورا ئىزدەش ئېلانىنى كۆرگەندە بۇ گىگانىت يىگىتكە قىزىقىپ قالغان،پروگراممىدا بۇ گىگانىت يىگىت كوچىدا ناخشا ئېيتىۋاتقان بولۇپ،ئۇ ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق ئېگىز يىگىتنىڭ توي قىلمىقى جورا ئىزدىمىكى چوقۇم بەك تەس دەپ ئويلىغان،ئەينى ۋاقىتتا لىشو 25ياشقا كىرگەن بولۇپ،يېزىسىدىكى بۇ ياشتىكى قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى توي قىلىپ بولغانىدى،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى يېشىنىڭ چوڭلاپ كېتىۋاتقىنىدىن جىددىيلىشىپ ئۇنى تېزدىن بىرەرى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىشقا ئالدىراتقان،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئېگىز بويلۇق يىگىتلەرگە ئامراق بولغاچقا،تېلىۋىزوردا كۆرگەن يىگىت ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەي تۇرىۋالغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ پوروگراممىدىن خاتىرىلىۋالغان تېلىفۇن نومۇرىغا ئاساسەن يىەىتكە تېلىفۇن قىلغان،لېكىن تېلىفۇننى ئالغان ئۇ ئۆزى بولماستىن باشقا ئەر بولۇپ،ئۇنىڭ ھازىر ئالدىراشلىقىنى بىكا بولغاندا ئۇنىڭ قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان،ئەتىسى بولغاندا قىز يىگىتكە قايتىلاپ تېلىفۇن قىلماستىن،مىكرو بىلوگدا ئادەم ئىزدەش ئېلانى چىقارغان،ئىككىنچى كۈنى كەچتە دەل يىگىتنىڭ تېلىفۇنىنى تاپشۇرىۋالغان،ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان قىز لىشونىڭ يۈرەكلىرى ھاياجاندىن قاتتىق سوقۇپ كەتكەن،شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككىيلەن دائىم تېلىفۇندا پاراڭلىشىپ تۇرغان،ئۇچۇر يوللاشقان،چ چ دا پاراڭلاشقان،شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى بارغانسىرى يېقىنلاپ ماڭغان،2010-يىلى7-ئايدا لىشو نەنجىڭغا كېلىپ بۇ گىگانىت يىگىت بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن،ئاندىن تورخانىدىن خىزمەت تېپىپ ئىشلىگەن،گىگانىت يىگىت بولسە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئويۇن قويۇش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن،ئىككىسى باشتا پەقەت چىقىشالمىغان.يىگىت قىزنى بەك ئىچ مىجەزكەنسىز ئايرىلىپ كېتەيلى دېسىمۇ قىز قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىمىغان.
       
    يىگىت يارىلانغاندىن كېيىن،بىردىنبىر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگىنى لىشو بولغان

    ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا،گىگانىت يىگىت شاڭخەيدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن سول پۇتىنىڭ سۆڭگەچ بوغۇمىنى يارىلاندۇرىۋالغان،ئەينى ۋاقىتتا،لىشو يەنىلا ئۇنى نەنجىڭغا ئېلىپ كېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئويلاشقان،لېكىن ئۇنىڭ بەدەن شەكلى نورمال كىشلەرنىڭكىدىن پەرقلەنگەچكە،دوختۇرخانا ئۇنىڭغا مەخسۇس داۋالاش ئۈسكۈنىسى ياساپ بېرىش ئۈچۈن 200مىڭ يۈەن كېتىدۇ دېگەن،غايەت زور داۋالاش راسخوتى ھەم ئەزەلدىنلا نامرات ئائىلىسىنىڭ شارائىتى ئۇنى داۋالاشقا قاتنىشىشتىن يالتايتىدۇ،پۇتى يارىلانغاندىن كېيىن ئۇ ئويۇن قويۇشقا بارالمايدۇ،تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدىن ئامالسىز قىز دوستىنىڭ قولىغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ،پۇل تېپىش ئۈچۈن گىگانىت يىگىت ئامالسىزلىقتىن كوچىغا چىقىپ ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپماقچى بولىدۇ،باشتا ئۇ ئۆزىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ،لېكىن قىز دوستىنىڭ ئۆزىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىدىن بۇ ئىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ.
     
    جاپالىق ناخشا ئېيتىپ،نۇرغۇن ياخشى كىشلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش
    ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن مەيگاۋ مېترو بېكىتى ئالدىدا ناخشا ئېيىتقان بولۇپ،كاناي ساندۇقىنى دوستى تەمىنلەپ بەرگەن،ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئويۇن قويغاندا چۈشكەن رەسىملىرىنى ھەمدە يارىلىنىش ئەھۋالىنى يېزىپ مەخسۇس تاختا تىكلىگەن،كاناي ساندۇقىنىڭ توكىنى ياخشى نىيەتلىك دۇكاندارلار تەمىنلەپ بەرگەن،يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياردەم قولىنى سۇنغان،بۇ كۆرۈنۈشلەردىن گىگانىت يىگىت بەكمۇ تەسىرلەنگەن،يېنىدا ئىزچىل ئايرىلماي ھەمراھ بولغانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلىنىپ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلغان.مۇخبىر ئەگەر قىز دوستىڭىز سىزدىن ئايرىلىپ كەتسە چىدامسىز؟دەپ سورىغاندا ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ،ياق،مەن چوقۇم ياخشى ياشايمەن.ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ يېنىمدىن ئايرىمايمەن دېگەن.

    [ئاپتورى :   مەنبەسى :   ۋاقتى : 2012-4-13 0:38:37  كۆرۈلۈشى : 2222 قېتىم]

     

    شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,  خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn  ,  ئالاقە QQ نۇمۇرى : 396896928  , ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453  ,   ICP10201682